ھازىرقى ئۇيغۇر مەسىلىسى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى ئەمەس، بەلكى خەلقئارا دېموكراتىك ھەرىكەتنىڭ بىر قىسمى
2008.01.11
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 1 - ئاينىڭ 11 - كۈنىدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى جۇ يۇڭكاڭ مەملىكەتلىك بىخەتەرلىك يىغىنىدا سۆز قىلىپ، خىتايدا بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى گەرچە بۇرۇنقى يىللارغا قارىغاندا بارغانسېرى مۇقىملىققا قاراپ يۈزلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ۋەزىيەت يەنىلا ناھايىتى جىددىي، دەپ تەكىتلىگەن. شۇنداقلا 2008 - يىلىنى 'يۇشۇرۇن خەتەرلەرنى بىر تەرەپ قىلىش يىلى بولىدۇ' دەپ جاكارلىغان.
بۇ ۋاقىتتا، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا بەلگىلىگەن ئەمەلدارى ۋاڭ لېچۇەن بۇنىڭدىن بۇرۇن ئېلىپ بېرىلغان 'قاتتىق زەربە بېرىش'دېگەن سىياسىي ھەرىكەتلەردىكى 'ئۈچ خىل كۈچلەرگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇم قىلىش، باش كۆتەرسىلا ئۇرۇش، ئاۋال قول سېلىش' دېگەن ۋەھشى شۇئارنى قايتىدىن توۋلاپ، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان يەنە بىر قېتىملىق باستۇرۇش ھەرىكىتىنى قوزغاشقا باشلىغان ئىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ مۇلاھىزە قىلىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ھازىر دۆلەت ئىچىدە ۋە خەلقئارادا جىددىي مەسىلىگە دۇچ كېلىپ قاتتىق بىئارام بولۇۋاتىدۇ.
دىلشات رىشىتنىڭ مۇلاھىزە قىلىشىچە، ۋاڭ لېچۈەننىڭ يېقىندا ئۇيغۇرلارغا قارىتا باشلىغان يەنە بىر قېتىملىق باستۇرۇش ھەرىكىتى كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بىۋاستە ئارىلىشىۋاتقانلىقىدىن بولۇۋاتىدۇ.
دىلشات رىشىتنىڭ مۇلاھىزە قىلىشىچە، ھازىرقى ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەرگىزمۇ خىتاينىڭ ئىچكى مەسىلىسى ئەمەس، ھازىرقى ئۇيغۇر مەسىلىسى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىكى دېموكراتىك ھەرىكەتنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ بولدى. بۇنىڭدىن ۋاڭ لېچۇەن تېخىمۇ بەك بىئارام بولۇۋاتىدۇ. ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئۆزىدە ئىشەنچە قالمىدى، شۇڭلاشقا ئۇ بۇ قېتىم يەنە ئۇيغۇرلاردىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇدىغان كونا سىياسىي ۋاستىنى كۆتۈرۈپ چىقتى.
دىلشات رىشىتنىڭ مۇلاھىزە قىلىشىچە، خىتاينىڭ ھازىر ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش ھەرىكىتى ئۇيغۇر خەلقىغە ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئەمما خەلقئارا بۇنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتىدۇ ۋە خىتاينى توسۇش ئۈچۈن تەدبىر قوللىنىۋاتىدۇ. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ زۇلمىغا بەرداشلىق بېرىپ تاقابىل تۇرۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقى يەنىلا كۈرەشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئەڭ ئاخىرىدا ئۇتۇپ چىقىدۇ. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىش مۇمكىنچىلىكى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى (3)
- خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىش مۇمكىنچىلىكى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى (1)
- بىڭتۈەن - ئۇيغۇر ئېلى ئىچىدىكى مۇستەقىل ئىمپېرىيە (1)
- خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك كومىتېتى ئاخبارات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
- ئامېرىكىدا يەنە 'كوممۇنىست خىتاي جاسۇسلىرى' دېگەن تېمىدىكى خەۋەر ، تەھلىللەر كۆپىيىپ قالدى
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مەخپىي ھۆججىتى ھەققىدە ئىنكاس بىلدۈردى
- غەرب مەتبۇئاتلىرى خىتاينى يېمەكلىكلەر بىخەتەرلىكى سىستېمىسىنى ياخشىلاشقا مەجبۇرلىماقتا
- خىتايدا 'جۇڭگوچە' دەپ ئاتالغان سىياسەتلەرنىڭ ھېچقايسى ياخشى سىياسەت ئەمەس
- خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىلقى ماي بايرىمىدا نۇرغۇنلىغان تور بەتلىرىنى تاقىۋەتتى
- دونالد رامسفېلد، خىتاي ھەربىي خىراجىتىنىڭ تېز ئېشىشىنى ئەيىبلىدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە چاغان مەزگىلىدىكى مۇقىملىقنى كۈچەيتىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارماقتا