UNPO نىڭ 8 - نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىغا سۇنۇلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قارار ماقۇللاندى

0:00 / 0:00

ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى UNPO نىڭ 8-نوۋەتلىك قۇرۇلتىيى 2006 - يىلى 10 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تەيۋەننىڭ پايتەختى تەيبېي شەھرىدە ئاخىرلاشتى. يىغىن جەريانىدا UNPO غا ئەزا مىللەتلەرنىڭ ۋەزىيىتى ۋە مەۋجۇت بولىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان. بۇ ھەقتە قارار لاھىيىسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ماقۇللانغان.

ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن بۇ يىغىنغا قاتناشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە ھەيئىتى باشلىقى، ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى باش كاتىپى ئالىم سېيتوف تەييارلاپ سۇنغان ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدىكى قارار لاھىيىسى يىغىندا ماقۇللانغان.

بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردى.