ئۇيغۇر قىزى ئەسەر ساقا خانىم ۋە ئۇنىڭ 'چۈشتىن رېئاللىققا قاراپ: شەرقىي تۈركىستان' ناملىق فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2009.03.11
2009.03.11
RFA Photo / Erkin Tarim
3 - ئاينىڭ 21 - كۈنىگىچە داۋام قىلىدىغان بۇ رەسىم كۆرگەزمىسىگە تۈركىيە باش مىنىستىرلىك ئالىپ تەپتىش ئىدارىسى باشلىقى ساباھەتتىن قاليونجۇئوغلى ۋە سابىق ئەدلىيە مىنىستىرى ھىكمەت سامىتۈرك، پارلامېنت ئەزالىرى، ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلار ۋە سەنئەتچىلەردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. بۇ رەسىم كۆرگەزمىسىنى دادىسى كىچىك ياشتا خىتاي زۇلمىدىن قېچىپ تۈركىيىگە كېلىپ يەرلىشىپ قالغان، ئۆمۈر بويى ۋەتىنىگە قايتالمىغان بىر ئۇيغۇرنىڭ قىزى ئاچقان. ئۇ بولسىمۇ تۈركىيە باش مىنىستىرلىكىدە ئىشلەۋاتقان ئەسەر ساقا خانىم. ئۇ بۇ كۆرگەزمىدە ئۆتكەن يىلى 12 - ئايدا ئۈرۈمچى ۋە قەشقەردىن تارتقان رەسىملىرىنى كۆرگەزمە قىلغان.
بۇ رەسىملەردە نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى تارىخىي يەرلەر، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، فوتو سۈرەت سەنئەتچىسى ئەسەر ساقا خانىم ئېچىلىش نۇتقىدا بۇ فوتو رەسىم كۆرگەزمىسىنى ئېچىشتىكى مەقسىتى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
بۇ كۆرگەزمىنىڭ مەن ئۈچۈن ئالاھىدە ئەھمىيىتى بار. بۇ ھېسسىياتىمنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن. مېنىڭ ئانامنىڭ دادىسى ۋە دادام كىچىك ياشتا شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر شەھرىدىن كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان ئىكەن. ئەپسۇسكى دادام ۋەتىنىگە قايتالماستىن ئالەمدىن ئۆتتى. دادام ھاياتتىكى ۋاقتىدا، ئۇ، ۋەتىنىگە بولغان سېغىنىشىنى داۋاملىق ھالدا مەن بىلەن ئورتاقلىشاتتى. دادام بارالمىغان بولسىمۇ ئۆتكەن يىلى 12 - ئايدا ۋەتىنىمگە بېرىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم. يەنى مېنىڭ چۈشۈم رېئاللىققا ئايلاندى، شۇڭا بۇ كۆرگەزمىنىڭ ئىسمىنى "رۇيادان گەرچەگە يولجۇلۇق" يەنى "چۈشتىن رېئاللىققا قاراپ سەپەر" قويدۇم.
كېيىن تۈركىيە مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى سەنئەتچىسى ئىرفان گۈردال ئەپەندى ئۇيغۇر ناخشىسى ئورۇنلىدى.
ئەسەر خانىمنىڭ 85 ياشلىق ئانىسى پاكىزە تۈركىستانلى خانىم مىكروفونىمىزغا قىزىنىڭ فوتو رەسىم كۆرگەزمىسىنى كۆرگەندىن كېيىنكى تۇيغۇلىرىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى:
ناھايىتى بەخىتلىكمەن. قىزىمدىن بەكلا پەخىرلىنىمەن. بۇنىڭغا بەك كۆپ ئەمگەك سىڭدۈردى. دادىسىنىڭ پۈتۈن خىياللىرىنى ئارزۇ ئارمانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. دادىسى يەنى مېنىڭ ئېرىم داۋاملىق ھالدا بىزگە تۇغۇلغان يېرى قەشقەرنى ئاڭلىتاتتى، قىزىم بېرىپ كۆرۈپ، سۈرەتلەرنى تارتىپ كەلدى، بەكلا خوش بولدۇم.
كېيىن مىكرافونىمىزنى بۇ كۆرگەزمىنى كۆرۈۋاتقان كىشىلەرگە ئۇزاتتۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.