ئۇكرائىنىيىنىڭ NATO غا كىرىشى خىتاينى ئەندىشىگە سالماقتا

0:00 / 0:00

ئۇكرائىنىيىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىرىشى، ئۇنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق قورال خېرىدارى بولغان خىتاينى ئەندىشىگە سالماقتا.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۇكرائىنىيە پرېزىدېنتى يېقىندا مەخسۇس كومىتېت قۇرۇپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش تەييارلىق خىزمەتلىرىنى باشلىۋەتكەن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ئۇكرائىنىيىنىڭ ئەڭ ئىلغار تېخنىكىلار بىلەن قوراللانغان ھەربىي پاراخوتىدىن سېتىۋېلىش كويىدا جىددى ھەرىكەت قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى كۆپ ساراسىمە بولماقتا.