0:00 / 0:00
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ۋەكىلى بولمىغان مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 8 – نۆۋەتلىك ئومۇمى يىغىنى تەيۋەندە چاقىرىلدى. قىسقىچە ئىسمى UNPO بولغان بۇ تەشكىلاتنىڭ 10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى باشلانغان بۇ يىغىنغا 63 ئەزا دۆلەت ۋەكىللىرى قاتناشقان بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىبى دولقۇن ئەيسا ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ باش سېكرېتارى ئالىم سېيىتوف قاتارلىقلار قاتناشماقتا.
بۇ تەشكىلات دۇنيادا مۇستەقىل بولمىغان 250 مىليون كىشىنى ئوز ئىچىگە ئالغان بىر تەشكىلاتتۇر. بۇ يىغىن ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىش ئۈچۈن، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر ۋەكىللەر بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردى.