ئۇكرائىنىيىدە ئۆكتىچىلەر مەملىكەت بويىچە ئاممىۋىي ئىتائەتسىزلىك ھەرىكىتى قوزغىدى


2004.11.25

ئۇكرائىنىيە ئالى سوت مەھكىمىسى سايلام نەتىجىسىنى توڭلاتتى

ئۇكرائىنىيە ئالى سوت مەھكىمىسى پەيشەنبە كۈنى ھۆكۈم چىقىرىپ، ئۇكرائىنىيە پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ نەتىجىسى توڭلىتىلغانلىقىنى جاكارلىدى. ئالى سوت مەھكىمىسى، ئۆكتىچىلەرنىڭ سايلام ھەققىدىكى ئەرزى ئۈستىدىن كېلەر ھەپتە ھۆكۈم چىقارغانغا قەدەر، سايلام نەتىجىسىنىڭ توڭلىتىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇكرائىنىيە ئالى سوت باياناتچىسى ليېنا شلياپۇشنىكوۋا، "سايلام نەتىجىسى ئۆكتىچىلەرنىڭ ئەرزنامىسىنى كۆرۈپ چىقىش تاماملانغانغا قەدەر ئېلان قىلىنمايدۇ،" دەپ تەكىتلىگەن. ئالى سوت مەھكىمىسى بۇنىڭغىچە سايلام نەتىجىسىنىڭ ئىناۋەتلىك دەپ قارالمايدىغانلىقىنى قارار قىلغان.

ئۇكرائىنىيىدىكى ئۆكتىچىلەر، 21 - نويابىردىكى پرېزىدېنت سايلىمىدا ساختىپەزلىك ۋەقەلىرى يۈز بەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئۇكرائىنىيە ئالى سوت مەھكىمىسىگە داۋا ئاچقان. ئۇكرائىنىيە مەركىزىي سايلام كومىتېتى، چارشەنبە كۈنى ھازىرقى باش مىنىستىر ۋىكتور يانۇكوۋىچنىڭ سايلامدا غەلىبە قىلغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

ئۆكتىچىلەر خەلقنى ئاممىۋى ئىتائەتسىزلىككە چاقىردى

ئۆكتىچىلەر رەھبىرى ۋىكتور يوشىنكۇ، پەيشەنبە كۈنى ئۇكرائىنىيە خەلقىنى مەملىكەت بويىچە ئومۇمىي ئىتائەتسىزلىك ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى. ئۆكتىچىلەر، ئۇكرائىنىيە مىللىي قۇتقۇزۇش كومىتېتى قۇرۇپ، دېموكراتىيىنى قوغداشنى قارار قىلغان. بۇ ئارىدا ئۇكرائىنىيىنىڭ غەربىدىكى رايونلاردا رۇسىيىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش پارتلىدى.ئۆكتىچىلەر ئۇكرائىنىيىدىكى بەزى خەلقئارا تاشيوللارنى قامال قىلىپ، ھەر قايسى جايلىرىدىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنى يۇشىنكونىڭ رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلىشقا ئۈندىگەن.

يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا غەلىبە قىلغانلىقى ئېلان قىلىنغان ۋىكتور يانۇكوۋىچ، رۇسىيەپەرەسلىكى بىلەن تونۇلغان ئىدى. ئۆكتىچىلەر رەھبىرى يوشىنكۇ، سايلام نەتىجىسىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلاپ، قايتا سايلام ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

سايلامدا غەلىبە قىلغانلىقى ئېلان قىلىنغان باش مىنىستىر يانۇكوۋىچ، كېيىف شەھەر مەركىزىدىكى ئۆكتىچىلەر بىلەن يۈزمۇ- يۇز سۆھبەت ئېلىپ بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىش ئالدىدىكى ئۇكرائىنىيە پرېئىزدېنتى كۇچىما، ئۇكرائىنىيە ئىچكى ئۇرۇشنىڭ بوسۇغىسىغا كېلىپ قالغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان . ئۆكتىچىلەرنى سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىپلىگەن پرېزىدېنت كۇچىما، " ۋەزىيەت ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ كونتروللىقى ئاستىدا،" دەپ تەكىتلىگەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقى سايلام نەتىجىسىنى قوبۇل قىلمىدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا، كۇچىما ھۆكۈمىتىنى نامايىشچىلارغا قارشى زوراۋانلىق كۈچ قوللانماسلىققا ئاگاھلاندۇردى. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقىي ئىشلار كومىسارى سولانا، ئۇكرائىنىيىدىكى سايلام ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: " بىزنىڭچە ئۇكرائىنىيە سايلام كومىتېتى سايلام نەتىجىسىنى ئېلان قىلغاندا، سايلام جەريانىدىكى ساختىپەزلىكلەر ھەققىدىكى نارازىلىقلارنى ئويلاشمىغان، بىز تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئويلىشىمىز. بىراق شۇ نۇقتا ئېنىقكى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئۇكرائىنىيە مۇناسىۋىتى، ئۇكرائىنىيىنىڭ دىموكراتىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە باغلىق". سولانا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇكرائىنىيە ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان سايلام نەتىجىسىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى ئۇكرائىنىيىنىڭ سايلام نەتىجىسىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى كولىن پوۋېلل، پەيشەنبە كۈنى " بىز سايلام نەتىجىسىنىڭ قانۇنىيلىقىنى ئېتراپ قىلمايمىز، چۈنكى سايلام خەلقئارا ئۆلچەملەرگە ئۇيغۇن ئەمەس". دەپ جاكالىغان ئىدى. رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن، ئالدىدا ئۇكرائىنىيە باش مىنىستىرى يانۇكوۋىچنى سايلامدا غەلىبە قىلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلىگەن.بىراق ئۇزۇن ئۆتمەي سايلامنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى چىققانغا قەدەر بىتەرەپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان .

رۇسىيە - ياۋروپا باشلىقلار يىغىنى ئۇكرائىنىيە كرىزىسىنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلدى

رۇسىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پەيشەنبە كۈنى گائاگادا ئۆتكۈزگەن باشلىقلار يىغىنى، ئۇكرائىنىيىدىكى سىياسى كرىزىسنىڭ كۆلەڭگۈسى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلدى. رۇسىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سايلام بىلىتىنى قايتىدىن ساناش توغرىسىدىكى چاقىرىقى، ئۇكرائىنىيىدىكى ئۆكتىچىلەرنى قانۇنسىزلىق ۋە زوراۋانلىققا كۈچكۈرتىش بىلەن باراۋەر، دەپ ئەيىپلىگەن.

بىراق ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى، جوسېي مانۇئېل باراسو، رۇسىيىنىڭ ئەيىپلىشىنى ئىبارىسى قاتتىق سۆزلەر بىلەن رەت قىلغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: "بىزنىڭ ئۇكرائىنىيە سايلىمىدىكى نارازىلىقلارنى بىلدۈرۈش مەجبۇرىيىتىمىز بار. نارازىلىقنى ئوچۇق - ئاشكارا ئىپادىلەشتىكى مەقسەت، مەسىلىگە غەيرى زوراۋانلىق يوللىرى ئارقىلىق ھەل قىلىش چارىسى تېپىشدۇر."

رۇسىيە پرېزىدېنتى، پەيشەنبە كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن گائاگادا سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئۇ، ئۇكرائىنىيە پرېزىدېنت سايلىمىدىكى ئىختىلاپنى سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارى بويىچە ھەل قىلىش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. بۇ ئارىدا ئۇكرائىنىيىدىكى ئۆكتىچى كۈچلەرنىڭ سايلام نەتىجىسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتى جۈمە كۈنى 5 - كۈنىگە كىردى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.