ب د ت نىڭ تۈرمىدىكى قىيناش ئەھۋالىنى تەكشۈرىدىغان ئالاھىدە ۋەكىلى خىتايغا باردى
2005.11.22

ب د ت ئالاھىدە ۋەكىلى نوۋاك ئەپەندى خىتايدىكى زىيارىتىدە بىر قىسىم ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە خادىملار بىلەن كۆرۈشۈشتىن سىرت يەنە، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان شەھەرلەردىكى بىر قانچە تۈرمىلەرگە بېرىپ، ئۇ يەردىكى مەھبۇسلارنىڭ قىيىن-قىستاققا ئۇچراش ئەھۋالى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىكەن.
ھازىرچە پىكىر بايان قىلىنمايدۇ
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى دىئاس ئەپەندى، ئالاھىدە تەكشۈرۈش ۋەكىلى مەنفرېد نوۋاكنىڭ خىتايدىكى زىيارىتىدىن كېيىن، تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن دوكلات چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
"نوۋاك ئەپەندى ئۆزى خىتايدىكى خىزمىتىگە ئاساسەن باھالاش ئېلىپ بارىدۇ. ھەر قانداق ئالاھىدە تەكشۈرۈش ۋەكىلى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشتىن بۇرۇن بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلمايدۇ. مېنىڭ سىزگە ئېيتىپ بېرەلەيدىغىنىم، ئۇنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئەۋەتتى. ئەمما ئۇ بىر مۇستەقىل تەكشۈرۈش خادىمى بولغانلىقى ئۈچۈن، تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ كونكرېت قارارىغا ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ".
زىيارەتتىن بۇرۇنقى تەييارلىق
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، خىتاينىڭ تۈرلۈك شەرت قويۇۋېلىشى سەۋەبىدىن بۇ مەسىلە ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغان بىرەر ئالاھىدە تەكشۈرۈش خادىمىنى خىتايغا ئەۋەتەلمەي كەلگەن ئىدى.
ۋەزىيەت ناھايىتى ئېغىر. قىيىن-قىستاققا ئېلىش ئەھۋالى ئومۇميۈزلۈك تارالغان ھەمدە ھەر قايسى دېلولار ناھايىتى ۋەھشى... ئېغىر قىيىن-قىستاق تىبەت ۋە شىنجاڭدا كۆپرەك بايقالدى ھەمدە بۇ قىيناش ئۇسۇلى دىنىي تەشكىلاتلارنى ۋە فالۇنگوڭچىلارنى باستۇرۇشقا ئىشلىتىلدى.
مەنفرېد نوۋاك ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم ئۇنىڭ سەپىرىگە ھېچقانداق شەرت قويۇۋالمىغان ھەمدە ئۇ، ئۆزى تاللىغان تۈرمىگە بېرىپ، خالىغان مەھبۇسلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارالايدىكەن.
نوۋاك ئەپەندى خىتايغا بېرىشتىن بۇرۇن ئاتاقلىق ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن سۆھبەتلەشكەن بولۇپ، بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان رابىيە خانىم ئۆزىنىڭ بۇ كىشى بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇنىڭغا ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەھبۇسلارنىڭ ۋەزىيىتى ۋە ئۇلارنىڭ قانداق قىيىن-قىستاق ۋە تەن جازالىرىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىرىگە ئاساسەن سۆزلەپ بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى: خىتايدا مەھبۇسلارنى قىيىن-قىستاققا ئېلىش ئېغىر
بىز يەنە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى باربارا خانىمنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ بىزگە خىتايدا ھەقىقەتەن مەھبۇسلارنى قىيىن-قىستاققا ئېلىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتتىكى بۇ ۋەزىيەتنىڭ بىر قەدەر جىددىيلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
"ۋەزىيەت ناھايىتى ئېغىر. قىيىن-قىستاققا ئېلىش ئەھۋالى ئومۇميۈزلۈك تارالغان ھەمدە ھەر قايسى دېلولار ناھايىتى ۋەھشى. بىزدە قاتتىق جازاغا ئۇچرىغان شەخسلەردىن ئالغان بىرىنچى قول ئىسپاتلار بار. ئۆتكەن بىر يىلدا ئاشكارىلانغان بەزى دېلولارغا قارىغاندا، بىر قىسىم ئۆلۈم جازالىرىنىڭ خاتا ھۆكۈم قىلىنىشى، قىيىن-قىستاق بىلەن باغلىنىشلىق بولۇپ چىققان. ئېغىر قىيىن-قىستاق تىبەت ۋە شىنجاڭدا كۆپرەك بايقالدى ھەمدە بۇ قىيناش ئۇسۇلى دىنىي تەشكىلاتلارنى ۋە فالۇنگوڭچىلارنى باستۇرۇشقا ئىشلىتىلدى".
باربارا خانىم يەنە، قىيىن-قىستاققا ئېلىش ئەھۋالىنىڭ خىتايدا بۇنداق ئومۇميۈزلۈك كۆرۈلۈشىگە، ساقچى خادىملىرىنىڭ ساپاسىنىڭ تۆۋەنلىكى سەۋەب بولغانلىقىنى ھەمدە بۇنىڭدا يەنە، دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، نوۋاك ئەپەندىنىڭ خىتايدىكى زىيارىتىنىڭ نەتىجىلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
ئۇيغۇر مكەسىلىسى خەلقئارانىڭ دىققتىنى تارتماقتا
ب د ت ئالاھىدە خادىمىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زىيارىتىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالغان ئۇيغۇر ئوبزورچىسى سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى، ب د ت ۋەكىلىنىڭ بۇ سەپىرىدىن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ خەلقئارا سەھنىسىدە مۇھىم ئورۇنغا كۆتۈرۈلىۋاتقانلىقىنى ھەمدە ئۇنىڭ خەلقئارانىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان بىر مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى سۆزىدە يەنە، خەلقئارا بېسىمىنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن ھەر قايسى دېموكراتىك دۆلەتلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتايغا بۇ ھەقتە داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىشى زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسى ئۆلۈم جازاسىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ھوقۇقىنى قايتۇرىۋالىدۇ
- ب د ت ئەمەلدارى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مەھبۇسلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ
- ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى خىتايدىكى ئەدىلىيە سېستىمىسىنى تەنقىدلىدى
- خىتاي ساقچى دائىرىلىرى نۇرمۇھەممەت ياسىننىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى
- ب د ت كىشىلىك ھوقوق مۇتەخەسسىسلىرى خىتايدىكى زىيارىتىنى باشلىدى