يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزا، كەنت كادىرلىرى بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى يېزا - كەنت كادىرلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، يۆتكەپ ئىشلىتىش يەنى بىر - ئىككى يىل چېنىقتۇرۇش ئارقىلىق، ئۇلارنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، تېخىمۇ ئاكتىپ خىزمەت قىلدۇرۇشقا تەييارلىماقتا، ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، بولۇپمۇ قەشقەر ۋىلايىتى مۇشۇنداق يېزا -كەنت كادىرلىرىنى يۆتكەپ ئىشلىتىۋاتقان نۇقتىلىق جاي ئىكەن.
بۇ خىل كادىر ئالماشتۇرۇش سىياسىتى بىلەن تېخىمۇ كۆپ خىتايلار ئۇيغۇر يېزىلىرىغا ئورۇنلىشىۋاتقان بولۇپ ئۇلار جايلاردا ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز ئالدىغا يەرلىك سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈپ خەلققە زۇلۇم سېلىۋاتماقتا، ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئارىسىدا بۇ خىل يېزا -كەنت ئەمەلدارلىرىغا بولغان نارازىلىق بارغانچە كۈچەيمەكتە.
خىتاي كادىرلار ئۇيغۇر يېزىلىرىدا پادىشاھ
ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، بىر قانچە يىللاردىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزا -كەنت كادىرلىرىنى، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى يېزا - كەنت كادىرلىرى بىلەن ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ چېنىقتۇرۇشنى يولغا قويغاندىن بۇيان، ئەسلىدىنلا ئۇيغۇر يېزا -كەنتلەردە مەمۇرىيەت ئورنىدا سانى بىر قەدەر كۆپ بولغان خىتاي كادىرلار تېخىمۇ كۆپەيگەن. نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزا-كەنتلەردە بىر ياكى ئىككى نەپەر ئۇيغۇر كادىر بولغان بولسا، پارتىيە گۇرۇپپا سېكرىتارلىقىنى، ئىقتىسادقا، بىخەتەرلىككە، مالىيىگە مەسئۇل ھوقۇقلارنى ئاساسەن خىتاي كادىرلار ئىگىلىگەن ئىكەن.
بىز ئالدىنقى ئاڭلىتىشىمىزدا ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا پەيزىۋات ناھىيىسىنىڭ جانباز يېزىسىغا ئىككى يىللىق خىزمەتكە كەلگەن شۇنداق بىر خىتاي ئەمەلدارنىڭ يىغىنغا قاتناشقان كادىر، خىزمەتچىلەرگە بىر قاچا پولونى يۈز يۈەندىن زورلاپ ساتقانلىقى، پۇل بەرگىلى ئۇنىمىغانلارنى ھەتتا كەمسىتىپ ھاقارەتلىگەنلىكىدەك 100يۈەنلىك پولو ۋەقەسى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ ئۆتكەن ئىدۇق. گەرچە ئۇيغۇر يېزىلىرىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان پارتىيە - ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ناشايان قىلمىشلىرى ھەققىدە كۆپ قېتىم دېھقانلارنىڭ ئىنكاسلىرىنى ئاڭلاتقان بولساقمۇ، مەزكۇر ۋەقە يېزا ئەمەلدارلىرىنىڭ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ھەددىدىن ئاشقان زومىگەرلىك قىلمىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىنىڭ بىر جانلىق ئىسپاتى سۈپىتىدە مەيدانغا چىقتى. بۇ ۋەقە ئارقىلىق، خىتاي يېزا - كەنت ئەمەلدارلىرى ئۇيغۇر يېزىلىرىدا ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ نېمىلەرنى قىلالايدۇ؟ دېگەن سوئال ئالدىمىزغا تاشلىنىدۇ. بىز بۇ ھەقتە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن قەشقەرنىڭ بەزى يېزا - كەنتلىرىدىكى دېھقانلار بىلەن سۆھبەتلەشتۇق.
ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا، يېزا- كەنتلەردىكى كادىرلارنىڭ ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش قىلمىشلىرىمۇ خېلى ئېغىر بولۇپ، ئاساسەن ئىقتىسادىي مەنپەئەت ياكى ھوقۇقىنى كۆزلەپ دېھقانلارنى قاقشىتىدىغان ئەھۋاللار ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت ئىكەن. بۇ ھەقتە قەشقەرنىڭ مەلۇم يېزىسىدىن بىر ياش دېھقان ئۆز كەنتىدە ئەمەلدارلارنىڭ چەكتىن ئاشقان قىلمىشلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى.
"ئۇلار مۇقىملىقنى ساقلىغۇچىلار ئەمەس، دەل مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلغۇچىلاردۇر"
خىتاي ھۆكۈمىتى 9 - بەش يىللىق پىلانى جەريانىدىلا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقى ھەم تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، مەخسۇس خىتاي ئۆلكىلىرىدىن 2000 دىن 2500 گىچە كادىرنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگە يۆتكەپ ئىشلەتكەن. بۇ خىل مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاكتىپ سىياسەت ھېلىھەم داۋام قىلماقتا.
بەزىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا، سەۋىيە ياكى باشقا تېخنىكا جەھەتلەردە يەرلىك كادىرلاردىنمۇ تۆۋەن تۇرىدىغان خىتاي كادىرلار، بارغانلا جايدا ناھايىتى مۇھىم ۋەزىپىلەرگە تەيىنلىنىپ، تۇرمۇش ۋە باشقا جەھەتلەردە ئالاھىدە ئىمتىيازلارغا ئىگە قىلىنىدىكەن. ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ئاساسەن مەركەزنىڭ سىياسەتلىرىنى كەڭ تەشۋىق قىلىش شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇقىملىق خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەش ئىكەن. ئۇلار بۇ جەرياندا قاتتىق قوللۇق بىلەن ھەمدە ئاتالمىش ئۈچ خىل كۈچكە قارشى تۇرىمىز دېگەن باھانىلەر بىلەن يەرلىك خەلقنىڭ ئۆرپ - ئادەت ۋە ھەق - ھوقۇقلىرىنى ھۆرمەت قىلمايلا قالماي، خەلقنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي بېسىمىنى تېخىمۇ ئېغىرلىتىۋاتقان بولغاچقا، خەلق ئىچىدە بەزى نارازىلىقلارغا سەۋەب بولماقتا ئىكەن. شۇڭا يەرلىك ئامما، يات خىتاي ئۆلكىلىرىدىن يىلدا ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان بۇ خىتاي كادىرلارنى دەل ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىمسىزلىق ئۇرۇقىنى چاچقۇچىلار دەپ نارازى بولماقتا ئىكەن.
گەرچە ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ خىتاي يېزا - كەنت كادىرلىرىغا بولغان نارازىلىقى كۈچلۈك بولسىمۇ، ئەمما، ئۇلارنىڭ ناشايان قىلمىشلىرى ئۈستىدىن ئەرز قىلىشقا جۈرئەت قىلالماسلىقى مەۋجۇت مەسىلە بولۇپلا قالماي، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە مەنپەئەتپەرەس ھوقۇقدارلارنىڭ خەلق ئۈستىدىكى زۇلمىتىنى توسالغۇسىز داۋاملاشتۇرۇشىغا يول ئېچىۋاتقان بىر سەۋەبتۇر.
بۇ ھەقتە ئامېرىكىغا يېڭى كەلگەن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەجرىبىلىرى ھەم جەمئىيەت تەتقىقاتىغا ئاساسەن مۇلاھىزىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. (گۈلچېھرە)