ئامېرىكىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاكا ‏- سىڭىل ئۇيغۇر ئالىملار (1)


2007.06.29

قازاقىستاندا ئۆسكەن ھازىر ئامېرىكىدا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئالىمى دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ غول ھۈجەيرە تەتقىقاتىدىكى يېڭى نەتىجىسى ئاۋسترالىيىدە ئېچىلغان غول ھۈجەيرە تەتقىقاتى خەلقئارالىق ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ 5 - نۆۋەتلىك يىغىنىدا غۇلغۇلا قوزغىدى.

ئادەمنى تولىمۇ ھەريان قالدۇرىدىغان يېرى، دوكتۇر شۆھرەت ئەپەندىنىڭ سىڭلىسى مايسەم مۇتەللىپمۇ غول ھۈجەيرە ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ئالىم بولۇپ، ئۇ ھازىر ماسساچۇسېتس تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھۈجەيرە بىئو-مېدىتسىنا تەتقىقات مەركىزىدە خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. بىز مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن، بۇ ئاكا-سىڭىل ئالىملارنى زىيارەت قىلدۇق.

ئۇ ئوز كەسپىدە بۆسۈش خاراكتېرلىق نەتىجە قازاندى

ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ كلون تېخنىكىسىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان غول ھۈجەيرە تەتقىقاتىدىكى بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجىسى 18- ئىيۇندىن 22- ئىيۇنغىچە ئاۋسترالىيىنىڭ كارنىس شەھىرىدە ئېچىلغان، غول ھۈجەيرە تەتقىقاتى خەلقئارالىق ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ 5- نۆۋەتلىك يىغىنىدا غۇلغۇلا قوزغىدى.

ئالىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ يېڭى بايقاشلىرى ئاساسىدا تەييارلانغان ماقالىسى تېخى نەشردىن چىقمىغان بولغاچقا، ئۇ يىغىندا مەزكۇر ماقالە ھەققىدە كۆپ توختالمىغان بولسىمۇ ،ئاساسلىق نەتىجىلىرىنى 10 مىنۇتلۇق لېكسىيەدە چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن.

كوسموس ( كوسموس) ژۇرنىلىدا بۇ ھەقتە بېرىلگەن ماقالىدە كۆرسىتىشىچە، شۆھرەت مۇتەللىپ ئوتتۇرىغا قويغان بۇ ئىلمىي يەكۈن، يېغىن قاتناشقۇچىلىرىنى ھەيران قالدۇرغان بولۇپ، ئالىمنىڭ بۇ يەكۈنى ئادەمنى كلون قىلىش مۇمكىنچىلىكىنى تېخىمۇ روشەنلەشتۈرگەن. ماقالە تېخى تەھرىرلىنىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بولغاچقا ئالىم ماقالە ھەققىدە كوپ توختىلىشنى خالىمىدى.

ئالىم شۆھرەت مۇتەللىپ ھازىر ئورىگان شىتاتلىق ساغلاملىق پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئامېرىكا دۆلەتلىك ھۈجەيرە تەتقىقات مەركىزى كۆپىيىش ئىلمىي تەتقىقات تارمىقىدا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

ئۇنىڭ ھاياتى پائالىيىتىگە بىر نەزەر

ئالىم، دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ ئەسلىدە قازاقىستاننىڭ ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان غالىبىيەت رايونىدا دۇنياغا كەلگەن. كېيىن ئاتا- ئانىسى بىلەن بىرلىكتە ئالماتاغا يېقىن جايلاشقان ئاۋات رايونىغا كۆچۈپ كەلگەن ۋە باشلانغۇچ ھەم ئوتتۇرا مەكتەپنى ئاۋاتتا رۇسچە ئوقۇپ تۈگەتكەن.

ئۇ 1987- يىلى رۇسىيىدە ‏- موسكۋا شەھىرىگە جايلاشقان تىمىرىئاسېۋ يېزا ئىگىلىك ئاكادېمىيىسىدە كۆپىيىش بىئولوگىيىسى ئىلمى بۇيىچە ماگىستېرلىققا ئېرىشكەن. كىيىن ئۇ يەنە رۇسىيىنىڭ تىببىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە غول ھۈجەيرە ئىلمىنى تەتقىق قىلغان ھەم گىگېنا ۋە بىئوتېخنولوگىيە ئىلمى بۇيىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1995- يىلى ئۇ گېرمانىيىنىڭ مۇئەنستەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا كېلىپ غول ھۈجەيرە ۋە گىن تەرەققىياتى بىئولوگىيىسى بۇيىچە بىر يىلدەك دوكتۇر ئاشتى باسقۇچىدىكى ئىلمى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان ۋە شۇ يىلى كۈزدە ئامېرىكا يۇتا ئۇنىۋېرسىتىتىغا كېلىپ ئۆزىنىڭ غۇل ھۈجەيرە ۋە گىن تەرەققىياتى بىئولوگىيىسى ئۈستىدىكى دوكتۇر ئاشتى تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرغان.

ئۇ ھازىرغا كەلگۈچە 26 پارچە ماقالە يازغاندىن باشقا 4 پارچە كىتابنىڭ بىر نەچچە بابلىرىنى يېزىشقا قاتناشقان. ھازىر ئۇ 6 تەتقىقات تۈرىنى قول سېلىپ ئىشلەۋاتقان بولۇپ بىر تۈردە رەسمىي پاتېنتقا ئېرىشكەن.

دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ ھازىر ھايۋانلارنىڭ گىن تەرەققىياتى ۋە تۆرەلمە گەۋدە ھۈجەيرە تەتقىقاتىدا دۇنيا بۇيىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇۋاتىدۇ دەپ تونۇلغان بولسىمۇ، ئۇ بۇ ھەقتە سورالغان سوئاللىرىمىزغا كەمتەرلىك بىلەن "شۇنداق بولۇشى مۇمكىن" دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇنىڭغا يانداشقان ھالدا دوكتۇر شۆھرەت ئەپەندىنىڭ سىڭلىسى مايسەم مۇتەللىپمۇ غول ھۈجەيرە ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ئالىم بولۇپ، دوكتۇر مايسەم مۇتەللىپ ھازىر ماسساچۇسېتس تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھۈجەيرە بىئو-مېدىتسىنا تەتقىقات مەركىزىدە خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار دوكتۇر مايسەم مۇتەللىپنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى ھەققىدە كېلەر قېتىملىق پروگراممىزدا تەپسىلىي مەلۇمات بېرىمىز. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.