ئامېرىكىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاكا ‏- سىڭىل ئۇيغۇر ئالىملار (2)


2007.07.05

بىز ئۆتكەندە قازاقىستاندا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، ئەمما ھازىر ئامېرىكىدا كولون تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئاكا-سىڭىل ئۇيغۇر ئالىملىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ھەم بۇ قېرىنداش ئالىملارنىڭ بىرسى بولغان دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنى ئاڭلاتقان ئىدۇق. بۇ نۆۋەت دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ سىڭلىسى دوكتور مايسەم مۇتەللىپ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.

دوكتۇر مايسەم مۇتەللىپ غول ھۈجەيرە ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ئالىم بولۇپ، ئۇ ھازىر بوستوندىكى ئامېرىكا ماسساچۇسېتس تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھۈجەيرە بىئو-مېدىتسىنا تەتقىقات مەركىزىدە خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.

مايسەمنىڭ ھايات پائالىيىتى ئۈستىدە ئىككى كەلىمە سۆز

دوكتۇر مايسەم مۇتەللىپ، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر رايونى غالىبىيەت يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن، كېيىن دادىسىنىڭ خىزمىتى سەۋەبلىك ئالماتا شەھىرىگە يېقىن يېزا- ئاۋات يېزىسىغا كۆچۈپ كەلگەن ۋە باشلانغۇچ ، ئوتتۇرا مەكتەپنى ئاۋاتتا تۈگەتكەن.

تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن يىلى، ئاكىسىنىڭ قىزىقتۇرۇشى ۋە ئاتا ‏-ئانىسىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى داڭلىق يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى تىمىرىئاسېۋ نامىدىكى يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن.

توغرا قارار

مايسەم دوكتورنىڭ دادىسى مۇزەپپەر مۇتەللىپ ئاكا ئوز ۋاقتىدىكى ئىشلارنى ئەسلەپ، شۇ چاغلاردا ئۇيغۇرچە مەكتەپ بولمىغاندىن كېيىن ئۇلارنى رۇسچە ئوقۇتقانلىقىنى، ئوغلى شۆھرەتنىڭ تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ ھەربىي مەجبۇرىيەتنى تاماملىغاندىن كېيىن موسكۋاغا تىمراسېۋ نامىدىكى يېزا ئىگىلىك مەكتىپىگە بېرىپ ئوقۇغانلىقىنى، كىيىن مايسەمنىمۇ شۇ مەكتەپكە بېرىشقا دەۋەت قىلغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتۈپ: " شۇ زامانلاردا بىز ئۇيغۇرلاردا قىز بالىنى يىراققا ئەۋەتىشنى توغرا تاپمايتتۇق، لېكىن مەن بالام ئوقۇۋالسۇن، ئاكا-ئۇكا ئىككىسى بىر-بىرىگە ھەمراھ بولسۇن دەپ ئۇنى شۇ مەكتەپكە ئەۋەتتىم. شۇ ۋاقىتتا مايسەمنى شۇ مەكتەپكە ئەۋەتىپ توغرا قىلغان ئىكەنمەن" دەيدۇ.

كېيىنكى ئىشلار

مايسەم يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنى تۈگەتكەندىن كېيىن قازاقىستانغا قايتىپ كەلگەن ۋە ئالماتادا بىر بىئولوگىيە تەجرىبە ئىنستىتۇتىدا خىزمەت قىلغان. ئاكىسى شۆھرەت دوكتورلۇق پروگراممىسىغا كىرگەندىن كېيىن ، يەنە ئاكىسىنىڭ دەۋەت قىلىشى ئارقىسىدا ئۆزى ئىلگىرى پۈتتۈرگەن مەكتەپكە دوكتورلۇق پروگراممىسىغا ئوقۇشقا كىرگەن.

ئۇ ئامېرىكىغا كەلگەندىن كىيىن ۋىسكونسىن شتاتىنىڭ مادىسون شەھىرىدىكى ۋىسكونسىن ئۇنىۋېرسىتېتىغا دوكتۇر ئاشتى باسقۇچىدىكى تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرغان ۋە بۇ جەرياندا بىر موزاينى نەتىجىلىك كولون قىلىپ تاماملىغان. ئۇنىڭ ئىشلەپ چىققان ھۈجەيرە لىنىيىلىرى باشقا تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن ئىشلىتىلگەن ۋە ئىلمىي ژۇرناللاردا ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان. ئۇ ھازىر ماسساچۇسېتس تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھۈجەيرە بىئو-مېدىتسىنا تەتقىقات مەركىزىدە خىزمەت قىلىۋاتىدۇ . (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.