بېلگىيىدىكى ئۇيغۇر كۆچمەنلەر - ۋەتەنسىزلىكنىڭ تراگېدىيىسى
2005.10.27

دۇنياۋى كۆچمەنلەر قوشۇنىغا 20 - ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىدا سانى ئاز بولسىمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار كېلىپ قوشۇلدى. غەربىي ياۋروپادا ئۇيغۇر كۆچمەنلەر ئەڭ كۆپ ياشايدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بېلگىيە. ئەمما ئۇيغۇرلار بۇ دۆلەتتىكى نوپۇسى ئەڭ ئاز ۋە تۇنجى ئەۋلاد كۆچمەنلەر ھېسابلىنىدۇ.
بېلگىيىدىكى ئۇيغۇر كۆچمەنلىرىنىڭ سانى 500 - 600 يۈز ئەتراپىدا بولۇپ، كۆپچىلىكى ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار. بۇ دۆلەتكە كېلىش تارىخى 15 يىلغا بارمايدىغان ئۇيغۇر كۆچمەنلىرىنىڭ كۆپچىلىكى1995 - يىلدىن كېيىن كەلگەن، ئۇلارنى بېلگىيىدىكى كۆچمەنلەرنىڭ ئەڭ يېڭىياچىسى دېيىش مۇمكىن.
نېمە ئۈچۈن بېلگىيە ؟
بېلگىيىدىكى ئۇيغۇرلار دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كۆچمەنلەرگە ئوخشاشلا ئانا تىلى ۋە جەمئىيەت تىلى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان مۇھىتقا ماسلىشىش قىيىنچىلىقىنى تارتماقتا. قانۇنى سالاھىيەتكە ئېرىشىش ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت كىملىكى ئۇلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر.
رىسالەت خانىم بېلگىيىگە ئەڭ بۇرۇن كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ بىرى. ئۇ، ئۇيغۇر كۆچمەنلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن بېلگىيىنى تاللىۋالغانلىقىنى توغارىسىدا توختىلىپ، شەخسەن ئۆزىنىڭ بۇ دۆلەتتە ب د ت نىڭ بىر بۆلۈمىنىڭ بارلىقى ۋە ئۇلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېرىشەلەيدىغانلقىنى ئويلاپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.
بېلگىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ كۆپەيگەن مەزگىلى 2000 ۋە 2001 - يىللىرىغا توغرا كېلىدىكەن. بۇ مەزگىلدە ئۇلارنىڭ سانى 900 -1000 ئەتراپىدا بولغان. بۇ ئەھۋال بېلگىيە دائىرىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغاندىن كېيىن، بېلگىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى قازاقىستان بىلەن قىرغىزىستانغا ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئەمما رىسالەت خانىم، " تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئۇيغۇرلارنىڭ بېلگىيىدىن سىياسى پاناھلىق ئېلىشىدا مەنپى رول ئوينىدى،" دېدى.
كۆچمەنلەرنىڭ ئەڭ چوڭ دەردى ئولتۇراقلىشىش گۇۋاھنامىسى
رىسالەت خانىمنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بېلگىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاران 20 - 30 % لا ئولتۇراقلىشىش گۇۋاھنامىسىغا ئېرىشەلىگەن. ئۇ، " ئولتۇراقلىشىش گۇۋاھنامىسى ئېلىش ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم مەسىلە،" دەيدۇ.
سادىقجان، بۇنىڭدىن 6 يىل ئىلگىرى بېلگىيىگە كەلگەن قازاقىستانلىق ئۇيغۇر مۇھاجىر. ھازىر ئۇ، ئايالى ۋە ئۈچ ئوغلى بىلەن بريۇسسېلدا ياشايدۇ. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئوغۇللىرى ناھايىتى ئەلا ئوقۇيدىكەن. ئەمما ھازىرغىچە سىياسى پاناھلىقى قوبۇل قىلىنمىغانلىقتىن ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان پۈتۈن تەمىناتلار توختىتىلغان. ئۇ، "ھازىرچە مانتيورلۇق قىلىپ كۈنۈمنى ئاران ئۆتكۈزىۋاتىمەن،" دەيدۇ. ئەمما بېلگىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى كۆچمەنلەر تەتقىقات ۋە تەكشۈرۈش ئورنىدىكى پېگىي باتېن، "بىز ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا يىتەرلىك ئۇچۇر ۋە پاكىتلارغا ئىگە ئەمەسمىز،" دەيدۇ. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى پاناھلىقى رەت قىلىنىشتىكى مۇھىم سەۋەبلەر ئىكەن.
بېلگىيىدىكى ئۇيغۇرلاردا مەدەنىيەت كىملىكى مەسىلىسى
بېلگىيە، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىرنىڭ ياۋروپادا ئېلىپ بارغان 3 ھەپتىلىك زىيارىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم بېكىتى ئىدى. بېلگىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئۇنى بېلگىيىنىڭ ئانتىۋېرپىن شەھرىدىكى بىر پائالىيەت زالىدا زىياپەت ئۆتكۈزۈپ كۈتىۋالدى. زىياپەتنىڭ كەيپىياتى ئۇلارنىڭ ئۆز ئۆرۈپ ئادەتلىرىگە قانچىلىك كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇراتتى.
گۈزەل ئىبراھىموۋا، ئولتۇراقلىشىش گۇۋاھنامىسى ئېلىش قايغۇسىدا يۈرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە بىرى. ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى 50 ۋە 60 - يىللاردا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ غۇلجا شەھىرىدىن ئالما-ئاتاغا چىقىپ ئولتۇراقلاشقان. ئۇ، قىزلىرى بىلەن 5 - 6 يىلدىن بېرى بريۇسسېلدا ياشىماقتا. گۈزەل خانىمنىڭ قىزلىرى فرانسۇزچە ئوقۇيدىكەن. ئۇ، ئۆزىنىڭ رۇسچە ئوقۇغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، " كىملىكىمىزنى قانداق تەرىپلەش مەسىلىسىدە قىيىنچىلىققا دۇچ كەلمەكتىمىز،" دەيدۇ.
رابىيە قادىر: ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيادا قارشى ئېلىنمايدىغان كىشىلەر
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى ۋە تۇرمۇشىدا جىددى ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى. ئۇيغۇرلار دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن سىقىپ چىقىرىلىش بىلەن بىرگە، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەت ساھەلىرىدىن يەكلەنگەن، ھاياتلىق بوشلۇقى تارايغان.
رابىيە قادىر خانىم، "بولۇپمۇ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيادا قارشى ئېلىنمايدىغان كىشىلەرگە ئايلاندى،" دەيدۇ. رابىيە قادىر خانىم بېلگىيىدىكى زىيارىتى جەريانىدا بېلگىيە دائىرىلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن ئۇيغۇرلارغا شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن ئۇيغۇرلار بىلەن ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.(ئەركىن)