سەئۇدى ئەرەبىستاندا تونۇلغان ئالىم مۇھەممەد ئىبراھىم فەزلى خوتەنى


2007.10.30

ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن تىرىشچان ۋە ئىلىم - مەرىپەتنىڭ قەدرىنى بىلىدىغان بىر خەلق بولغانلىقتىن، ئۇلار بارغانلىكى جايدا ياخشى ئىزلارنى قالدۇرۇپ ئۆتكەن. ئۆتمۈشلەردە سەئۇدى ئەرەبىستانغا كېلىپ مەككە مۇكەررەمە ۋە مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھەرلىرىدە كىشىلەر ئۈچۈن ئىلىم - مەرىپەت يۇلتۇزلىرى بولۇپ تونۇلغان ئۇيغۇر ئۆلىمالىرىنىڭ نام - شۆھرىتى ھازىرمۇ تىللاردا داستان بولۇپ كەلمەكتە.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدە تۇغۇلۇپ، ئىلىم تەھسىل قىلىش يولىدا سەئۇدى ئەرەبىستانغا كېلىپ يەرلىشىپ قالغان ۋە مىڭلارچە ئالىملارنى يېتىشتۈرۈپ چىقارغان مەرھۇم ئالىم مۇھەممەد ئىبراھىم فەزلى خوتەنىمۇ ئەنە شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئەللامە مۇھەممەد ئىبراھىم خوتەنى ئۆزىنىڭ ئانا تىلىنى پۇختا بىلگەننىڭ سىرتىدا، ئەرەب، تۈرك، پارس، ئوردۇ تىللىرىنىمۇ پىششىق بىلىدىغان ئالىم ئىدى.

يېقىندا مەرھۇم مۇھەممەد ئىبراھىم فەزلىي خوتەنىنىڭ ئوغلى يەھيا فەزلى ئاتىسىنىڭ تەرجىمھالىنى ئەرەب تىلىدا يېزىپ چىققان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقاتقان.

ئابدۇللا دۆلەت بىلەن سۆھبەت

مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدىكى خوتەن ۋەقپ ئۆيىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇللا دۆلەت سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.

ئابدۇللا دۆلەت ئەللامە مۇھەممەد ئىبراھىم فەزلى خوتەنى ھەققىدە مۇنداق دىدى:" يەھيا فەزلىنىڭ دادىسى ھەققىدە يازغان كىتابىغا ئاساسلانغاندا، ئەللامە مۇھەممەد ئىبراھىم فەزلى خوتەنى 1896- يىلى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قاراقاش ناھىيىسىدىكى جىلغامان كەنتىدە بىر مەرىپەتپەرۋەر ئۆلىما كىشىنىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ كىچىكىدە ئاتىسىدا ئوقۇپ يېتىشكەندىن كېيىن، قەشقەر خانلىق مەدرىسىگە كېلىپ ئوقۇغان. 1911- يىلى يەنە كۆپلەپ ئىلىم تەھسىل قىلىش يولىدا قەشقەردىن ئايرىلىپ، بۇخاراغا يولغا چىقىدۇ. بۇخاراغا بارغاندىن كېيىن، ئۇ جايدا مەشھۇر ئۆلىمالارنىڭ قولىدا ئۇزۇن يىل ئىلىم تەھسىل قىلىش بىلەن بولىدۇ. كېيىنچە ئۇ مەككە ۋە مەدىنە شەھەرلىرىگە ئىشتىياق باغلاپ سەپەرنىڭ تەييارلىقىنى قىلىدۇ ۋە ئۇ جايدىكى ئۇستازلىرىنىڭ ئىجازىتىنى ئېلىپ ھەرەم سەپىرىگە ئاتلىنىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ ھەرەمگە كېلىشى ئاسانغا توختىمايدۇ. مەرھۇم ئالىم پىيادە يول يۈرۈپ، تاشكەنتتىن، پەرغانە ۋادىسىغا، ئاندىن ئىشقاباد شەھىرىگە يېتىپ كېلىدۇ. ئىشقابادتىن يولغا چىقىپ، ئاۋۋال ئىستانبۇلغا، ئاندىن مىسىرنىڭ سۇۋەيش قانىلىغا، ئاندىن مەككىگە يېتىپ كېلىدۇ. مەرھۇمنىڭ مەككىگە يېتىپ كەلگەن ۋاقتى 1930- يىللىرىغا ئۇدۇل كېلىدۇ."

ئەللامە مۇھەممەد ئىبراھىم فەزلى خوتەنىنىڭ ئەمگەكلىرى

ئابدۇللا دۆلەتنىڭ ئېيتىشىچە، ئەللامە مۇھەممەد ئىبراھىم فەزلى خوتەنى يىگىرمە ياشقا تولماستىن كىتاب يېزىشقا كىرىشكەن بولۇپ، قەشقەردە خانلىق مەدرىستە ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىدە، "ئەرەب تىلى گرامماتىكىسىنىڭ شەرھى"، " پەتىۋالار"، " جۈمە نامىزىنىڭ ئەھكاملىرى" قاتارلىق كىتابلىرىنى ئەرەب تىلى بىلەن يازغان ۋە ئەينى ۋاقىتتا مەدرىس تالىپلىرىنىڭ ئوقۇشلۇقى بولۇپ تاللانغان. " ھەج ۋە ئۆمرە قائىدىلىرى"، "جىنازا ۋە ھېيت نامازلىرىنىڭ ئەھكاملىرى" قاتارلىق كىتابلىرىنى ئۇيغۇر تىلىدا يازغان ئىكەن. ئەللامە سەئۇدى ئەرەبىستانغا كەلگەندىن كېيىن، بىر تەرەپتىن بىلىم ئاشۇرۇش بىلەن شۇغۇللانسا، يەنە بىر تەرەپتىن كىتاب يېزىش بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، " خوتەنلىك ئۆلىمالارنىڭ تەرجىمىھالى"، "ھەدىس قوللانمىسى"، " ئۆلىمالار ئىختىلاپ قىلىشقان مەسىلىلەرگە جاۋابلار" قاتارلىق ئەسەرلىرىنى ئەرەب تىلىدا يېزىپ چىققان.

ئەللامە مۇھەممەد ئىبراھىم فەزلى خوتەنى 1934- يىلى مەدىنە مۇنەۋۋەردىكى پەيغەمبەر مەسچىتىگە رەسمىي مۇدەررىسلىككە تەيىنلىنىپ، ئۇزۇن يىل شۇ مەسچىتتە ھەر مىللەت كىشىلىرىگە ھەرخىل دىنىي پەنلەردىن دەرس بېرىش بىلەن مەشغۇل بولغان. كېيىنچە، 1963- يىلى مەدىنە مۇنەۋۋەر شەھەرلىك دۆلەت كۈتۈپخانىسىغا يۆتكىلىپ، بۇ جايدا تۈرك، پارس ۋە ئەرەب تىللىرىدا يېزىلغان قەدىمقى نادىر قول يازما ئەسەرلەرنى رەتلەش ۋە تەرجىمە قىلىش ئىشىنى ئېلىپ بارغان.

يەھيا فەزلىنىڭ دادىسى ھەققىدە ئېيتقانلىرى

يەھيا فەزلى دادىسى ھەققىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ:" مەرھۇم دادام مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدىكى دۆلەت كۈتۈپخانىسىغا يۆتكىلىپ كەتكەندىن كېيىنمۇ، پەيغەمبەر مەسچىتىدە دەرس بېرىش ئىشلىرىنى توختاتمىغان. ئۇنىڭ بەزىدە ئارام ئېلىۋېلىشقىمۇ ۋاقتى يەتمەي قالاتتى. مەرھۇم دادام ئۆزىنىڭ ئانا ۋەتىنىگە بولغان مۇھەببىتى تۈرتكىسى بىلەن " خوتەندە ئۆتكەن مەشھۇر ئۆلىمالار" ناملىق ئەسىرىنى ئەرەب تىلىدا يېزىپ چىقىپ، كەڭ مۇسۇلمانلارغا، خۇسۇسەن ئەرەب دۇنياسىغا ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرغان. مەرھۇم 1969- يىلى 17- سېنتەبىر كۈنى مەدىنە مۇنەۋۋەر شەھىرىدە 65 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. دادام ۋاپات بولغىنىغا شۇنچىلىك ئۇزۇن يىللار ئۆتكەن بولسىمۇ، دادامنىڭ ئىنسانىيەت ئۈچۈن قىلىپ كەتكەن خىزمەتلىرى كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ، خۇسۇسەن ئۆزى يېتىشتۈرگەن تالىپلىرىنىڭ قەلبىدىن ھازىرغىچە ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتقىنىغا قاراپ، دۇنيادا كىشىلەرگە ئىلىم - مەرىپەت چېچىشنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغ ۋە ئۆچمەس ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتىم." (ئۆمەرجان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.