0:00 / 0:00
ھاياتىنى ئىلىم مەرىپەت، مائارىپ ھەمدە ئەدەبىياتقا بېغىشلىغان پاتىگۈل سابىتىۋا، قازاقىستاندىكى ساناقلىق ئۇيغۇر يازغۇچى ھەم ئالىمە. بۇ قابىلىيەتلىك ئايال ئالىمەنىڭ 70 ياشلىقىنى قۇتلاپ قازاقىستاندا مەخسۇس تەبرىك پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
پائالىيەتكە ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمدە ئۇيغۇر ئېلىدىنمۇ قەلەمكەش،ھەمدە مېھمانلار تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، پاتىگۈل سابىتوۋانىڭ ھايات مۇساپىسىگە،ئىجادىيەت ھەمدە تەتقىقات ھاياتىغا يۇقۇرى باھالار بېرىپ تەنتەنە قىلدى.
يۇقۇردىكى ئۇلىنىشتىن، مەزكۈر قۇتلاش پائالىيىتى مەيدانىدىن قازاقىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللانىڭ تەپسىلى خەۋىرىنى ئاڭلىغايسىز.