ب د ت ئەمگەك تەشكىلاتى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلدى
2007.12.13
ب د ت ئەمگەك تەشكىلاتى چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ شىكايىتىگە ئاساسەن ئۇيغۇر ئېلىدە يەرلىك ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ خىزمەت، مائاش، سالامەتلىك ۋە ئىجتىمائىي ھوقۇقلاردا كەمسىتىلىش، ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەش مەسىلىسىدە كۈزىتىش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شىۋېتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھىرىدە زىيارىتىنى داۋام قىلىۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر، ب د ت ئەمگەك تەشكىلاتىدىكى خادىملار بىلەن ئۇچراشقاندا بۇ مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.
"خىتاي ئىمزا قويغان ب د ت نىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەمگەك ئەھدىنامىلىرىغا خىلاپ"
قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم سېكرىتارى شى داگاڭ، قەشقەردىكى ھەر ساھە زاتلارغا ئاچقان بىر يىغىندا "ئۇيغۇر قىزلارنىڭ ئىچكىرىگە بېرىپ ئىشلىشىگە قارشى چىقىش، ئۇيغۇر خەلقىغە قىلىنغان ئەسكىلىك " دەپ تەكىتلىگەندە، ئۇيغۇر قىزلارنى ئەرزان ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە ئىچكىرىگە كەڭ - كۆلەملىك يۆتكەش سىياسىتى ب د ت ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغانلىقى ۋە بۇ خىتاي ئىمزا قويغان ب د ت نىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەمگەك ئەھدىنامىلىرىغا خىلاپ، دەپ قارىلىدىغانلىقىنى ئەقلىگە كەلتۈرمىگەن بولسا كېرەك.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بىلەن ب د ت ئەمگەك تەشكىلاتىدىكى خادىملارنىڭ پەيشەنبە كۈنى ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبىتى بۇ تېمىغا بېغىشلانغان بولۇپ، رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇر ئەمگەكچىلىرىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات بەرگەن ئىدى.
يىغىندا خىتاينىڭ ئەمگەك ھوقۇقىغا دائىر بەزى ب د ت ئەھدىنامىلىرىغا ئىمزا قويغانلىقىنى ۋە بىر قىسمىغا ئىمزا قويۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەمگەك تەشكىلاتىدىكى خادىملار، رابىيە قادىر ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرگە يەنى ئۇيغۇر قىزلارنى ئىچكىرىگە يۆتكەشكە مەجبۇرلاش ياكى تۇرمۇش شارائىتىنى ئىلاجىسىز يۆتكىلىشكە مۇھتاج قىلىپ قويۇش، بالىلارنى ئەمگەككە سېلىش، ھاشار شۇنداقلا يەرلىك مىللەتلەرنى خىزمەت، مائاش قاتارلىقلاردا چەتكە قېقىش مەسىلىسىگە ئالاھىدە قارايدىغانلىقىنى ۋە يۇقىرىقى ئەھۋاللار خىتاي ھۆكۈمىتى ئىمزا قويغان بەزى ماددىلارغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
" تۇغۇت يېشىدىكى قىزلارنى يۆتكەش پىلانىنى تاسادىپىي دېگىلى بولمايدۇ "
رابىيە قادىرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئەمگەك تەشكىلاتىدىكى خادىملار ئىچكىرىگە يۆتكەلگەن ئۇيغۇر قىزلار توغرىسىدا بەزى ئۇچۇرلارغا ئىگە بولغانلىقىنى شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ مەسىلىگە دائىر پاكىت -ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىشىنى تەلەپ قىلغان. بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش ب د ت ئەمگەك تەشكىلاتىدىكى خادىملارنىڭ 1 - قېتىم ئۇيغۇر ۋەكىلى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇر قىزلارنىڭ ئىچكىرىگە يۆتكىلىش ئەھۋالى، ھاشار ۋە ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئاڭلىشىدۇر. رابىيە قادىر، ئەمگەك تەشكىلاتىدىكى خادىملارغا ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئەھۋالى، ھاشار ئەمگىكى، ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇر قىزلار ۋە ئاتا - ئانىلىرىنىڭ شىكايىتى خاتىرىلەنگەن سىنئالغۇ لىنتىسىنى ئەمگەك تەشكىلاتىدىكى خادىملارغا بەرگەن.
ئاخىرقى چاغلاردا، ئۇيغۇر قىزلارنى ئىچكىرىگە يۆتكەش مەسىلىسى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ تەشۋىقات ئۇرۇشىدىكى كەسكىن تېما بولۇپلا قالماي، بۇ يەنە ئامېرىكا ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىنى گۇمانغا سالىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان ئىدى. ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە قارشى تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى، باش ئەلچى مارك لوگان، خىتاينىڭ "تۇغۇت يېشىدىكى قىزلارنى يۆتكەش پىلانىنى تاسادىپىي دېگىلى بولمايدۇ " دەپ تەكىتلىسە، رابىيە قادىر خىتاينىڭ بۇ پىلانى "تۇغۇت يېشىدىكى ئۇيغۇر يىگىت - قىزلىرىغا توي قىلىش پۇرسىتى بەرمەسلىك ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تەبئىي كۆپىيىشىنى چەكلەشتۇر،" دەپ كۆرسەتمەكتە.
" ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئەھۋالىنى رەسمىي بىر مەسىلە قىلىپ تۇرغۇزىمىز "
خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ مەلۇماتىدا ئەسكەرتىشىچە، دائىرىلەر بىر يىل ئىچىدە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئۆزىدىن ئىچكىرىگە 240 مىڭ ئادەم - قېتىم قىز يۆتكىگەن بولۇپ، بۇ ساننى مىليون ئادەم-قېتىمغا چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. زور كۆلەملىك بۇ سان ئۇيغۇرلارنى چۆچۈتمەكتە ئىدى. رابىيە خانىم پەيشەنبە كۈنى جەنۋەدىكى ب د ت بىناسىدا ئۇچراشقان ئەمگەك تەشكىلاتىدىكى خادىملارنىڭ ئىسىملىرىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلدى. لېكىن ئۇ، ئەمگەك تەشكىلاتىدىكى خادىملارنىڭ "يېتەرلىك پاكىتلار بىلەن تەمىنلەنسەك، ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئەھۋالىنى رەسمىي بىر مەسىلە قىلىپ تۇرغۇزىمىز "دېگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇيغۇر ئىلىدىكى يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇيغۇر قىزلارنى يۆتكەشتىكى مەقسەت ھۆنەر ئۆگىتىش، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى ياخشىلاش ئۈچۈندۇر.
رابىيە قادىر، ب د ت نىڭ ئەمگەك تەشكىلاتىدىكى خادىملار بىلەن ئۇچرىشىشتىن بىر قانچە كۈن بۇرۇن 'تەڭرىتاغ" تورى خىتاينىڭ جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى بىر كارخانىدا ئىشلەشكە ئەۋەتىلگەن تەخمىنەن 100 دەك قەشقەرلىك ئۇيغۇر قىزنىڭ "پۇل تېپىپ" "شاد- خورام" يۇرتىغا قايتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى. كۆزەتكۈچىلەر، "تەڭرىتاغ" تورىنىڭ بۇ خەۋىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇر قىزلار مەسىلىسىگە دىققىتى قوزغىلىۋاتقان مەزگىلدە ئېلان قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ مەسىلىدە يەرلىك دائىرىلەر بىلەن خىتاي دىپلوماتلىرىنىڭ بىر - بىرىگە زىت بايانات بېرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتمەكتە.
يېقىندا ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى باش ئەلچىخانىسى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر قىزلارنى ئىچكىرىگە يۆتكەش سىياسىتى يوقلۇقىنى، بۇ ئىشنى قىلىۋاتقان كىشىلەرنى بولسا يەرلىكتىكى "قانۇنسىز ئۇنسۇرلار"، دەپ تەكىتلىگەن. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈرمىدىكى ئوغلىنىڭ سالامەتلىكى ئائىلىسىدىكىلەردە ئەندىشە قوزغىدى
- " رابىيە، ياپونىيەگە خۇش كەپسىز ! "
- رابىيە خانىم جەنۋەدە ياۋرۇپا پارلامېنتنىڭ كومىتېت مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشتى
- رابىيە خانىم "بىرلا ئىنقىلاب - ياۋروپا ئۈچۈن زوراۋانسىز لايىھە - لىبېراللىق " يىغىنىغا قاتناشتى (2)
- ئۇيغۇر ۋەكىللىرى UNPO ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنىغا قاتناشتى
- رابىيە خانىم "بىرلا ئىنقىلاب - ياۋروپا ئۈچۈن زوراۋانسىز لايىھە - لىبېراللىق " يىغىنىغا قاتناشتى (1)
- رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيىدىكى زىيارىتى ھەققىدە سۆھبەت
- خىتاي ھۆكۈمىتى جەنۇبىي دېڭىزدىكى تاقىم ئاراللىرىنى ئىدارە قىلىدىغان شەھەر تەسىس قىلدى
- رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيە زىيارىتىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى
- رابىيە قادىر خانىم ياپونىيىنىڭ كوبې شەھىرىدىكى گاكۇئىن ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلىدى
- ب د ت 2009 - يىلى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەكشۈرىدۇ
- ياپونىيىدە، خىتاي ۋە شاڭخەي گۇرۇھىدىكى دۆلەتلەرگە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا خەت يېزىش ھەرىكىتى قوزغالدى