چەتئەللىكلەرگە ئۈرۈمچى خەلقئارالىق ئايرودرومىنىڭ ئۆزىدىلا بىۋاستە ۋىزا بېرىش سىياسىتى يولغا قويۇلىدىكەن

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئېلىدىن بېرىلگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 6 ‏- ئاينىڭ 10 ‏- كۈنىدىن باشلاپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردىن ساياھەت ۋە سودا ئىشلىرى شۇنداقلا مەدەنىيەت، پەن -تېخنىكا ئالماشتۇرۇش ئىشلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىغا بارماقچى بولغان چەت' ئەللىكلەرگە ئۈرۈمچى خەلقئارالىق ئايرودرومىنىڭ ئۆزىدىلا بىۋاستە ۋىزا بېرىش سىياسىتى يولغا قويۇلىدىكەن.

مەزكۇر ئۇچۇردىن خەۋەردار بولغان ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم زىيالىي ۋە ئانالىزچىلار " بىۋاستە ۋىزا بېرىش سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈلىشى مەزكۇر جاينىڭ سودا- ئىقتىسادىغا پايدا ئېلىپ كېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە قىزىقىدىغان ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدىغان، خىتاينىڭ قارا تىزىملىكىدىكى بىر قىسىم چەتئەل مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىشىغا يەنىلا توسقۇنلۇق ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن " دەپ قارىماقتا.

"شىنجاڭغا كەلمەكچى بولغان چەت' ئەللىكلەرگە كۆپ قولايلىقلار يارىتىپ بېرىش"

شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتىنىڭ تەستىقى بىلەن، 2007 ‏- يىلى 6 ‏- ئاينىڭ 10 ‏- كۈنىدىن باشلاپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردىن ساياھەت ۋە سودا ئىشلىرى شۇنداقلا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پەن -تېخنىكا ئىشلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىغا كېلىدىغان چەتئەل گراجدانلىرىغا مەزكۇر جاينىڭ ئۆزىدىلا بىۋاسىتە ۋىزا بېرىش سىياسىتى يولغا قويۇلىدىكەن. يەنى ئۇلار ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى خەلقئارا ئايرودرومنىڭ ئۆزىدىلا قولىغا ۋىزا ئالالايدىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ چەت ئەللىكلەرنى باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جىپىڭ،‏ " بۇنداق قىلىش ئارقىلىق جىددىي ئىش بىلەن شىنجاڭغا كەلمەكچى بولغان چەت' ئەللىكلەرگە كۆپ قولايلىقلار يارىتىپ بېرىلىدۇ، شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپلىگەن چەتئەللىكلەرنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ ساياھەت ۋە سودا ئىشلىرى بىلەن شۇنداقلا مەدەنىيەت ۋە پەن تېخنىكا ئالماشتۇرۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول ئېچىپ بېرىلىدۇ" دەپ بىلدۈرگەن.

2006 ‏- يىلىنىڭ ئۆزىدىلا، ئۇيغۇر ئېلىغا كەلگەن چەتئەللىكلەرنىڭ سانى 300 مىڭدىن ئاشقان

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەربنى ئېچىش سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇلىشى بىلەن، ئۇيغۇر ئېلىغا ساياھەت قىلىپ كېلىۋاتقان چەتئەللىكلەرنىڭ سانىمۇ ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە قارىغاندا، تېز سۈرەت بىلەن كۆپىيىشكە باشلىغان.

بۇ ھەقتىكى ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، 2006 ‏- يىلىنىڭ ئۆزىدىلا، ئۇيغۇر ئېلىغا كەلگەن چەتئەللىكلەرنىڭ سانى 300 مىڭدىن ئاشقان.

گەرچە، ئۈرۈمچىدىن بېرىلگەن بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە " شىنجاڭغا كەلگەن چەت' ئەللىكلەرگە بىۋاسىتە ۋىزا بېرىش سىياسىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سودا تەرەققىياتىغا زور پايدىلىق بىر ئىش " دەپ تەكىتلەنگەن بولسىمۇ، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى، دوكتور قاھار بارات ئەپەندى" بۇ خىل سىياسەتنىڭ يولغا قويۇلىشىنى ئىككى تەرەپتىن قارىغىلى بولىدۇ " دەپ بىلدۈردى.( مېھرىبان)