ئۇكرائىنىيەنىڭ پرېزىدېنت سايلىمى يەكشەنبە كۈنى غەلبىلىك ئاياقلاشتى، سايلامدا غەرىب پەرەس ئۆكتىچىلەر رەھبىرى يوشىنكو كۆپ ئاۋاز بىلەن غەلبىگە ئېرىشىپ، ئۇكرائىنىيىنىڭ يېڭى پرېزىدېنتى بولۇپ سايلاندى.
ئۇكرائىنىيە مەركىزى سايلام كومىتىتىنىڭ سايلام نەتىجىسىنى خۇلاسىلاپ ئېلىپ بارغان ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، يوشىنكوغا بېرىلگەن ئاۋاز ئۇكرائىنىيىنىڭ ھازىرقى مىنىستىرى يانىكوۋىچقا بېرىلگەن ئاۋازدىن كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن، سايلامدا غەرىبچى ئۆكتىچىلەر رەھبىرى يوشىنكو غەلبە قازاندى.
ئۇكرائىنىيە دۆلەت مەجلىسى نۆۋەتتە، يېڭى پرېزىدېنتنىڭ قەسەم ئىچىپ، ۋەزىپە تاپشۇرۇۋىلىش مۇراسىمى ئۈچۈن جىددى تەييارلىق كۆرمەكتە.
ئۇكرائىنىيىنىڭ بۇ قېتىمقى سايلىمى ئىنتايىن داغ-دۇغلىق ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، سايلامدا بېلەت تاشلاش نىسبىتى ٪ 77 كە يەتكەن شۇنىڭدەك سايلام پائالىيەتلىرى تەرتىپلىك ۋە ئىنتايىن تېنچ ئېلىپ بېرىلغان.
كراتىك سايلام
ئامېرىكا سايلام كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇكرائىنىيىدە 3 - قېتىم ئېلىپ بېرىلغان سايلام، ئۇكرائىنىيە تارىخىدىكى ئەڭ دېموكراتىك ئېلىپ بېرىلغان سايلام ھېسابلىنىدىكەن.
ياۋرۇپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى كۈزەتكۈچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى سايلامنى ئۇيۇشتۇرۇش خىزمىتى ئىنتايىن ياخشى ئىشلەنگەن بولۇپ، پايتەخت كېيىفتىكى سايلام خىزمەتلىرى ياۋروپانىڭ ئۆلچەملىرىگە تامامەن ئۇيغۇن كەلگەن.
ياۋروپانىڭ ئۇكرائىنىيە سايلىمىنى كۈزەتكۈچى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تەكىتلىشىچە، ياۋرۇپا مەجلىسى ئۇكرائىنىيىنىڭ بۇ قېتىمقى پرېزىدېنت سايلام نەتىجىسىدىن رازى بولىشى كېرەك ئىكەن. ياۋروپانىڭ ئۇكرائىنىيە سايلىمىنى كۈزەتكۈچى ۋەكىللەر ئۆمىكى يەنە، ئەگەر ياۋرۇپا ئىتتىپاقى تۈركىيىنى ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا قوبۇل قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقان بولسا، ئۇنداقتا ئۇكرائىنىيىنى ئىشىك سىرتىدا قالدۇرۇپ قويماسلىقى كېرەك، دىگەن پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۇكرائىنىيىلىكلەر پەخىرلەنگۈسى
ئۇكرائىنىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ قارىشىچە، ئۇكرائىنىيىنىڭ يېڭى مەركىزى سايلام كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئۈنۈمى ئىنتايىن نەتىجىلىك ئېلىپ بېرىلغان.
غەرەبچە ئۆكتىچى پارتىيە رەھبىرى يوشىنكو 26 - دېكابىر كۈنى، ئۆزىنىڭ سايلامدا غەلبە قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. يوشىنكو ئۆزىنى قوللىغۇچىلارغا مۇنداق دىگەن: 'ئۇكرائىنىيە مۇستەقىل بولغان 14 يىلدىن بۇيان، ئاخىرى ئۆز ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈردى، يانىكوۋىچ قاتارلىق كىشىلەر ۋە ئۇنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ ۋۇجۇدى زوراۋانلىق ۋە يالغانچىلىق بىلەن تولغان، ئۇلار كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلمايدىغان ھاكىمىيەتنىڭ تارىخقا ئايلانغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ئەمەس، ئامما ئۇكرائىنىيە بۈگۈندىن ئېتىبارەن دېموكراتىك يېڭى بىر دەۋرگە قەدەم قويدى".
يۇشىنكو سۆزىدە يەنە: "يەنە بىر يىلدىن كېيىن ۋە ياكى بەش يىلدىن كېيىن، كىشىلەر تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە مۇنداق بىر سۆزنى قىلىشىدۇ: بۇ مېنىڭ زېمىنىم ئۇكرائىنىيە. دېمەك مەن بۇ دۆلەتنىڭ پۇقراسى بولغانلىقىم ئۈچۈن پەخىرلىنىمەن."
يوشىنكو يەنە، ئاخبارات مۇخبىرلىرى ھەمدە خەلقئارا سايلام كۈزەتكۈچىلىرىنىڭ ئۇكرائىنىيىنىڭ دېموكراتىيىسى ۋە ئەركىنلىك ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشقانلىقىنى مۈئەييەنلەشتۈرۈپ، ئۇلارغا يۇقىرى باھا بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كوۋىچنىڭ پىلانى
بۇ ئارىدا، ئۇكرائىنىيىنىڭ نۆۋەتتە باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان يانوكوۋىچ گەرچە ئۆزىنىڭ يېڭىلگەنلىكىنى ئىقرار قىلغان بولسىمۇ، ئەمما چوقۇم بىر كۈچلۈك ئوكتىچىلەر تەشكىلاتى تەشكىللەپ، قانۇنىي يوللار ئارقىلىق بۇ دۆلەتتە ئۆزلىرىنىڭ بەلگىلىك ئورنىنى تىكلەيدىغانلىقىنى، ھەمدە يېڭىدىن سايلانغان ھۆكۈمەتنىڭ پائالىيەتلىرى ئۈستىدىن نازارەت ئېلىپ بېرىپ، مەزكۇر ھۆكۈمەتنى خەلقنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئىش قىلىشقا مەجبۇرلايدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. (ئەقىدە)