'خەلقئارا يوقاپ كەتكەن بالىلار كۈنى' دە ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئەھۋالى

ھەر يىلى 5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ب د ت تەرىپىدىن " خەلقئارا يوقاپ كەتكەن بالىلار كۈنى" قىلىپ بېكىتىلگەن بولۇپ، بۇ خاتىرىلەش كۈنى تۇنجى قېتىم ئامېرىكىدا 1983 - يىلى 5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى سابىق پرېزىدېنت رېگاننىڭ تەشەببۇسى بىلەن يولغا قويۇلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻛﺮﻩﻡ
2009.05.27
KochidikiBalilar-200.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﻛﻮﭼﯩﺪﺍ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﻧﺎﻣﻪﻟﯘﻡ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﺎﺵ ﺋﯚﺳﻤﯜﺭ.
RFA Photo

بۇنداق بىر خاتىرە كۈنىنىڭ يولغا قويۇلىشىغا 1979 - يىلى 5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى يۈز بەرگەن بىر ۋەقە سەۋەبچى بولغان. نيۇيوركتا بىر ئۆسمۈر بالا مەكتەپتىن ئۆيىگە قايتقىچە تۇيۇقسىز يوقاپ كەتكەن. بالىسىنىڭ ئىز - دېرىكىنى ئالالمىغان ئاتا - ئانا، ئاخىرى سۈت پاراشۇكى پوتۇلكىسىغا يۈتۈپ كەتكەن بالىسىنىڭ سۈرىتىنى باستۇرغان. بۇنىڭ بىلەن، بالا يۈتۈپ كېتىش ۋەقەسى پۈتۈن ئامېرىكىنى زىلزىلىگە سالغان. رېگان ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەگە جىددىي قاراشقا مەجبۇر بولۇپ، 25 - ماي كۈنىنى " خەلقئارا يوقاپ كەتكەن بالىلار كۈنى" قىلىپ بېكىتكەن.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىدىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، خىتايدا بالا يوقاپ كېتىش ۋەقەسى كىشىنى چۆچۈتكىدەك دەرىجىدە ئېغىر بولۇپ، يىلىغا غايىپ بولىدىغان بالا سانى 200 مىڭدىن ئاشىدۇ. ئەجەبلىنەرلىكى شۇكى، بۇنداق ۋەقەنى سادىر قىلغۇچىلارنىڭ بالا ئوغرىلاپ ساتىدىغان قارا گۇرۇھلار ئىكەنلىكىنى پۈتۈن خىتايلار بىلىدۇ. لېكىن، بۇ خىلدىكى ۋەقە بۈگۈنگە قەدەر ھۆكۈمەت ۋە ساقچى دائىرىلىرىنىڭ يىتەرلىك دىققىتىنى قوزغىغىنى يوق. 2008 - يىلى بالىلىرى يوقاپ كەتكەن نۇرغۇن ئاتا - ئانىلار بېيجىڭغا بېرىپ، شىكايەت قىلىش جەريانىدا ساقچىلار بىلەن توقۇنۇش پەيدا قىلغانلىقى سەۋەبلىك تۇتۇپ كېتىلگەن. گۇاڭدۇڭدا مىڭلىغان ئاتا - ئانىلار نامايىش قىلىپ، يۈتۈپ كەتكەن بالىلىرىنى تېپىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ قائىدە - تۈزۈمىدە، بالا يوقاپ كېتىپ 24 سائەتكىچە تېپىلمىسا، ئاندىن دىلو تۇرغۇزۇپ ئىزدەشكە كۆڭۈل بۆلىدىغان بەلگىلىمە بار بولۇپ، بۇ بەلگىلىمە بۈگۈن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىماقتا. بېيجىڭلىق ئادۋوكات ليۇ شياۋيۈەن 25 - ماي كۈنى گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىغا بەرگەن مەلۇماتىدا، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ بۇ خىل تۈزۈمىنى ئەيىبلەپ، ئوغرىلار بالىنى ئېلىپ باشقا يۇرتقا يۆتكىلىپ بولغاندا، ئاندىن دىلو تۇرغۇزۇپ ئىزدەشنىڭ ئەخمىقانە بىر تۈزۈم ئىكەنلىكىنى تەنقىدلىگەن ۋە غەرب ئەللىرىدىكىگە ئوخشاش، ئاتا - ئانا دىلو مەلۇم قىلغان ھامان، ساقچىلار بارلىق قاتناش تۈگۈنلىرىدە، كوچا - كويلاردا دەرھال ئىزدەش ئېلىپ بارىدىغان سىستېما ئورنىتىشىنى تەلەپ قىلغان.

دىققەتنى چېكىدىغىنى، غايىپ بولۇپ كەتكەن بالىلىرىنىڭ مەڭگۈ ئىز ‏ - دېرىكىنى ئالالماي ھەسرەتتە قېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئاتا - ئانىلىرى بولۇشى كېرەك. گەرچە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ساقچىلار ئۇيغۇر دىيارىدىن ئوغرىلاپ كېتىلگەن بالىلارنىڭ ئىچكىرى خىتايدا ئوغرىلۇق، يانچۇقچىلىققا سېلىنغانلىقىنى ئېنىقلىغان ۋە بەزى قارا گورۇھلارنى پاش قىلىپ، بىر قىسىم ئۆسمۈرلەرنى يۇرتىغا قايتۇرغان بولسىمۇ، يەنە مىڭلىغان ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنىڭ ھايات ياكى ئۆلۈكلىكىنى بىلمەي، بالا دەردىدە ۋەيران بولۇپ ياشىماقتا.

ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆسمۈر بالىلارنىڭ غايىپ بولۇپ كېتىش ۋەقەسى تېخىمۇ ئېغىر، تېخىمۇ قورقۇنۇشلۇق بولۇپ، بۇ ۋەقە نە ساقچى، نە ھۆكۈمەتنىڭ يىتەرلىك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېرىشەلمىدى. ئۇلارنىڭگ پاش قىلغان دىلوسى مىڭدىن بىر ۋەقە. ئۇنى جېنىنىڭ بىرىچە تەشۋىق قىلىۋالدى. ئەمەلىيەتتە، ئىچكىرى خىتايدا بۈگۈنمۇ ئوخشاشلا قانچە مىڭلىغان بالىلار سەرگەردان بولۇپ ياشىماقتا ھەم زەھەرلىك چېكىملىك بىلەن نابۇت بولماقتا. بۇ پىكىرنى گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىسى غەيۇر ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويغان.

جان بېقىشنىڭ تەسلىكىدىن ئىچكىرىگە بېرىپ كاۋاپچىلىق قىلغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار سەۋەپلىك، ئۇيغۇر مىللىتى خىتايلارنىڭ تىلىدا "كاۋاپچى" ئاتالغان ئىدى. ئەمدى ئوغۇرلاپ كېتىلگەن بالىلارنىڭ ئوغۇرلۇق، يانچۇقچىلىققا سېلىنىشى سەۋەپلىك، خىتايلاردا ئۇيغۇر مىللىتىنى "يانچۇقچىلار" دەپ ئاتاش ئادەتلىرى باش كۆتەردى.

خىتاي ھۆكۈمېتى تەدبىر قوللىنىشنى خالايدىغانلا بولسا، ئىچكىرىدىكى ئەشۇ ناشايان يوللاردىكى بالىلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ۋەتىنىگە، ئاتا - ئانىسىنىڭ قولىغا يەتكۈزۈپ بېرەلەيتى. ئۇنداق قىلىشنى خالىمىدى. چۈنكى، ئۇيغۇرلار مانا مۇشۇنداق يانچۇقچى، ئوغرى، خىروئىنچى، تېررورىست  دېگەندەك يامان تەسىرنى خىتاي خەلقىگە، دۇنيا خەلقىگە سىڭدۈرۈش يولىنى تۇتتى. بۇ ئارقىلىق، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى تۈپكى مىللىي زىددىيەتنى يوشۇرۇپ، سىياسىي مەسىلىنى ئىجتىمائىي مەسىلە بىلەن يېپىشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ.

غەيۇر ئەپەندى يەنە، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى داۋام قىلىۋاتقان مۇشۇنداق بىر چاغدا، ئۇيغۇر دىيارىدا يىگانە پەرزەنتلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقان ئاتا - ئانىلارنىڭ دات - پەرياتلىرىغا قۇلاق سالىدىغان ھىچكىم يوقلىقىنى، خىتاي ساقچى دائىرىلىنىڭ نازارەتتىكى بىر گۇمانلىق سىياسىي ئۇنسۇر يوقاپ كەتسە، پۈتۈن ئاپتونۇم رايۇندىكى ئونمىڭلىغان ساقچىلارنى سەپەرۋەر قىلىپ ئىزدەيدىغانلىقىنى، مىڭلىغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى يوقاپ كەتسە، ئۇنى خىيالىغا كەلتۈرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ سۆزىدە يەنە، "خەلقارا يوقاپ كەتكەن بالىلار كۈنى" دېگەندەك خاتىرە كۈنلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا نىسپەتەن ھىچ ئېتىبارى يوقلىقىنى، ھەر كۈنى ھەر يەردە قانچىلىغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ غايىپ بولىۋاتقانلىقىنى، بىچارە ئۇيغۇر ئاتا - ئانىلارنىڭ نالە - ئوئەريات چېكىشتىن باشقىغا كۈچى يەتمەيۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.
 

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.