ئۈرۈمچى، خىتاي بۇيىچە بۇلغىنىش دەرىجىسى ئەڭ ئېغىر شەھەرگە ئايلاندى


2007.01.15

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 15 ‏- يانۋار كۈنى ئۈرۈمچىدىن بەرگەن خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە مۇھىتنى قوغداش خىزمىتىدە ئىنتايىن بەك ئارقىدا قالغان ھەمدە ئۆلچىمى بويىچە قىلىشقا تېگىشلىك بولغان مۇھىتنى قوغداش خىزمىتىنىڭ 70% ئى ئۆز پېتى قېلىپ، ھېچكىمنىڭ كارى بولمىغان. مەزكۇر خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، يېڭى يىل كىرگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچىدىكى ھاۋانىڭ بۇلغىنىش دەرىجىسى تېخىمۇ بەك ئېغىرلاشقان بولۇپ، مەزكۇر شەھەر "مەملىكەت بويىچە بۇلغىنىش دەرىجىسى ئەڭ ئېغىر شەھەر" گە ئايلانغان.

قارا تۇمان قاپلىغان ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرى مۇھىتنى نازارەت قىلىش مەركىزى، ئۈرۈمچىدە 1 ‏- يانۋار كۈنىدىن باشلاپ تا ھازىرغىچە، ئىس -تۇمان تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان بۇلغىنىشنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ھالەتكە يەتكەنلىكىنى مەلۇم قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا "ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاسمان بوشلۇقىدىكى قارا تۇمان 800 مېتىر قېلىنلىقتا بولۇپ، كىشىلەر قارا تۇمان ئىچىدە خۇددى يۇقىرى بېسىملىق قازان تېگىدە ياشاۋاتقاندەك ھېس قىلماقتا" دەپ بىلدۈرمەكتە.

خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلانغان لى جى "گەرچە 2000 ‏- يىلىدىن بۇيان شەھەرلىك ھۆكۈمەت ' كۆك ئاسمان ئىنشائاتى' پىلانى بويىچە، 490 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 3000 دىن ئارتۇق كۆمۈرنى يېقىلغۇ قىلىدىغان پار قازانلىرىنى يوقاتقان بولسىمۇ، ھازىرنىڭ ئۆزىدە بۇ خىل كۆمۈرنى يېقىلغۇ قىلىدىغان پار قازىنىدىن يەنە 5000 دىن ئارتۇقى بولۇپ، ئۇلاردىن چىقىۋاتقان قارا تۈتۈن پۈتۈن شەھەرنى قاپلىماقتا" دەپ بىلدۈرگەن.

"شىنجاڭ گېزىتى" مۇخبىرىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ھازىر ئۈرۈمچىدە چوڭ ‏- كىچىك ھەرخىل ئىسسىتىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ كۆپ ساندىكىسى كۆمۈرگە تايىنىدىكەن ھەتتا جۇ جياۋەن قاتارلىق جايلاردىكى ئائىلىلىكلەرنىڭ پار قازانلىرىمۇ پۈتۈنلەي كۆمۈرنى يېقىلغۇ قىلىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئېنېرگىيىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنىڭ تۆۋەنلىكى ۋە ئىسراپچىلىقىمۇ قىش پەسلىدىكى ھاۋانىڭ بۇلغىنىشىغا سەۋەبچى بولۇپ قالغان.

بۇلغىنىش كىشىلەرنى ئازابغا دۇچار قىلماقتا

رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر زىيالىي ئايال مەزكۇر شەھەردىكى ھاۋانىڭ بۇ يىل قىش پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن كۈنسېرى ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ يېقىنقى بىر ‏- ئىككى ئايدىن بۇيان بۇ خىل بۇلغانغان ھاۋا تۈپەيلىدىن كىشىلەر ئارىسىدا ب تىپلىك غەيرى زۇكام خاراكتېرلىك نەپەس يولى كېسەللىكى تارقىلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭمۇ يېقىندا بۇ خىل كېسەل بىلەن دوختۇرخانىدا يېتىپ چىققانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ، ھازىر ئۈرۈمچىدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ ھەممىسى دېگىدەك بۇ خىل كېسەللىككە گىرىپتار بولغان بىمارلار بىلەن توشۇپ كەتكەنلىكىنى مەلۇم قىلدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ زىيالىي ئايال سۆھبەت جەريانىدا، يەنە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ بۇ خىل بۇلغانغان ھاۋادىن كېلىپ چىققان كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، ۋاقتىدا داۋالانمىغانلىقتىن، ھاياتىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ خىل ئەھۋالدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋا بۇلغىنىشى مۇشۇنداق ئېغىر ھالەتتە بولسىمۇ، مەزكۇر جايدا، خىتايلارنىڭ چاغان بايرىمىنىڭ يېتىپ كېلىشىنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن، بۇلتۇرقىدىن ئۈچ ھەسسە كۆپ ساندا ساليوت بازارغا سېلىنماقتا ئىكەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۈرۈمچىلىك زىيالىي ئايال "ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋاسى بۇندىن ئىلگىرى ھېچقاچان بۇ دەرىجىدە ئېغىر بولۇپ باقمىغان. يېقىنقى بىر ‏- ئىككى يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ بۇ يىل ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋا مۇھىتى ئادەمنى چۆچۈتكۈدەك دەرىجىدە بۇلغىنىشقا باشلىدى. بۇ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئېقىپ كېلىۋاتقان، ئۆز مەنپەئىتىنىلا ئويلاپ، ئەتراپتىكى مۇھىتنىڭ بۇلغىنىپ كېتىشى بىلەن كارى بولمايۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ بارغانسېرى كۆپەيگەنلىكىدىن بولۇۋاتىدۇ " دەپ بىلدۈردى. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.