بۈيۈك ئىنقىلابچى ئالىم مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامىي


2007.11.20

مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامىي نامىنى تارىخ ئالتۇن رەڭ بىلەن نۇرلۇق بەتلىرىگە يېزىۋەتكەن ئەرلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇنىڭ ۋەتىنى ئۈچۈن، خەلقى ئۈچۈن قىلىپ كەتكەنلىرى بۇ يولدا ماڭغۇچىلارنىڭ يولىنى ھەر زامان يورۇتۇپ بېرىدۇ.

مەرھۇمغا باھا

ۋەتەنپەرۋەر ئۇستاز رەھمىتۇللا تۈركىستانىي مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامىي ھەققىدە يازغان ئەسلىمىسىنىڭ مۇقەددىمىسىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: " زېمىن يۈزىدە ياشاۋاتقانلار ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ھەر بىر لەھزىدە مىڭلارچىسى بۇ ھاياتلىققا كۆز ئېچىپ تۇرسا، يەنە مىڭلارچىسى ھاياتلىق بىلەن خوشلىشىپ تۇرىدۇ. ئۇلار شۇنىڭ بىلەن بۇ دۇنيادىكى ھايات سەھىپىسىدىن ئۆچۈرۈلىدۇ. ئىنتايىن ئاز ساندىكى كىشىلەرلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئۇلارنىڭ ئىش - ئىزلىرى ۋە سىمالىرى كىشىلەرنىڭ زېھنىدە ۋە قەلبىدە مەڭگۈ پارلاپ تۇرىدۇ. تارىخ ئۇلارنى خاتىرىلەيدۇ. ئىنسانلار ئۇلارنى ئەسلەپ تۇرىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىش - ئىزلىرى، ھەقىقەت يولىدىكى كۈرەشلىرى، ياخشىلىقنى سۆيۈش ۋە ياخشىلىققا چاقىرىشتىن ئىبارەت ئېسىل پەزىلەتلىرى بىلەن تارىخ بەتلىرىدە مەڭگۈ ئۆچۈرۈلمەس ئىزلارنى قالدۇرغان كىشىلەردۇر. شۇڭا ئۇلارنىڭ بەدەنلىرى تۇپراققا ئايلانغان بولسىمۇ، نامى تارىخ بەتلىرىنى خۇشبۇيغا تولدۇرغان ھالدا مەڭگۈ ياشايدۇ. بۇ خىلدىكى ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ باھاسىز ھاياتى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى تا قىيامەتكىچە داۋام قىلىدىغان مىللىتى ئۈچۈن ياشايدۇ. مىللىتى داۋام قىلغان ئىكەن، ئۇلارنىڭ زىكرىمۇ ئۇلار بىلەن بىرگە تا ئەبەتكە داۋام قىلىدۇ. ئىنسانلار تارىخلارنى ياراتقان ئەرلەر بىلەن پەخىرلىنىدۇ، ئۇلارنى ئۆزلىرى ئۈچۈن ئۈلگە قىلىدۇ ۋە ئۇلار يورۇتۇپ بەرگەن يول بىلەن يۈرۈپ غەلىبىلەرگە ئېرىشىدۇ. چۈنكى مۇنداق ئەرلەر مىللەتنىڭ پەخرى ۋە ئۇنىڭ مەدەنىيىتىنى ياراتقان، تارىخىنى يازغان كىشىلىرىدۇر. مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامىي نامىنى تارىخ ئالتۇن رەڭ بىلەن نۇرلۇق بەتلىرىگە يېزىۋەتكەن ئەرلەرنىڭ بىرىدۇر."

دۇنياغا كېلىشى ۋە ئىنقىلاب سېپىگە ئاتلىنىشى

مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامىي 1912- يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەكەن شەھىرىدە ئىسلام باي دېگەن كىشىنىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئىپتىدائىي تەلىمىنى يەكەندىكى ئۇستازلىرىدىن ئالغاندىن كېيىن، قەشقەرگە بېرىپ "خانلىق مەدرىسە"دە ئوقۇغان. كېيىن يەكەنگە قايتىپ كېلىپ، " مەھمۇدىيە مەدرىسەسى"دە مۇدەررىس بولۇپ ئىشلىگەن.

كېيىن گېنېرال ئابدۇنىيازنىڭ مۇشاۋىرى بولغان. سوۋېت ھەربىي ئايروپىلانلىرى 1937- يىلى 9- ئاينىڭ 1- كۈنى قەشقەر شەھىرىنى ھاۋادىن بومبىلايدۇ ۋە باش قوماندان ئابدۇنىيازنى تۇتۇۋېلىپ، 1937- يىلى 9- ئاينىڭ 15- كۈنى شېھىد قىلىدۇ. شۇ ۋاقىتتا مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامىي سەبداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ھىندىستانغا ھىجرەت قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ.

مۇھاجىرەتتىكى ھاياتى

مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامىي لاھوردا ئۆزىدىن بۇرۇن چىقىپ كەتكەن گېنېرال مەھمۇت مۇھىتى ۋە ئۇنىڭ سەبداشلىرى بىلەن ئۇچرىشىدۇ. كېيىن گېنېرال مەھمۇت مۇھىتى ياپونىيىگە قاراپ يولغا چىققىنىدا، مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامىنى بىرگە ئېلىۋالىدۇ.

مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامىي توكيودا

ئۇلار توكيو شەھىرىگە بارغىنىدىن كېيىن، 1939- يىلى 12- ئاينىڭ 5- كۈنى " تۈركىستان جەمئىيىتى"نى قۇرۇپ چىقىدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق مۇھەممەد قاسىم ھاجىم مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامىي ھەققىدىكى ئەسلىمىلىرىنى سۆزلەپ مۇنداق دېدى: " مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامىي توكيودا تۇرغان مەزگىللىرىدە، توكيو شەھىرىدىكى چوڭ مەسچىتتە ئىماملىق قىلىدۇ. ئۇ بىر تەرەپتىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ زۇلۇمىدىن قېچىپ توكيوغا ھىجرەت قىلغان تاتارلار بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتتە بولۇپ، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە دىنىي بىلىملەرنى ئۆگەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن تاتار ئۆلىمالىرىدىن قازى ئابدۇرەشىد، مۇسا جارۇللا قاتارلىق زاتلارنىڭ قولىدا ئىسلامىي ۋە ئەدەبىي بىلىملەرنى تەھسىل قىلىدۇ. 1950- يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانىغا كېلىپ ھەج قىلىدۇ. ئىراق، سۈرىيە، لىۋان، تۈركىيە، ئىئوردانىيە قاتارلىق مەملىكەتلەردە زىيارەتتە بولۇپ، بۇ مەملىكەتلەردىكى مەسئۇللارغا، ئۆلىمالارغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتىنى، خەلقىنىڭ كوممۇنىست زۇلمى ئاستىدا ئىڭراۋاتقانلىقىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بولىدۇ. كېيىنچە مىسىرنىڭ قاھىرە شەھىرىگە بېرىپ، شۇ جايدا 1956- يىلىغا قەدەر تۇرۇپ قالىدۇ."

مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامىي سەئۇدى ئەرەبىستانىدا

مۇھەممەد قاسىم ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ سەئۇدى ئەرەبىستانىغا كەلگەندىن كېيىنمۇ، پۈتۈن ھاياتىنى، ئىلمىنى، ئەقلىنى ۋە ۋاقتىنى تۈركىستان مەسىلىسىگە بېغىشلىدى. ئۇ شەرقىي ۋە غەربىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنىڭ كۈلپەتلىرىنى، ئېزىلىشلىرىنى ۋە ھۆرىيەتكە مۇشتاق ئىكەنلىكىنى پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىغا تونۇشتۇرۇش يولىدا كۆپلىگەن ئىلمىي ماقالىلارنى ۋە كىتابلارنى نەشر قىلدۇرىدۇ.

1962- يىلى مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە "ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى" تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن، مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامىي بۇ ئىتتىپاققا ئەزا بولغان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىسلامىي جەمئىيەت ۋە تەشكىلاتلارنىڭ باشلىقلىرى بىلەن بۇرۇندىن باغلىغان مۇناسىۋىتى ۋە دوستلۇقىدىن پايدىلىنىپ، تۈركىستان مەسىلىسىنى "ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى" نىڭ چوڭ يىغىنلىرىنىڭ كۈن تەرتىپىگە كىرگۈزۈشتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ.

مۇھەممەد ئىسلامىي ئۇيغۇر تىلى رادىئوسىدا

مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامىي 1982- يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانى رادىئوسىنىڭ تۇنجى ئېچىلغان " تۈركىستانچە ئاڭلىتىش بۆلۈمى " گە ئىشقا كىرىپ، مەزكۇر بۆلۈمنىڭ باشلىقى بولغان. رادىئودا ھەركۈنى قۇرئان كەرىمنىڭ تەرجىمە ۋە تەپسىرىنى ئۆزى ئىشلەپ ھازىرلاپ ئاڭلىتىپ كەلگەن ئىدى. ئۇنىڭ تەييارلاپ قويغان تەپسىر پروگراممىلىرى سەئۇدى ئەرەبىستان رادىئوسىنىڭ ئۇيغۇر تىلى بۆلۈمىنىڭ ئاڭلىتىش كۈن تەرتىپىدە 2002- يىلىغا قەدەر داۋام قىلىپ كەلگەن.

مەرھۇم 1988- يىلى 8- ئاينىڭ 21- كۈنى پەيشەنبە ئەتىگەندە ۋاپات بولۇپ، مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدىكى " جەننەتۇل مۇئەللا"قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان. (ئۆمەرجان توختى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.