ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدە جىنايەتلەرگە مەجبۇرلىنىشى يەنىلا داۋام قىلماقتا

قەدىرلىك ئوقۇرمەنلەر، ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئالدىنىپ ياكى سېتىلىپ بارغاندىن كېيىن، ئادەم بېدىكلىرى ھەمدە جىنايەت گورۇھلار تەرىپىدىن ئوغرىلىق ۋە بۇلاڭچىلىققا ئوخشاش جىنايى ھەرىكەتلەرگە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئېغىر ئىجتىمائىي مەسىلىنىڭ بىرى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009.02.12
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
KochidikiBalilar-200.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﻛﻮﭼﯩﺪﺍ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﻧﺎﻣﻪﻟﯘﻡ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﺎﺵ ﺋﯚﺳﻤﯜﺭ.
RFA Photo

ئۇيغۇر ئېلى جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ ئاشكارلىشىچە، خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئوغرى يانچۇقچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى داۋامىدا خىتاينىڭ ھەر قايسى ئۆلكىلىرىدىكى جىنايەت گۇرۇھلىرى قولىدىن قايتۇرۇپ كەلگەن ئۇيغۇر بالىلار 3000 دىن ئاشقان. لېكىن بۇ خىتاي ئۆلكىلىرىدە ھەق ھوقۇقلىرى دەپسەندە بولىۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ پەقەت بىر قىسمىلا خالاس.

خىتايدا بەختسىزلىككە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ سانىمۇ ئېنىق ئەمەس

"ئۇيغۇر بالا ئوغرىلار" ياكى" شىنجاڭلىق يانچۇقچىلار" دېگەنگە ئوخشاش تېمىلار، خىتايچە تور بەتلىرىدە كۆپ ئۇچرايدىغان تېما. بۇ تېما ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مۇلاھىزىلەر ئۇيغۇرلارنى بىئارام قىلسا، سەككىز ئون ياشتىكى ئۇيغۇر ئوغۇل ھەتتا قىز بالىلارنىڭ خىتاي شەھەرلىرىدە كوچىلاردا ھەر ياقا تەلمۈرۈپ قاراپ، كىشىلەرنىڭ يانچۇقلىرىغا قول سېلىۋاتقان، ۋە بەزىدە كىشىلەر تەرىپىدىن دۇمبالىنىۋاتقان، ساقچىلار تەرىپىدىن ياكى باشقىلار تەرىپىدىن زوراۋانلىق بىلەن ئەدەپلىنىۋاتقان سىن ئالغۇ كۆرۈنۈشلىرى كىشىنى ئازابلايدۇ.

ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئادەم بېدىكلىرى تەرىپىدىن ئالدىنىپ ياكى سېتىلىپ خىتايغا بارغاندىن كېيىن،جىنايەت گۇرۇھلىرىنىڭ پۇل تېپىش قورالىغا ئايلىنىپ، ئوغرىلىق بۇلاڭچىلىق ھەتتا زەھەرگە ئۆگىتىلىپ، ھەق - ھوقۇقلىرىنىڭ ئېغىر دەپسەندە قىلىنىپ، جىسمانىي روھىي جەھەتتىن تولدۇرغۇسىز خورلۇقلارغا ئۇچراۋاتقانلىقى، پەرزەنتىنى يوقاتقان ئائىلىلەرنىڭ ۋەيران بولۇۋاتقانلىقى ھەممىگە تونۇشلۇق ئېغىر بىر مەسىلە.

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدىكى نارازىلىقى ھەمدە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن جىددىي تەدبىر قوللىنىشىغا بولغان كۈچلۈك تەلىپى، ئىلگىرىكى يىللاردا خىتاينىڭ خەلق ۋەكىللىرى قۇرۇلتايلىرىدىمۇ ۋەكىللەر تەرىپىدىن ئوتتۇرغا قويۇلغان ئىدى.

ھەتتا 1990 - يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرى بەزى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۆزلىگىدىن تەشكىللىنىپ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى سەرگەردان ئۇيغۇر بالىلىرىنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنىمۇ ئېلىپ باردى. ئۇيغۇر جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى، 2006 - يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاينىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىگە بېرىپ ئوغرى يانچۇقچىلىق قىلىش جىنايەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى قوزغىغان بولۇپ، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە مۇشۇ ئۈچ يىل جەريانىدا، خىتايدىكى جىنايەت گۇرۇھلىرى قولىدىن جەمئىي 3056 نەپەر ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈرلەر قايتۇرۇپ كېلىنگەن بولۇپ ئۇلار ئاساسەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن، قەشقەر ئاقسۇ قاتارلىق جايلىرىدىن ئىكەن.

خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئادەم بېدىكلىرىنىڭ بالىلارنى جىنايەتكە مەجبۇرلاش قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىشى نەتىجىسىدە گەرچە بىر قانچە مىڭ بەختسىز بالا يۇرتىغا، ئىللىق ئائىلىسىگە قايتالىغان بولسىمۇ يەنە قانچىلىغان ئۆزىنى قوغداشقا ئىلاجىسىز بالىلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدە سەرسانە بولۇۋاتقانلىقى يەنە قانداق يامان تەقدىر ئاقىۋەتلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقى نامەلۇم. ئادەم بېدىكلىرىنىڭ نارەسىدە بالىلارغا قىلىۋاتقان زىيانكەشلىك قىلمىشلىرى داۋام قىلماقتا. خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى بۇ خىل تەقدىر قىسمەتلەرگە قېلىۋاتقان بەختسىز ئۇيغۇر بالىلىرى ھەققىدە ھازىرغىچە ئېنىق ئىستېتىكىلىق مەلۇمات يوق، بالىلار داۋاملىق يوقاپ كەتمەكتە، ئالدانماقتا، سېتىلماقتا....

بۇ ھەقتە قەشقەرنىڭ مەلۇم جامائەت خەۋپسىزلىك تارمىقىدىكى بىر ئۇيغۇر ساقچى گەرچە خىتايغا ئالداپ كېتىلگەن بالىلار داۋاملىق قايتۇرۇپ كېلىنىۋاتقان بولسىمۇ، يەنىلا ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئالداپ كېتىلىش ۋەقەلىرىنىڭ داۋاملىق يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ئېلىدىن ئۇيغۇر بالىلار ئالداپ كېتىلمەكتە

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسلىرىغا قارىغاندا، يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئالداپ ياكى سېتىلىپ كېتىلىشىگە ئوخشاش مەسىلىلەر كۆپ كۆرۈلىدىغان بىر ئېغىر جەمئىيەت مەسىلىسىگە ئايلانغان بولۇپ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى چوڭ شەھەرلەردە تىلەمچىلىك، ئوغرىلىق، يانچۇقچىلىق قىلىۋاتقان ئوقۇش يېشىدىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنى كۆپ ئۇچراتقىلى بولىدىكەن. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ھەتتا ئىككى - ئۈچ ياشلىق چاغلىرىدىلا، خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئالدىنىپ ياكى سېتىلىپ كېتىلگەن بولۇپ، يەرلىك ساقچى دائىرىلىرى ئۇلارنى بايقىغان بىلەنمۇ، بۇ بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆيىدىن ۋە ئاتا - ئانىسىدىن بەك كىچىك ئايرىلغان بولغاچقا، بەزىلىرى ھەتتا ئاتا - ئانىسىنىڭ ئىسمى، ئۆيىنىڭ ئادرېسىنىمۇ يادىدا تۇتالمىغان، ئۇلارنى تېپىۋالغان تەقدىردىمۇ ئائىلىسىگە قايتۇرۇش تەس بىر مەسىلىگە ئايلانغان.

ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق سەرگەردان، يېتىم بالىلارنى قۇتقۇزۇش مەركىزىدىن ئىلگىرى زىيارىتىمزىنى قوبۇل قىلغان بىر خادىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئورۇن ھەر يىلى سەرگەردان بالىلاردىن ئىككى ئۈچ مىڭنى يىغىۋالىدىكەن، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى خىتاي ئۆلكىلىرىگە سېتىۋېتىلگەن، ئوغرىلىققا سېلىنغان بالىلار بولۇپ، %98 تېدىن ئارتۇقى ئۇيغۇر بالىلار ئىكەن.

ئەگەردە خىتايدا ئادالەت، ئۇيغۇردا ئەركىنلىك بولغان بولسا....

خىتايغا ئالداپ كېتىلگەن ئۇيغۇر بالىلار مەسىلىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ھەم خاراكتېرى ھەققىدە مۇلاھىزە ئېلىپ بارغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى، كانادادىن مەمەت توختى ئەپەندى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئۇيغۇر بالىلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدە جىنايەتلەرگە مەجبۇرلىنىشىدىن ئىبارەت مەزكۇر مەسىلىنىڭ مەيدانغا چىقىشىغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى سەۋەبچى دېگەن قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويدى.

جىنايەت گۇرۇھلىرىغا، ئادەم بېدىكلىرىگە سېتىلىپ، ئالدىنىپ يامان يوللارغا مەجبۇرلانغان بالىلارنىڭ تەقدىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان بەزى ئۇيغۇرلار رادىئومىزغا تېلېفون قىلىپ، بۇ خىل مەسىلىلەرنىڭ بارغانچە ئېغىرلىشىشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىنىڭ نامراتلىقى دەپ بىلدۈرسە، چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ بەزىلىرى بولسا، ئاساسلىق سەۋەب خىتاينىڭ قانۇن سىستېمىسىنىڭ ناتوغرا، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي ئىقتىسادىي، مائارىپ سىياسىتىنىڭ ئادىل بولمىغانلىقىدا دەپ قارىماقتا. شۇنداقلا ئەگەردە خىتايدا ئادالەت بولغان بولسا، ئۇيغۇر خەلقىدە دىنىي سىياسىي ئەركىنلىك بولسا مەنىۋى ۋە ماددى جەھەتلەردىن نامرات بولمىسا، ئۇيغۇر بالىلىرىمۇ بۇ خىلدىكى جىنايەت يولۇغىمۇ كىرمىگەن بولاتتى دەپ قارىماقتا.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.