خوڭكوڭ "شىڭداۋ " گېزىتى: ئۈرۈمچىدە شەرقىي تۈركىستانچىلاردىن 10 نەچچىسى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن


2008.02.15

بىز خوڭكوڭدا چىقىدىغان " شىڭداۋ " گېزىتىنىڭ، ئۈرۈمچى ساقچى دائىرىلىرىنىڭ، چاغان بايرىمى ئالدىدا، تەڭرىتاغ رايونى بەخىت باغچىسى ئائىلىلىكلەر بىناسىدىكى ئۇيغۇر قارشىلىق كۆرسەتكۈچى كۈچلىرى بىلەن توقۇنۇشۇپ، 18 ئۇيغۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكى، توقۇنۇش جەريانىدا ئىككى خىتاي ساقچىسىنىڭ ئۆلگەنلىكى توغرىسىدا بەرگەن خەۋىرىنى ئىچكىرىلەپ ئېنىقلاش ئۈچۈن، بەخت باغچىسى ئاھالىلار رايونىغا يېقىن جايدىكى بىر خىتاي ئايالدىن يۈز بەرگەن ۋەقە ھەققىدە سۈرۈشتۈرۈش ئېلىپ باردۇق.

بىر خىتاي ئايالنىڭ ئىنكاسلىرى

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خىتاي ئايال، گەرچە يۈز بەرگەن ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرمىگەن بولسىمۇ، بىراق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىدىكى بىر دوستىدىن بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. ئۇنىڭ ئېيتقانلىرى بىلەن خوڭكوڭ مەتبۇئاتىنىڭ خەۋىرى ئاساسىي جەھەتتىن بىر ‏- بىرىگە يېقىن ماس كەلدى.

ئۇ خىتاي ئايال بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: "بىزنىڭ بۇ يەردە چىقىدىغان يەرلىك گېزىتلەر بۇ ۋەقە توغرىسىدا خەۋەر بەرمەي ۋەقەنى بېسىقتۇرۇۋەتتى. جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىدىكىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، شەرقىي تۈركىستانچىلار بىلەن ساقچىلار قوراللىق توقۇنۇشقان، ساقچىلاردىن ئادەم ئۆلمىگەن، شەرقىي تۈركىستان قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلىرىدىن خېلى كۆپ ئادەم ئۆلۈپتۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر ئىكەن."

مۇخبىر : "سىلەر ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا يېقىن بولغاندىكىن ئوق ئاۋازىنى ئاڭلىمىدىڭلارمۇ ؟" ئايال : "ياق، بىز ئۇ كۈنى ناھايىتى تېنچ ئۇخلىدۇق. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، شەرقىي تۈركىستانچىلارنىڭ ئۇۋىسى دەل بىزنىڭ بىنانىڭ ئەڭ ئاخىرىقى رېتىدىكى بىنا ئىچىدە ئىكەن."

بۇ ئايالنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بەخت يولى ساقچخانىسىنىڭ ساقچى باشلىقى بۇ ۋەقە تۈپەيلىدىن خىزمەتتىن بوشىتىۋېتىلگەن ئىكەن.

بەخت يولى ئەتراپىدىكى ئاھالىنىڭ ۋە ساقچىخانىنىڭ ئىنكاسلىرى

بىز بۇ ۋەقە ھەققىدە تېخىمۇ ئېنىقراق ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن، بەخت باغچىسىغا تەۋە بىر قانچە ئۆيگە تېلېفۇن ئۇردۇق. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزلىرىنىڭ بۇ ۋەقەدىن خەۋىرى يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسا، بەزى ئۇيغۇرلار بۇ ھەقتە سۆزلەشتىن باش تارتتى. " بۇنداق بىر گەپ ئاڭلىمىدۇق، ئەگەر ئۇنداق بىر ۋەقە يۈز بەرگەن بولسا بىز ئۆيدىن سىرتقا چىقالمىغان بولاتتۇق، بىزنىڭ گېزىتلەردىمۇ بۇ توغرىلىق خەۋەر بېرىلمىدى."

بىز بەخت يولى ساقچىخانىسىغا تېلېفۇن ئۇردۇق، ساقچى خادىم : " بۇ مەسىلە ھەققىدە مەن سىزگە جاۋاب بېرەلمەيمەن،" دېدى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئىنكاسى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىدىكى تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەتكە مەسئۇل بۆلۈمنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى" بۇنداق چوڭ ۋەقە يۈز بەرگەن بولسا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىلغان بولاتتى" دېدى.

مۇخبىر : "مەن بەخت باغچىسى رايونىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇش ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات ئالاي دېگەن ئىدىم، سىزنىڭ بۇنىڭدىن قانچىلىق خەۋىرىڭىز بار؟" مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى: "مېنىڭ بۇ ھەقتە سۆزلىشىم قولايسىز، چوڭ ۋەقەلەر يۈز بەرسە بىزنىڭ ئىدارە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچاتتۇق." مۇخبىر : "ھازىرچە، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچمىدىڭلار شۇنداقمۇ؟" مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى : "ھازىر تېخى ئاچمىدۇق." مۇخبىر : "يېقىندا ئاچامسىلەر." مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى: "بۇ تېخى ئېنىق ئەمەس."

شىڭداۋ گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستان گۇرۇھى 5 ‏- فېۋرال كۈنى پارتلىتىش قاتارلىق زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى قوزغاشنى پىلان قىلىپ، 5 ‏- فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 11 يىللىقىنى خاتىرلەش ئۈچۈن تەييارلىق كۆرۈۋاتقاندا، ساقچى تەرەپ ۋەقەدىن خەۋەر تېپىپ، ھەرىكەت قوللىنىپ بىر قىسىم قورال ۋە پارتلاتقۇچ بومبىلارنى قولغا چۈشۈرگەن ئىكەن.

شىڭداۋ گېزىتى ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسەن، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ نۆۋەتتە جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، ئولىمپىك ئۆتكۈزۈلۈش ھارپىسىدا تېررورلۇق ھۇجۇم قوزغاشنى، ھەتتا بىئو - خىمىيىلىك قوراللار بىلەن ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭغا كۆرە بېيجىڭ ئولىمپىك كومىتېتى نۆۋەتتە تېررورچىلىققا زەربە بېرىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، بولۇپمۇ '' شەرقىي تۈركىستان " تەشكىلاتلىرىنى ئولىمپىك بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان ئەڭ چوڭ دۈشمىنى دەپ قاراپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا چوڭ كۆلەملىك تېررورلۇققا زەربە بېرىش ھەرىكىتى قوزغايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئەپەندىنىڭ ئىنكاسى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئەپەندى بۇ ۋەقە ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ: "بېيجىڭ دائىرىلىرى، شەرقىي تۈركىستانچىلارنى ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى دەپ ئېلان قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇلارغا قاتتىق زەربە بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا جار سېلىۋاتقاندا، ئۈرۈمچىدىكى خىتاي ئاھالىلارنىڭ كۆپىنچىسى يۈز بەرگەن ۋەقەدە ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ' ئۇلار قالايمىقان ئادەم ئۆلتۈرمەيدۇ، بولۇپمۇ بىگۇناھ خەلقنى ئۆلتۈرمەيدۇ، بۇ بىر سىياسىي توقۇنۇش،' دېدى" دېدى.

يەنە بىر خىتاي ئايالنىڭ ئېيتىشىچە، سىياسى تۇس ئالغان بۇ توقۇنۇش ئادەتتىكى پۇقرالارغا تەھدىت ئەمەس ئىكەن.

سوئال : "شەرقىي تۈركىستانچىلار سىلەر ئۈچۈن تەھدىت ھېسابلىنامدۇ؟" جاۋاب : "تەھدىت ھېسابلانمايدۇ، شىنجاڭنىڭ بىخەتەرلىكى ئىنتايىن مۇقىم، شىنجاڭلىقلار بىگۇناھ پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلمايدۇ".

يۇقىرىدا سىلەر ئۈرۈمچىدە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ 18 نەپەر ئۇيغۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەر توغرىسىدا تەييارلىغان پروگراممىمىزنى ئاڭلىدىڭلار. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.