خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۈنسىرى كۆپىيۋاتقان ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن ھەمدە ئافرىقا ۋە كاسپى دېڭىزىدىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گازنىڭ خىتايغا يۈزلىنىشىنى كاپالەندۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرى ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخىرقى مەقسىدى توغرىسىدا ئەندىشلەندۈرىۋاتقان بىر پەيىتتە، خىتاينىڭ سىنوك نېفىت شىركىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ يۇنىكال نېفىت شىركىتىنى سېتىۋىلىش ئۈچۈن بەرگەن 18 مىليارد بەش يۈز مىليون دوللارلىق تەكلىپى ئامېرىكىدا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىدى.
خىتاي نېفىت شىركىتىنىڭ تەكلىپى شۇنداقلا، ئامېرىكىدا خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى توغرىسىدا پەرقلىق كۆز قاراشتا بولغان سىياسەتچىلەر ۋە مۇلاھىزىئىچىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇنازىرىلەرنىمۇ ئۆلغايتىۋەتتى.
ئوخشاش بولمىغان قاراشلار
ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر، خىتاي سىنوك نېفىت شىركىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ يۇنىكال نېفىت شىركىتىنى سېتىۋەلىش ئۈچۈن خېرىدار بولغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيادىكى نېفىت مەنبەلىرىنىڭ كونتروللۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ھەرىكىتىنىڭ بىر باسقۇچى دەپ قارىماقتا.
بەزى مۇلاھىزىچىلەر بولسا، خىتاي نېفىت شىركىتىنىڭ يۇنىكال نېفىت شىركىتىنى سېتىۋېلىش تەكلىپىنىڭ نورمال بىر ئىقتىسادىي پائالىيەت ئىكەنلىكىنى، بۇ ھەرىكەتنى باشقا تۈرلۈك تەبىرلەشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە .
ۋال ستىرىت ژورنال گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ نۇرغۇنلىغان ئەزالىرى ۋە ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خادىملىرى، خىتاي شىركىتىنىڭ ئامېرىكا نېفىت شىركىتىنى سېتىۋېلىش تەشەببۇسى ، كەلگۈسىدە ئامېرىكا ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى دۇنيانىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي رەھبەرلىكى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان توقۇنۇشنى تېزلىتىدىغانلىقىنى بايان قىلماقتا. لېكىن ئامېرىكىدىكى بەزى سودىگەرلەر ۋە ئىلمىي خادىملار، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتى خىتاينى تېخىمۇ دېموكراتلاشتۇرۇپ ، ئۇنى دۇنيانىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن مۇھىم رول ئوينايدىغان بىر دۆلەتكە ئايلاندۇرىدۇ، دېيىشمەكتە.
دۆلەت مەجلىسىدىكى يىغىن
قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتاي سىنوك نېفىت شىركىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ يۇنىكال نېفىت شىركىتىنى 18 مىليارد بەش يۈز مىليون دوللارغا سېتىۋېلىش تەكلىپى توغرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزالىرى، خىتاينىڭ شىركىتىنىڭ يۇنىكال شىركىتىنى سېتىۋېلىش تەكلىپنى تەنقىد قىلىپ، بۇ تەشەببۇسنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك مىللىي مەنپەئىتى ئۈچۈن بىر تەھدىد ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رە ئىسى دۇنكان ھۇنتەر يىغىندا قىلغان سۆزىدە، ئېنېرگىيىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك بىر ماددا ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ ئامېرىكىنىڭ مىللىي بىخەتەرلىكى مەسىلىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى .
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا سۆز قىلغان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر، خىتاي نېفىت شىركىتىنىڭ ئاساسلىق مەقسىدىنىڭ پەقەت ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئەمەس، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيادىكى ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنىڭ كونتروللۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
يىغىندا سۆز قىلغان سابىق ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات تەشكىلاتىنىڭ مۇدىرى جىمىز ۋۇلسى، "خىتاي شىركىتىنىڭ مەقسىتىنىڭ پەقەت ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش ئەخمەقلىق . بۇ خىتاي شىركىتىنىڭ ئىدارىچىلىرىنىڭ 70٪ پىرسەنتى خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن" ، دېدى.
يېقىندا، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئەزالىرىمۇ پرېزىدېنت بۇشقا بىر پارچە خەت ئەۋەتىپ، خىتاي نېفىت شىركىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ يۇنىكال نېفىت شىركىتىنى سېتىۋېلىش تەكلىپىگە گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭدىن، بۇ مەسىلىنىڭ ئامېرىكىنىڭ مىللىي بىخەتەرلىك مەسىلىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە دىققەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
يۇقۇرىدىكى ھەرىكەتلەرنىڭ تەسىرى بولسا كېرەك، پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق رايىنى سىناشتا، ئامېرىكا خەلقىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى، خىتاي سىنوك نېفىت شىركىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ يۇنىكال شىركىتىنى سېتىۋېلىشىغا قارشى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن . (قانات)