
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمىتى يېقىندا 11 - بەش يىللىق پىلان جەريانىدا يەنى كېيىنكى بەش يىل ئىچىدە ئۈرۈمچىنى خەلقئارالىق چوڭ مەركىزى شەھەرلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت يەنە خەلقئارالىق شەھەر قۇرۇش ئۈرۈمچىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات نىشانى قىلىپ بېكىتىلگىنى بىلەن دېڭىز بويى شەھەرلىرىنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتىگە باققاندا ئۇيغۇر ئېلى جۈملىدىن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ پەن تېخنىكا تەرەققىياتى ھەمدە ئىقتىسادى تەرەققىيات سۈرئىتى يەنىلا تولىمۇ ئارقىدا دەپ بىلدۈردى.
ئۈرۈمچىدىكى ھەر خىل تەرەققىيات
تەڭرىتاغ تور بېتىدە چارشەنبە كۈنى بۇنىڭغا دائىر بېرىلگەن خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۈرۈمچىنى ھازىر ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ بازارغا ئىگە، تەرەققىي قىلغان شەھەر دېيىشكە بولىدىكەن.
مەبلەغ سېلىش، ئىستىمال قىلىش ھەمدە ئېكىسپورت قىلىش ئۈرۈمچىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئۈچ چوڭ ئات كۈچى ھېسابلىنىدىكەن. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى 11 - بەش يىللىق پىلاندا بۇ ئۈچ چوڭ ساھەنى داۋاملىق تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بولۇپمۇ مەبلەغ سالغۇچىلارغا تېخىمۇ كەڭ يول ئاچماقچى ئىكەن.
ئۈرۈمچى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەدەنىيەت، ئىقتىساد، سىياسىي ھەمدە ترانسىپورت مەركىزى بولۇپلا قالماي ئۇ يەنە جۇغراپىيىلىك جەھەتتە ئاسىيانىڭ مەركىزىدۇر. ئۇ شۇنداقلا شەرق بىلەن غەرب مەدەنىيىتىنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم كۆۋرۈكلۈك رولىنى ئويناپ كەلگەن.
ئېلان قىلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە ئۈرۈمچىنىڭ تۇراقلىق نوپۇسى ئىككى مىليوندىن ئاشقان بولۇپ، بۇ شەھەر نوپۇسىنىڭ 83% تىن كۆپرەكىنى خىتاي نوپۇسى ئىگىلەيدۇ. 1950 - يىللارغىچە بۇ شەھەرنىڭ نوپۇسى 100 مىڭدىن ئاشمىغان، نۆۋەتتە بۇ شەھەر خىتاي بويىچىمۇ ئادەم ئەڭ زىچ شەھەرلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى.
تەرەققىيات ئېلىپ كەلگەن يېڭىلىقلار
خىتاي ھۆكۈمىتى 2010 - يىلى ئۈرۈمچى خەلقىنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيىگە يەتكۈزۈپ، خەلقئارالىق شەھەرگە ئايلاندۇرماقچى ئىكەن. ئۈرۈمچىنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدىكى تەشۋىقاتلار ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات پىلانلىرىغا ئۈرۈمچى خەلقى قانداق قارايدۇ؟
ئۈرۈمچى شەھرىنىڭ تەرەققىياتىغا باھا بېرىشكە ئۈرۈمچى خەلقى ئۆزى ھەممىدىن ھوقۇقلۇق ئەلۋەتتە. ئۈرۈمچىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئۈرۈمچىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇنداق باھا بېرىپ، گەرچە تەرەققىيات تىز بولغان بولسىمۇ، نوپۇسنىڭ زىيادە تىز كۆپەيگەنلىكى ۋە مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ ئېغىرلاپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى.
بۇ ياش يەنە نۆۋەتتە ئۈرۈمچىنىڭ خىتايلار ئولتۇراقلاشقان رايونى بىلەن ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان رايوندا تەرەققىي سۈرئىتى ئوخشىمىغانلىق سەۋەبىدىن تەبىئىي چېگرا ھاسىل بولغانلىقىنىڭ كۆرۈنۈپلا تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ ياش يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈرۈمچىنى ھەقىقىي تەرەققىي قىلدۇرىمىز دېسە، ئۇيغۇر ياشلىرىغىمۇ تەرەققىيات قۇرۇلۇشلىرىدا رول ئوينىشىغا پۇرسەت بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىپ زىيارەت قىلىپ كەلگەن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بولسا،ئۈرۈمچى ھەقىقەتەن تېز تەرەققىي قىلغاندەك كۆرۈنىدۇ، ئەمما تەرەققىياتنىڭ بەلگىسى بولغان شۇ ئىگىز ئىمارەتلەردە، كەڭرى كوچىلاردا، قىممەت باھالىق بازارلاردا ئۇيغۇرلارنى ئۇچراتماق ئىنتايىن تەس ئىكەن،ئۈرۈمچى تەرەققىي قىلغىنى بىلەن ئۈرۈمچىنىڭ ئەسلى ئىگىلىرى ئۇيغۇرلار بۇ تەرەققىياتلاردىن يىراق قىلىنغان،ئۈرۈمچىگە قاراپلا ئۇيغۇر ئېلىنى تەرەققىي قىلىپتۇ دېسە تېخىمۇ مۇۋاپىق ئەمەس چۈنكى باشقا شەھەر، ناھىيىلەر، يېزىلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۈرۈمچىگە ھەرگىزمۇ سېلىشتۇرغىلى بولمايدىكەن، يەرلىك ئۇيغۇر خەلقى بۇ تەرەققىياتلاردىن ھېچ بەھرىمان بولالمايدىكەن " دېگەندەك زىيارەت ھېسلىرىنى ئىپادىلىمەكتە. مەلۇماتلارغا قارىغاندا گەرچە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى تەرەققىي قىلىۋاتقان بولسىمۇ ئەمما ئۇ خەلقئارالىق شەھەر بولۇش شەرتىگە تېخى يىراق بولۇپ، ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋا بۇلغىنىش مەسىلىسى بولسا ئۇنىڭغا چوڭ ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەن. (گۈلچېھرە)