خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 27 -يانۋار توقۇنۇشى ئۈستىدە توختالدى
2008.02.19
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 19 -فېۋرال بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋ، تۈنۈگۈن يەنى 18 -فېۋرال كۈنى مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب قايتۇرۇپ، ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 27 -يانۋار توقۇنۇشى ھەققىدە توختالغان، ئۇ سۆزىدە، " بۇ بىر تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەت، بىزنىڭ قىلغىنىمىز، دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەتتىن پەرقسىز، بەلكى بىزنىڭ مەيدانىمىز بەكرەك قەتئىي" دەپ جاۋاب بەرگەن. ئەمما خىتاينىڭ مەزكۇر توقۇنۇشنى 20 كۈنگە قەدەر سىر تۇتۇشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.
تاپانچىغا قارشى گرانات
خوڭكوڭدا چىقىدىغان "شىڭداۋ" گېزىتى، 4 -فېۋرال كۈنى ئۈرۈمچىدە شەرقى تۈركىستانچىلار بىلەن خىتاي قوراللىق قىسىملىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، خىتاي تەرەپتىن 2 ساقچى ئۆلگەنلىكىنى، شەرقى تۈركىستانچىلاردىن 18 كىشى ئۆلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى، تۈنۈگۈن، رويتېرىس ئاگېنتلىقى، بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقى قاتارلىق دۇنيادىكى چوڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ھەممىسى بۇ ھەقتە پۈتۈن دۇنياغا خەۋەر تارقاتتى.
ئۇلار خەۋىرىنى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ دۈشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسەن بەرگەن بولۇپ، خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، توقۇنۇش 27 -يانۋار ئۈرۈمچىنىڭ بەخت يولى رايونىدىكى بىر ئائىلىلىكلەر بىناسىدا يۈز بەرگەن. توقۇنۇشتا خىتاي قوراللىق ساقچىلىرىدىن 5 كىشى يارىدار بولغان، شەرقى تۈركىستانچىلاردىن 2 كىشى ئۆلگەن، 6 كىشى يارىدار بولغان، 15 كىشى قولغا ئېلىنغان.
خىتاي ساقچىلىرى توقۇنۇشتا تاپانچا قوللانغان، شەرقى تۈركىستانچىلار بولسا ئۆزلىرى ياسىغان گرانات بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەن. رويتېرىسنىڭ خەۋىرىدىكى بۇ مەلۇمات، رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنىڭ قىزىق لىنىيە ئارقىلىق يەتكۈزگەن مەلۇماتلىرى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش؛ ئەمما ۋەقەنىڭ باش-ئاخىرى، خاراكتېرى، يارىدارلارنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى ھېلىھەم سىر ھالەتتە. تۈنۈگۈن چەتئەل مۇخبىرلىرى خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسىدىن بۇ ھەقتە مەلۇمات سورىغاندا، باياناتچى تەپسىلىي جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان.
خىتاي قوراللىق قارشىلىقلارنى ئىلان قىلىشتا ئىككىلىنىش ئىچىدە
رويتېرىسنىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن ئۈزۈپ كۆرسىتىشىچە، ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان رايونلۇق ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدىن بىرى، ئولىمپىكنى تېنچ ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۈچۈن، قوراللىق گۇرۇپپىلارنى قاتتىق باستۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى رايونلۇق ھۆكۈمەتتىن ئەھۋال ئىگىللىمەكچى بولغاندا رەت قىلىشقا ئۇچرىغان.
خىتاي ئاخباراتىنىڭ مەزكۇر ۋەقە يۈز بېرىپ، 20 كۈندىن كېيىن خەۋەر قىلىشى، ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى داۋاملىق تۈردە يوشۇرۇشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئولىمپىك يالغۇز تەنھەرىكەت سورۇنىلا ئەمەس، ئۇ بىر زور كۆلەملىك دۇنياۋى ئېلان سەنئەت سورۇنىدۇر. بۇ سورۇندا يالغۇز تىجارىي مەھسۇلاتلارلا ئەمەس، بەزىدە سىياسىي مەھسۇلاتلارمۇ كۆرگەزمە قىلىنىپ كەلگەن. مەسىلەن، 1972 -يىلى غەربىي گېرمانىيىدە ئولىمپىك ئۆتكۈزۈلگەندە، 8 نەپەر ئەرەپ پارتىزان ئولىمپىك مەيدانىغا بېسىپ كىرىپ ئىسرائىلىيىلىك 2 نەپەر تەنھەرىكەتچىنى ئۆلتۈرگەن ۋە 9 نەپىرىنى گۆرۈگە ئالغان، ئۇلار بۇ ئارقىلىق بىر نۆۋەت پۈتۈن دۇنياغا ئاۋازىنى يەتكۈزۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن.
شۇڭا خىتاي، ئۇيغۇرلارنىڭ ئولىمپىك مەزگىلىنى شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىنى دۇنياغا تونۇتۇشنىڭ بىر پۇرسىتى سۈپىتىدە پايدىلىنىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا، دەل مۇشۇ سەۋەبتىن، خىتاي 27 -يانۋار توقۇنۇشىنى ئاشكارىلاشتىن ئۆزىنى تارتىپ كەلگەن؛ ئەمما خىتاي خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەت ئېقىمىدىنمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش كويىدا، شۇڭا ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن قوراللىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى تېررورلۇققا باغلاپ چۈشەندۈرۈشنىڭ پۇرسىتى دەپ قارىماقتا. شۇڭا خىتاي ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئاشكارىلاشتا ھەر دائىم ئىككىلىنىش ئىچىدە. 27 -يانۋار توقۇنۇشىنىڭ 20 كۈنگىچە ئاشكارىلانماسلىقى ئەنە ئەشۇ ئىككىلىنىشنىڭ ئىپادىسى. خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسىنىڭ ئېيتقانلىرىغا ئىنكاس قايتۇرغان دۇنيا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش كومىتېتىنىڭ خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق تەتقىقاتچىسى نىكولىس ئەپەندى مۇنداق دېگەن: "بىزنىڭ ئەندىشىمىز، شىنجاڭدا بۇرۇن يۈز بەرگىنىدەك، خىتاينىڭ ئايرىم ۋەقەلەرنى، ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقنى كەڭ-كۆلەملىك رەت قىلىش ئۈچۈن سەۋەب قىلىۋېلىشىدۇر."
تۈنۈگۈن، 27 -يانۋار توقۇنۇشى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى مەخسۇس گۇرۇپپا تەشكىللەپ، ئۇيغۇر رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى. ئۇ باياناتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنى قوراللىق قارشىلىق كۆرسىتىشكە مەجبۇر ھالەتكە ئەكىلىۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلىدى.
" تېرورلۇق " تەبىرى مۇرەككەپ بىر ئۇقۇم
"تېررورلۇق" بۈگۈن دۇنيانىڭ سىياسىي لۇغىتىدىكى تەبىرى ئەڭ ئېنىق بولمىغان بىر ئۇقۇمدۇر. بەزىلەر، بىگۇناھ ئىنسانلارغا يەنى خەلققە قارىتا زورلۇق قوللىنىشنى تېررورلۇق دەپ قارىسا، يەنە بەزىلەر ھەر قانداق شەكىلدىكى قوراللىق قارشىلىقنى تېررورلۇق دەپ قارايدۇ؛ بەزىلەر، دېموكراتىك بىر جەمئىيەتتە قوراللىق قارشىلىق يولى تېررورلۇق دەپ قارىسا، يەنە بەزىلەر بۇ ئولچەمنى ھەر قانداق بىر جەمئىيەت ئۈچۈن ئۇيغۇن دەپ قارايدۇ.
خىتاي دائىرىلىرى بولسا ئۆزلىرىنىڭ قوراللىق باستۇرۇشلىرىنى قانۇنىي ھەرىكەت دەپ قاراپ، ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇمغا قارشى قورال كۆتۈرۈشىنى تېررورلۇق دەپ قارىماقتا. شۇڭا خىتاينىڭ تېررور تەبىرى دۇنيا جامائىتىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشەلمىدى. شۇڭا بۇ نۆۋەت 27 -يانۋار توقۇنۇشى ھەققىدىكى خەۋەرلەردە، توقۇنۇشتىكى ئىسيانكار گۇرۇپپىنى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى ۋە ئاز بىر قىسىم خىتايچە مەتبۇئاتلاردىن باشقا، بارلىق خەلقئارا مەتبۇئاتلار تېررورچى دەپ ئاتىمىدى. رويتېرىس ۋە بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، شىنخۇا ئاگېنتلىقىدىن نەقىل كەلتۈرگەندە " تېررور" ئاتالغۇسىنى قوش تىرناق ئىچىدە يازدى. (شۆھرەت ھوشۇر)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۈرۈمچى بەخىت يولى رايونىدا يۈز بەرگەن 27 - يانۋار ۋەقەسى ھەققىدە ئۇيغۇر يۇرتلىرىدىن كەلگەن ئىنكاس
- خوڭكوڭ "شىڭداۋ " گېزىتى: ئۈرۈمچىدە شەرقىي تۈركىستانچىلاردىن 10 نەچچىسى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن
- سىر تۇتۇلغان توقۇنۇش -- شايار ۋەقەسى
- كوسوۋا مۇستەقىللىق ھەركىتى ھالقىلىق باسقۇچتا
- بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتى ئۆز خەلقىنى باستۇرسا، نېمە ئۈچۈن دۇنيا خىتاينى ئەيىبلەيدۇ؟
- ئۈرۈمچىدىكى ساقچى - ئەدىلىيە مەكتىپىدە توقۇنۇش يۈز بەردى
- 'شىنجاڭ' ساقچى-ئەدلىيە مەكتىپىدە يۈز بەرگەن توقۇنۇشنىڭ تۈپ سەۋەبى
- پاكىستاندىكى خىتاي ئىشچىلىرى نېمە ئۈچۈن ھۇجۇمغا ئۇچرايدۇ ؟
- خىتاي ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەردى
- ساقچىلار گۇاڭجۇنىڭ ياۋتەي بازىرىدىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنى ئۇرۇپ تارقىتىۋەتتى
- گۇاڭدوڭدا ھۆكۈمەت بىلەن پۇقرا ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن قانلىق توقۇنۇش
- خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قوراللىق باستۇرۇشىدا ئۆلگەن كىشىلەرنىڭ سانى ئاشماقتا
- گۇيلىندە ھەربىيلەر ئادەم ئۇرۇپ، مىڭلىغان پۇقرالارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى
- ئىچكى موڭغۇلدا 2000 دەك كەنت ئاھالىسى ساقچىلار بىلەن قاتتىق توقۇنۇشقان
- گۇئاڭجۇدىكى توقۇنۇشتا يارىلانغان كىشىلەر ساقچى ئەمەس