دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۇيغۇر ئېلىپبەسى نەشىر قىلدى
2007.07.12
چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە ئۆگىنىش تەلىپىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپبە تۈزۈلۈپ نەشىر قىلىندى. كىتابنى ئاتىللا قاسىم تۈزگەن بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى.
80 بەتتىن تەركىپ تاپقان بۇ ئېلىپبە رەڭلىك رەسىملەر بىلەن بېزەلگەن بولۇپ، ئېلىپبەنىڭ ئاخىرىدىكى ئوقۇش مەشقى بۆلۈمىدە ئۇيغۇر تارىخىغا، مەدەنىيىتىگە ۋە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جۇغراپىيىسىگە ئائىت مەلۇماتلارمۇ بېرىلگەن. كىتابنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۆسمۈر- بالىلار ئوقۇيدىغان ئېلىپبەدىن ئەڭ زور پەرقى، بۇ ئېلىپبەدە قىزىل گالىستۇك تاقىغان بالىلارنىڭ بولماسلىقى، خىتاينىڭ 5 يۇلتۇزلۇق قىزىل بايرىقىنىڭ ئورنىغا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنىڭ شۇنداقلا 1933-يىلى ئېلان قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت گېربىنىڭ رەسىملىرىنىڭ قويۇلغان بولۇشى ئىدى.
ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئېلىپبەلەردە قىزىل ئارمىيە، كومپارتىيە ۋە ماركىسىزم ئىدىيىسى تەشۋىق قىلىنغان قىسقا ھېكايەت ۋە ماقالىلەر يەر ئالغان بولسا، بۇ ئېلىپبەدە ئۇيغۇرلارنىڭ داڭلىق شەخسلىرى تونۇتۇلغان ماقالىلەر، مىللەتپەرۋەرلىك تەرىپلەنگەن شېئىرلار، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتى ۋە گۈزەل ئەدەپ - ئەخلاق ئۆگىتىلگەن ھېكايىلەر بېرىلگەن.
ئاپتور ئېلىپبەنىڭ كىرىش سۆزىدە بۇ ئېلىپبەنى تۈزۈپ چىقىشىدىكى سەۋەپ ئۈستىدە توختىلىپ: ئۇيغۇر دىيارىدا چىقىرىلغان ئېلىپبەلەرنىڭ كىرىش بېتىدىكى بوينىغا قىزىل گالىستۇك ئاسقان ھالدا، خىتاينىڭ قىزىل بايرىقىنى چىقىرىۋاتقان ئۆسمۈرلەرنىڭ رەسىملىرى قەلبىمدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئۈچۈن ئىسمى- جىسمىغا لايىق، ئۇيغۇرغا خاس بولغان بىر ئېلىپبە تۈزۈش ئىستىكىنى پەيدا قىلدى، دەپ يازغان. بىز ئاپتور ئاتىللا قاسىم ۋە بۇ كىتابنى نەشىر قىلدۇرغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نەشرىيات ۋە تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندىلەر بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. (ئەركىن تارىم)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- رۇس ئالىمىنىڭ نەزىرىدىكى ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخى
- تىل- مىللىي قەدىرىيىتىمىزنىڭ بەلگىسى
- ئۇيغۇر تارىخىدىن كەلگەن قەھرىمان پېرسوناژ - قارا ئوغلان
- ئۇيغۇرشۇناسلىق غەرب دۇنياسىدا تېخىمۇ تەرەققى قىلىدۇ
- خىتاي ھۆكۈمىتى تۈركىيىدە كوڭزى ئىنىستىتۇتى قۇرماقچى
- شائىر، ئالىمە پاتىگۈل سابىتوۋانىڭ 70 ياشلىقى قۇتلاندى
- در. ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى مەسىلىلىرى تېمىسىدىكى دوكلاتى
- تۇرپاندىكى قەدىمىي شەھەرلەر ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىماقتا
- "قەدىمىي جۇڭگۇ زادى قانچىلىك چوڭ ئىدى" دېگەن ماقالىنىڭ ئاپتورى بىلەن سۆھبەت
- تەيۋەن ئوتتۇرا مەكتەپ تارىخ دەرسلىك كىتابىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەندىن كېيىن بەس مۇنازىرىلەر ئەۋج ئالدى
- 30 - ئۆكتەبىر ۋەقەسىگە 25 يىل
- كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن" ناملىق ئەسەر ئىستانبۇلدا نەشىر قىلىندى