دۇنيا ئۆسمۈرلىرى ئۇچرىشىش كۈنىگە ئۇيغۇر بالىلار قاتناشتى


2007.06.20

yighin-zali3-200.jpg
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە ۋاكالىتەن راھىلە، ئايگۈزەل ۋە قەلبىنۇرلار پائالىيەتكە قاتناشتى.Photo by RFA / Erkin Tarim

تۈركىيە ئىنسان ھەقلىرى ياردەملىشىش فوندىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 17- ئىيۇن كۈنى دۇنيا ئۆسمۈرلىرى ئۇچرىشىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ پائالىيەتكە فىلىپپىن، تايلاند، ھىندونېزىيە، ، چېچەنىستان، پەلەستىن، ئىراق، كامبودژا، كوسوۋا، لىۋان قاتارلىق 17 دۆلەتتىن كەلگەن بالىلار بىلەن بىرلىكتە تۈركىيىدە ياشايدىغان ئۇيغۇر بالىلىرىمۇ قاتناشتى. ئىستانبۇلدىكى كۆرگەزمە ۋە قۇرۇلتاي مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتتە بالىلار ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىيىم -كېچەكلىرىنى كىيىشىپ، ھەرخىل مەزمۇندا تەييارلىغان سەنئەت نومۇرلىرىنى تەقدىم قىلىشتى.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە ۋاكالىتەن راھىلە، ئايگۈزەل ۋە قەلبىنۇرلار پائالىيەتكە قاتناشتى. ئۇلار دېكلاماتسىيە قىلغان "ئۇزاقتا بىر ۋەتەن بار، ئىسمى شەرقىي تۈركىستان" ۋە "ئۇيغۇرلار" قاتارلىق شېئىرلاردىن تاماشىبىنلار ئىنتايىن ھاياجانلانغان بولۇپ، كۆزلىرىدىن ئىختىيارسىز ھالدا ياش ئاققۇزدى.

ئىستانبۇل ۋە قەيسىرىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار تەشكىللىنىپ كېلىپ , بۇ پائالىيەتنى كۆرگەن بولۇپ، مۇھىم تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن بولغان ھىلال، دوستلۇق، كىرال ۋە ئەل-جەزىرە قاتارلىق تېلېۋىزىيە قاناللىرى پائالىيەتنى نەق مەيداندىن تارقاتتى. ( ئەركىن تارىم)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.