ئۇكرائىنىيىدىكى پرېزىدېنت سايلىمى


2004.11.23

ئۇكرائىنىيە پرېزىدېنت سايلىمىدا ساختىلىق كۆرۈلگەن دەپ ئەيىبلىگەن ئۇكرائىنىيە پرېزىدېنت كاندىداتى ۋىكتور يۇشېنكو سەيشەنبە كۈنى ئۇكرائىنىيە پايتەختى كيېۋ شەھىرىنىڭ مۇستەقىللىق مەيدانىغا توپلاشقان 200 مىڭغا يېقىن قوللىغۇچىلىرىنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ غەلىبە قىلغانلىقىنى جاكارلىدى ھەمدە خەلقئارانى بۇنى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىردى.

200 مىڭدىن ئوشۇق كىشى سايلام نەتىجىسىگە نارازى بولۇپ نامايىش ئۆتكۈزدى

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يەكشەنبە كۈنى ئېلىپ بېرىلغان ئۇكرائىنىيە پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ نەتىجىسىدە، ٪ 99.38 سايلام بېلىتى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان ستاتىستىكىغا ئاساسلىنىپ، نۆۋەتتىكى ئۇكرائىنىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور يانۇكوۋىچ ٪ 49.42 ئاۋازغا، ئۆكتىچى پرېزىدېنت نامزاتى ۋىكتور يوشىنكو بولسا ٪ 46.70 ئاۋازغا ئېرىشكەنلىكى ئېلان قىلىنغان ئىدى. ئەمما، ئۆكتىچى نامزات يوشىنكو بۇ نەتىجىدىن نارازى بولۇپ، يانۇكوۋىچ تەرەپنىڭ سايلامدا چىدىماسلىق قىلغانلىقىنى ۋە سايلامنىڭ ئادىل ئېلىپ بېرىلمىغانلىقىنى ئەيىپلىدى. شۇنداقلا ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ھىمايە قىلغۇچىلىرىنى كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلىشقا چاقىردى. نەتىجىدە دۈشەنبىدىن ھازىرغىچە بولغان مەزگىلدە پايتەخت كيېۋدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىدا 200 مىڭدىن ئوشۇق يوشىنكونىڭ قوللىغۇچىلىرى يىغىلىپ، سايلام نەتىجىسىگە قارشىلىق بىلدۈردى.

خەۋەردە مەلۇم بولۇشىچە، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان سايلام نەتىجىسى، سايلام پونكىتلىرىدىكى خەلق رايىنى سىناش تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە پۈتۈنلەي ماس كەلمىگەن. ئۇكرائىنىيىدىكى خەلق رايىنى سىنايدىغان بىر قانچە مۇستەقىل ئورگانلىرى سايلام پونكىتلىرىنىڭ چىقىش ئېغىزىدا بېلەت تاشلاپ چىققان كىشىلەر ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە پرېزىدېنت سايلىمىدا ئۆكتىچى نامزات يوشىنكو ئۇتۇپ چىققان.

يوشىنكونىڭ قوللىغۇچىلىرى سايلامدا ئېغىر ساختىلىق قىلىش ئەھۋالى كۆرۈلگەنلىكىدە چىڭ تۇردى

يوشىنكونىڭ قوللىغۇچىلىرى نۆۋەتتە سايلامدا ئېغىر ساختىلىق قىلىش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى ئەيىپلەۋاتقان بولۇپ، يوشىنكو خەلقنى ئۇكرائىنىيە مەركىزى سايلام كومىتېتى ئېلان قىلغان سايلام نەتىجىسىگە ئىشەنمەسلىككە چاقىردى. شۇ سەۋەپتىن ئۇكرائىنىيە پارلامېنتى سەيشەنبە كۈنى بۇ ھەقتە جىددىي يىغىن چاقىرىشقا مەجبۇر بولدى.

ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە خەۋەر تورىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئۇكرائىنىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن نامايىشچىلارنىڭ سانى دۈشەنبىدىن سەيشەنبىگىچە بولغان ئارىلىقتا تېز سۈرئەتتە كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار قىشنىڭ سوغاق ھاۋاسىغا قارىماستىن مۇستەقىللىق مەيدانى ئالدىدا تىنچ قارشىلىق بىلدۈردى ھەمدە يوشىنكونىڭ ئۇتقانلىقى جاكارلانمىغىچە ئۇلارنىڭ بۇ يەردىن كەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. نامايىشچىلار توپىغا ھەتتا يوشىنكونى قوللايدىغان نۇرغۇن ساقچىلارمۇ قاتناشقان. مەزكۈر يىغىلىش پايتەخت كيېۋ شەھىرىدىن باشقا يەنە، ئۇكرائىنىيدىكى لىۋىۋ، تېرنوپېل، ۋىنىتسىيا ۋە ئىۋانو-فرانكىۋىسك قاتارلىق 4 چوڭ شەھەردىمۇ داۋام قىلماقتا. ئامېرىكا " مىراس فوندى جەمئىيىتى" نىڭ رۇسىيە ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئىشلىرى مۇتەخەسىسى كوھېن ئەپەندى ئۇكرائىنىيە پرېزىدېنت سايلىمى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

" بېشىدىن تارتىپلا ئۇكرائىنىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تېلېۋىزىيە، مەتبۇئات، سىياسىي تەسىرى ۋە ئۇكرائىنىيىنىڭ رۇسلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان شەرقىي رايونلىرىدىن پايدىلىنىپ، سايلام نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسەتكەنلىكى توغرىسدا سۆز-چۆچەك تارالغان. ئەمەلىيەتتىمۇ بىز يېقىنقى بىر ئىككى كۈندىن بۇيان ئۇكرائىنىيىدىكى بىر قانچە مۇستەقىل ئورگانلارنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ سايلامدا ساختىلىق قىلغانلىقىنى ئەيىپلىگەنلىكىدىن خەۋەردار بولدۇق. نۆۋەتتىكى مەسىلە ئۆكتىچى تەرەپنىڭ كېيىنكى قەدىمىنى قانداق بېسىشىدا".

نامايىشچىلار كيېۋنىڭ ئاساسلىق قاتناش يوللىرىنى قامال قىلدى

ئۇكرائىنىيە پارلامېنتىدا باش مىنىستىر يانۇكوۋىچنى قوللايدىغانلار كۆپ سانلىقنى ئىگەللەيدىغان بولۇپ، ئۆكتىچى يوشىنكونىڭ قوللىغۇچى گۇرۇپپىسىدىكىلەر، ئەگەر پارلامېنت بۇنىڭغا ھېچقانداق چارە قوللانمىسا، نامايىشچىلارنىڭ كيېۋدىكى ئاساسلىق قاتناش يولى، ئايرودروم ھەتتا شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىنالىرىنى قامال قىلىشقا مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا "مىراس فوندى جەمئىيىتى" نىڭ مۇتەخەسىسى كوھېن ئەپەندى ئۇكرائىنىيە ئۆكتىچى گوروھىنىڭ قانۇنىي ۋە مەمۇرىي يول بىلەن سايلام نەتىجىسىگە جەڭ ئېلان قىلالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇندا دېدى:

"ھازىر ئۆكتىچىلەرنىڭ ئالدىدا ئىككى خىل يول بار. بىرى قانۇنىي يول بىلەن سايلام نەتىجىسىگە جەڭ ئېلان قىلىپ، بۇ قېتملىق سايلامدا نۇرغۇن جەھەتلەردىن قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى، بولۇپمۇ ئۇكرائىنىيە پارلامېنتىنىڭ سايلامغا قاتناشماسلىقنى چەكلەش بەلگىلىمىسىنىڭ ئۆزى قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى ئەرز قىلىش. يەنە بىر يول، خەلق بىرلىشىپ نامايىش ئۆتكۈزۈپ سايلام نەتىجىسىگە داۋاملىق نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەتتا نۆۋەتتىكى ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش. ئادەتتە بۇ ئاساسلىقى خەلقنىڭ كەيپىياتىنىڭ قانچىلىك يۇقىرى بولىشىغا باغلىق".

رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن يانۇكوۋىچنى قوللىدى

باش مىنىسىتىر يانۇكوۋىچنى رۇسىيە ھۆكۈمىتى يېقىندىن قوللايدىغان بولۇپ، رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن سايلام نەتىجىسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، يانۇكوۋىچنىڭ سايلامدا ئۇتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ۋە ئۇنى تەبرىكلىگەن. ئەمما ئۆكتىچى گۇرۇھتىكى يۇشىنكونى قوللايدىغان غەرپ ئەللىرى بولسا سايلام نەتىجىسىدىن نارازى بولدى، ھەتتا ئۇكرائىنىيە ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ سايلام نەتىجىسىگە مۇداخىلە قىلىش ھەرىكىتىنىڭ غەرپ ئەللىرىنىڭ ئۇكرائىنىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا بىرلىگىمۇ ئۇكرائىنىيەدىكى بۇ سايلامنىڭ ئادىل بولۇش ياكى بولماسلىقى، ئۇكرائىنىيىنىڭ ئامېرىكا ۋە ياۋروپا بىرلىگى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بەلگىلەيدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.