ئۇكرائىنىيە پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ تەقدىرى ئالى سوتنىڭ ھۆكۈمىگە قالدى


2004.11.29

ئۇكرائىنىيە ئالى سوت مەھكىمىسى ئۆكتىچىلەرنىڭ سايلام جەريانىدا ساختىپەزلىك ۋەقەلىرى يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدىكى ئەرزنامىسىنى كۆرۈپ چىقىشقا باشلىدى. شۇنداقلا، ئۆكتىچىلەر، ۋەزىپىدىن ئايرىلىش ئالدىدىكى ئۇكرائىنىيە پرېزىدېنتى كوچىماغا ئۇلتۇماتۇم تاپشۇرغان. ئۇكرائىنيىنىڭ شەرقىي - جەنۇبىيدىكى بىر قىسىم ئوبلاستلار، ئاپتونومىيە ياكى مۇستەقىللىق جاكارلايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا.

ئۇكرائىنىيە ئالى سوت مەھكىمىسى دۈشەنبە كۈنىدىن باشلاپ ئۆكتىچىلەرنىڭ سايلامنى بىكار قىلىش ھەققىدىكى ئەرزنامىسىنى كۆزدىن كۆچۈرۈشكە باشلىدى. ئالى سوت مەھكىمىسىنىڭ دىلو ئۈستىدىن ئاخىرقى ھۆكۈمنى چىقىرىشى ئۈچۈن بىر قانچە كۈن كېتىشى مۇمكىن. ئۆكتىچى كۈچلەرنىڭ رەھبىرى يۇشىنكونىڭ قوللىغۇچىلىرى بىلەن سايلامدا غەلىبە قىلغانلىقى ئېلان قىلىنغان يانۇكوۋېچنىڭ قوللىغۇچىلىرى دۈشەنبە كۈنى ئۇكرائىنىيە ئالى سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ كۈچ كۆرسەتتى.

ئالى سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارى، كرىزىس ئىچىدىكى ئۇكرائىنىيە ۋەزىيىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتىغا ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. ئۆكتىچىلەر كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان ئۇكرائىنىيە پارلامېنتى شەنبە كۈنى قارار ماقۇللاپ، 21 - نويابىردىكى پرېزىدېنت سايلىمىنى ئىناۋەتسىز، دەپ جاكارلىغان. شۇنداقلا ئۇكرائىنىيە مەركىزى سايلام كومىتېتىنىڭ قارارلىرىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. پارلامېنتنىڭ قارارى ئۆكتىچى كۈچلەرگە ئىلھام بەرگەن بولسىمۇ بىراق، بۇ قارار قانۇنى جەھەتتە مەجبۇرلاش كۈچىگە ئىگە ئەمەس.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇكرائىنىيە ئاساسى قانۇنى بويىچە سايلام نەتىجىسىنى ئېلان قىلىش ھوقۇقى ئۇكرائىنىيە مەركىزى سايلام كومىتېتىنىڭ ئىلكىدىكى ھوقۇق بولۇپ، ئالى سوت مەھكىمىسى سايلامنىڭ قانۇنلۇق ياكى قانۇنسىزلىقىنى جاكارلاش ھوقۇقىغا ئىگە. شۇڭا سايلام نەتىجىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ئالى سوتنىڭ ھۆكۈمىگە باغلىق بولۇپ قالغان.

ئۆكتىچىلەر، ۋەزىپىدىن ئايرىلىش ئالدىدىكى ئۇكرائىنىيە پرېزىدېنتى كۇچىماغا بەرگەن ئۇلتۇماتۇمنىڭ ۋاقىت قەرەلى توشۇشقا ئاز قالدى. ئۆكتىچى كۈچلەر، يەكشەنبە كۈنى پرېزىدېنت كۇچىمادىن باش مىنىستىر يانۇكوۋېچنى، شۇنداقلا مۇستەقىللىق جاكالايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان شەرقىي ئۇكرائىنىيىدىكى بەزى ئوبلاست باشلىقلىرىنى ئەمىلىدىن ئېلىپ تاشلاشنى تەلەپ قىلغان. ئۆكتىچىلەر، پرېزىدېنت كۇچىمادىن مەركىزى سايلام كومىتېتىنى ئۈزگەرتىپ تەشكىل قىلىش، شۇنداقلا ئۇكرائىنىيە تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ مۇستەقىللىق جاكالايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان شەرقىي ئۇكرائىنىيىدىكى بەزى ئوبلاست باشلىقلىرىنىڭ جىنايىي جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۇرۇشىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۆكتىچىلەر رەھبىرى زىماشىنكو، “ئەگەر ھۆكۈمەت ئۆكتىچىلەرنىڭ يۇقىرىقى تەلەپلىرىنى قاندۇرمىسا، مەملىكەت خاراكتىرلىك نارازىلىق ھەرىكىتى قوزغايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.

نۆۋەتتە ئۆكتىچىلەرنىڭ ئۇكرائىنىيە پايتەختى كىيېفتىكى نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشى داۋام قىلماقتا. نامايىشچىلار ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنى قورشىۋالغانلىقتىن ئۇكرائىنىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى كابىنتى بىلەن پرېزىدېنت ئىشخانىسىنىڭ خىزمىتى پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالغان. ئۆكتىچىلەر، ئالى سوتنىڭ سايلامنى بىكار قىلىش قارارى چىقىرىدىغانلىقىغا ئىشەنچ بىلەن قارىماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىرگە سايلامدا غەلىبە قىلغانلىقى ئېلان قىلىنغان يانۇكوۋېچنىڭ شەرقىي ئۇكرائىنىيىدىكى قوللىغۇچىلىرى، ئەگەر ئۆكتىچىلەر رەھبىرى ياشىنكو پرېزىدېنت بولسا شەرقىي ئۇكرائىنىيىدىكى بەزى ئوبلاستلار، ئۇكرائىنىيىدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ مۇستەقىللىق جاكارلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

يانۇكوۋېچ يەكشەنبە كۈنى قوللىغۇچىلىرىغا سۆز قىلىپ، كرىزىس بۇنداق داۋام قىلىۋەرسە دۆلەتنىڭ يىمىرىلىشكە قاراپ ماڭىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. شەرقىي ئۇكرائىنىيىدىكى ئوبلاستلار، مەركىزى سايلام كومىتېتى ئېلان قىلغان سايلام نەتىجىسىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، يانۇكوۋېچنى ئۇكرائىنىيە پرېزىدېنتى دەپ تونۇيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئۇكرائىنىيىنىڭ شەرقىدىكى دونسكىي ئوبلاستى كېلەر يەكشەنبە كۈنى مەزكۇر ئوبلاستنىڭ ئۇكرائىنىيىدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ، ئاپتونومىيە ئېلان قىلىشنى ئومۇمىي خەلق ئاۋازىغا قويۇشنى قارار قىلغان. ئۇكرائىنىيىنىڭ شەرقىي ۋە جەنۇبىدىكى بەزى ئوبلاستلارنىڭ نوپۇسى، رۇس تىلىدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەرنى ئاساس قىلىدۇ. سايلامدا غەلىبە قىلغانلىقى ئېلان قىلىنغان يانۇكوۋېچ ، ئىلگىرى دونسكىي رايونىنىڭ ئوبلاست باشلىقى بولغان ئىدى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر ئۇكرائىنىيىنىڭ شەرقىدىكى ئوبلاستلار ئاپتونومىيە ياكى مۇستەقىللىقنى ئومۇمىي خەلق ئاۋازىغا قويسا، بۇ ئۇكرائىنىيىنىڭ ئىككىگە بۆلۈنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۈمكىن. چۈنكى 48 مىليونلۇق ئۇكرائىنىيە نوپۇسىنىڭ 3 دەن 2 قىسىمى، مەزكۇر دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى رۇسىيە بىلەن چىگىرىلىنىدىغان رايونلارلارغا تارقالغان. ئۇكرائىيىدىكى بۆلۈنىش خەۋپى ئاستىدا ئۇكرائىنىيە پرېزىدېنتى ليئونېد كۇچىما، ئۇكرائىنىيىدىكى سىياسى كرىزىسنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىن- بىر يولى، قايتا سايلام ئېلىپ بېرىش، دەپ جاكارلىغان.

كۇچىما دۈشەنبە كۈنى "ئەگەر بىز تىنچلىق ۋە بىرلىكنى، شۇنداقلا دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇشنى ئۈمىد قىلساق...... قايتا سايلام ئېلىپ بېرىش كېرەك" دەپ تەكىتلىگەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرىشىچە، كۇچىمانىڭ سۆزى ئۆكتىچىلەر رەھبىرى ياشىنكوغا بولغان خەلق ھىمايىسىنى كۈچەيتىۋەتكەن. بۇ ئارىدا ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى كولىن پوۋېلل دۈشەنبە كۈنى كۇچىما بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىپ، ئامېرىكىنىڭ ئۇكرائىنىيىنىڭ بۆلۈنۈپ كېتىشىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.