ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان نازارەت كۈچەيتىلمەكتە

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ تور بەتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇلتۇر يازدا يۈز بەرگەن "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" دىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇغۇچىلارغا قاراتقان نازارەت كۈچەيتىلگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2010.10.11
5-Iyul-Urumqi-namayishidin-bir-korunush-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ 5 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﺗﯧﻨﭽﻠﯩﻖ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻳﺎﺵ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﻗﻮﻝ ﺷﯘﺋﺎﺭ ﺗﺎﯞﻻﭖ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
RFA ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارمۇ ھازىر ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن، ئىدىيىۋى تەلىم - تەربىيە كۈچەيتىلىپ، مەكتەپنىڭ تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا قاراتقان باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

يېقىندىن بۇيان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى، شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتى قاتارلىق مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ تور بېكەتلىرىدىكى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە بۇ مەكتەپلەردە، تۈرلۈك تەشۋىقات پائالىيەتلىرى كۆپىيىپ، مەكتەپ تۈزۈمى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن كۈچەيتىلگەن. بۇ مەكتەپلەردە يەنە ئوقۇغۇچىلاردىن تەركىب تاپقان "ئوقۇغۇچىلار قوغداش ئەترىتى"، " ئوقۇغۇچىلار بايراق ئەترىتى"دېگەندەك ئەترەتلەر قۇرۇلۇپ، ئۇلار مەكتەپ قوغداش بۆلۈمىگە ياردەملىشىپ، مەكتەپنىڭ ئامانلىق خىزمىتىگە مەسئۇل بولماقتا ئىكەن.

9 - ئۆكتەبىر شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتىنىڭ تور بېكىتىدە، بۇ يىل دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتىدا " ۋەتەننى سۆيۈپ، يۇرتنى گۈزەللەشتۈرۈش" تېمىسىدىكى خور ئېيتىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى ئېلىپ بېرىلغانلىقى، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىسى يامرىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىپ، بايرام مەزگىلىدە ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان باشقۇرۇش تۈزۈملىرى كۈچەيتىلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەكتەپ دائىرىلىرى بۇ پائالىيەتلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارغا قاراتقان ئىدىيىۋى تەلىم تەربىيە ۋە نازارەتنى يەنىمۇ كۈچەيتكەن.

ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئوقۇغۇچى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، نۆۋەتتە ئوقۇغۇچىلار باشقارمىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان "بايراق ئەترىتى" دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئەترەتنىڭ، مەكتەپ ئامانلىق قوغداش ئەترىتىگە ياردەملىشىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنتىزامىنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل ئىكەنلىكىنى، ئەمما زور كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇلارنى ياقتۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ئوقۇغۇچى سۆزىدە، ئادەتتە بۇ ئەترەتكە ئەزا ئوقۇغۇچىلارنىڭ، مەكتەپ دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئارخىپى تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن، ئىلغار ئوقۇغۇچى دەپ بېكىتكەن، كوممۇنىست ياشلار ئىتتىپاقىغا ئەزا، ياكى پارتىيىگە ئەزا بولۇش ئىلتىماسى يازغان ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىن تاللىنىپ قاتناشتۇرۇلىۋاتقانلىقىنى، مەكتەپنىڭ ئۇلارغا ھەر ئايدا ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان يەنە بىر مەكتەپ خىزمەتچىسى بايراق ئەترىتىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەزىپىسى ھەققىدە توختالدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بايراق ئەترىتىدىكى ئوقۇغۇچىلار، ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت ئالتىدىن 6 يېرىمغىچە بولغان ئارىلىقتا، مەكتەپ ئىچىدە دۆلەت بايرىقىنى چىقىرىشقا مەسئۇل بولغاندىن باشقا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتىگەنلىك كەچلىك تەكرار ئەھۋالى، ياتاق بىنالىرىنىڭ تىنچلىقى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ ھويلىسى ئىچىدىكى ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى تەكشۈرىدىكەن.

ئىگىلىشىمىزچە، مەكتەپ ئامانلىق ساقلاش ئەترىتىگە ياردەملىشىپ، ئوقۇغۇچىلارنى نازارەت قىلىدىغان بۇ خىل ئەترەت نۆۋەتتە ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا تەڭلا مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ناملىرى ئوخشىمايدىكەن.

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان، ئەمما كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئوقۇغۇچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغۇچىلار ئاكتىپلىرىدىن قۇرۇلغان بۇنداق ئەترەت "ئوقۇغۇچىلار قوغداش ئەترىتى" دەپ ئاتىلىدىكەن.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئەترەت ئەزالىرى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار باشقارمىسىدىن ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى ئەزاسى نامىدا ھەر ئايدا 100 يۈەن ئەتراپىدا ھەق ئالىدىكەن. ئۇلارنىڭ ئادەتتە ئوقۇغۇچىلار ئىنتىزامىنى تەكشۈرگەندىن باشقا يەنە، ئۆز سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيىۋى ئەھۋالىنىمۇ مەكتەپ دائىرىلىرىگە يەتكۈزۈش ۋەزىپىسى بولغىنى ئۈچۈن، ئوقۇغۇچىلار كۆپىنچە ھاللاردا ئۇلاردىن ئېھتىيات قىلىدىكەن.

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ تور بېتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇلتۇر 9 - ئايدىن بۇيان، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا "ۋەتەننى سۆيۈپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇش"، "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھىمايە قىلىش"، "دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشقا ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرۇش" قاتارلىق ئىدىيىۋى تەلىم - تەربىيە پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلغان. ئۇندىن باشقا بۇلتۇر 9 - ئايدىن بۇيان، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار باشقارمىسى يەنە، "2009 - 2010 ئوقۇش يىلىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ پسىخىك ئەھۋالى ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلەش ئىشخانىسى" نامىدىكى ئىشخانا قۇرغان ۋە بۇ ئىشخانىدا ئوقۇتقۇچىلارنى نۆۋەتچىلىككە قويۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پسىخىك ئەھۋالىنى ئىگىلەشنى كۈچەيتكەن.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىتى ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى ۋەزىيەتنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنىڭ مەكتەپلەرنى مەركەز قىلغان ھالدا، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى ئېلىپ بېرىپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا قاراتقان نازارەتنى كۈچەيتىشى، دائىرىلەرنىڭ رايوندىكى ئىلىم ئەھلىلىرىدىن بولغان ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا ھۆكۈمەتكە قارشى ھەرىكەتلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.