ئاسىيانىڭ يۈرىكىدىكى سىرلىق ماكان (1)


2008.02.15

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىنىڭ ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلىرى غەرب دۇنياسىغا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە مىللىي ئىرادىسىنى بارغانسىرى كەڭ دائىرىدە تونۇتۇپ، ھەر ساھە سىياسىي زاتلارنىڭ ھەم پۇقرالارنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىگە بولغان ھېسداشلىقىنى قوزغاپ كەلمەكتە.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، "ئاسىيانىڭ يۈرىكىدىكى سىرلىق ماكان" دەپ تەرىپلىنىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مول مەدەنىي مىراسلىرى ھەم قەدىمقى ماددىي ۋە مەنىۋى بايلىقلىرى غەرب ئىلىم دۇنياسىنى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى ھەققىدە مول بىلىملەر بىلەن تەمىنلەپ، ئىلىم ساھەسىنىڭ جىددىي دىققەت - ئېتىبارىنى قوزغىماقتا.

ئىلگىرى كېيىن ئاۋرىل ستېيىن، فون لىكوك، برۇنۇ باۋمان قاتارلىق كۆپلىگەن ئېكسپېدىتسىيىچىلەر ئۇيغۇر دىيارىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەمنىڭ غەرب ئېكسپېدىتسىيىچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدىكى تونۇشتۇرۇشىنىڭ باش قىسىمىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.