رابىيە قادىر: "ئۇيغۇر دېھقانلارنى نامراتلاشتۇرۇۋاتقان - خىتاينىڭ يېزىلارغا قاراتقان سىياسىتى"


2008.01.11

MIT-rabiye1-150.jpg
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم MIT دا نۇتۇق سۆزلەۋاتىدۇ. UAA Photo

خىتاي ھۆكۈمىتى يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش سىياسىتى بۇيىچە 2008 - يىلدا يەنە ئۇيغۇر ئېلىدە بىر مىليون 500 مىڭ ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەشنى بۇ يىللىق يېزا خىزمەت پىلانىغا كىرگۈزگەنىدى، بۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر سىياسەت باھانىسىدە ئاساسلىقى ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە تۈركۈملەپ يۆتكەۋاتقانلىقىغا نارازى بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بولۇپمۇ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئەندىشىسى ھەم نارازىلىقىنى يەنىمۇ ئاشۇردى.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسەتلىك ھالدا ئۇيغۇر ياشلىرىنى بولۇپمۇ بويىغا يەتكەن قىزلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ جىددىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە، دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش داۋامىدا ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا.

رابىيە قادىر خانىم مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش سىياسىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىغا قارىتا ئۆزىنىڭ مۇلاھىزە ھەم پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.