ئامېرىكىلىق مۇستەقىل ئوبزورچى تېد رول ( Ted Rall ) ئەپەندى " Uexpress" دەپ ئاتالغان ئامېرىكىدىكى بىر ئىنتېرنېت مۇنازىرە بېتىگە، يېقىندا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قىلغان زىيارىتىگە ئاساسەن ئۇيغۇر مىللىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە يازغان بىر پارچە ماقالىسىنى ئېلان قىلدى.
ئاپتور ماقالىسىدە ئاساسلىقى ئۇيغۇرلارنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش بىلەن تەڭ ئامېرىكا باشلىغان خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن بىر بالا بولغانلىقىنى يازىدۇ.
ئۇ ماقالىسىنىڭ بېشىدا ئۇيغۇرلارنىڭ 50 يىل ئاۋالقى ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، ماۋ زېدوڭ باشچىلىغىدىكى كوممۇنىست خىتاي پارتىيىسى ئۇيغۇر ئېلىنى ئىشغال قىلىپ، 1950 - يىللىرىغا كەلگەندە بېيجىڭغا خىتاي مەدەنىيىتى ۋە سىياسىتىنى توپلاش ئارقىلىق ھوقۇقنى مەركەزگە يىغىشقا كۆپ كۈچ چىقارغانلىقىنى، بۇ دېگەنلىك كۆپ نوپۇسلۇق خىتاي مىللىتىگە يات بولغان بارلىق مەدەنىيەت ۋە دىنلارنى باستۇرۇش دېگەنلىك بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى يازىدۇ. ئۇ يەنە، خىتاي بۇ سىياسىتىنى تىبەت ۋە موڭغوللارغا يۈرگۈزۈشتىن سىرت، بۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كەلگەن زىيانكەشلىكىنىڭ ھەممىدىن ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
خىتاي ئاققۇنلىرى ھەققىدە
تېد رول ماقالىسىدە، 1955 - يىلى ئۇيغۇرلار باشچىلىغىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر نوپۇسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ٪90 تىدىن كۆپىنى ئىگىلىگەن بولسا، ھازىر خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە كۆپلەپ ئېقىپ كىرىشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز يۇرتىدا ئاز سانلىق نوپۇسقا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، "كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر رايونىدا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى قاتتىق يۈرگۈزسە، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىن يىلىغا 300 مىڭ خىتاي ئاققۇنلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكەۋاتىدۇ" دەپ يازغان.
ھەممە خىتاي قولىدا
ئاپتور يەنە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنىڭ ئىنتايىن مۇقىمسىز بىر ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى، بۇنى بولۇپمۇ ئۈرۈمچىدە كۈچلۈك ھېس قىلغانلىقىنى يېزىپ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئىشسىزلىق ھەققىدىمۇ توختالغان. ئۇ ماقالىسىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇھىم ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنى ۋە ياخشى سودا پۇرسەتلىرىنى پۈتۈنلەي خىتايلار ئىگىلەيدىغانلىقىنى بۇنىڭدىن ئۇيغۇرلارنىڭ تولىمۇ نارازى ئىكەنلىكىنى يازغان.
ئۇيغۇرلار ئامېرىكىنى سۆيىدۇ
ئاپتور تەد رول يەنە، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئامېرىكىنى سۆيىدىغان بىر خەلق ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، ئۆزى ئۇيغۇر ئېلىدە زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە پاراڭلاشقان بىر نەچچە ئۇيغۇرلارنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈردى. بىر ئۇيغۇر كىشى ئاپتورغا "بىز ئامېرىكىنى سۆيىمىز. ئۇلار چوقۇم بىر كۈنى بىزگە ياردەملىشىپ خىتايلارنى ھەيدەپ چىقىرىدۇ" دېگەن. ئاپتورنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ يەردىكى يەنە نۇرغۇن كىشىلەر "ئەركىن ئاسىيا رادىئو" سىنىڭ پروگراممىلىرىنى ئاڭلايدىغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئۇلار چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتلەردىن خەۋەردار بولىدىكەن.
خىتايلار "تېررورىزىمغا قارشۇ ئۇرۇش" تىن پايدىلىنىۋاتىدۇ
تېد رول ماقالىسىدا، ئۇيغۇرلار ئامېرىكىدىن مۇشۇنداق زور ئۈمىد كۈتكەن پەيتتە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا كىرگۈزگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، بۇنىڭدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇستاتلىق بىلەن پايدىلىنىپ كەتكەنلىكىنى، ھەمدە بۇنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە بىر نەپەر ئۇيغۇرنىڭ "بىز خىتايلارغا قارشى قاتتىق كۆرەش قىلىش ئارقىلىق ئامېرىكىغا بىزنىڭ ھەقىقەتەن بۇ ئىشقا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغىنىمىزنى بىلدۈرىمىز. ئامېرىكا ئەركىنلىكنى ياقلايدىغان بىر دۆلەت" دېگەن سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈردى.
ئاپتور يەنە، ھازىر گۇئەنتانامودا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكا سوتىغا چىققاندا، ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقەتەن ئافغانىستاندا چېنىققانلىقىنى ئېتىراپ قىلسىمۇ ئەمما ئۇلارنىڭ دۈشمىنىنىڭ خىتاي ئىكەنلىكىنى، ھەرگىزمۇ ئامېرىكىغا قارشى كۈرەش قىلىش نىيىتىنىڭ يوقلىقىنى ئېيتقانلىقىنى يازغان. شۇنداقلا ئاپتور ماقالىسىدە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەيدىغانلىقىنى، ئۇلارنى ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. (پەرىدە)