ئاسىيانىڭ يۈرىكىدىكى سىرلىق ماكان (2)
2008.02.29
گېرمانچە "يىپەك يولى" تور بېتىدە يىپەك يولىنىڭ تۈگىنى بولغان ئۇيغۇر ۋەتىنى ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇماتلار بېرىلگەندىن سىرت، ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ غەزىنىسى بولغان تۇرپان، كۇچا، قەشقەر، خوتەن، باي، لوپنۇر، مىران ۋە تارىم ۋادىسىدىكى باشقا ئاسارە - ئەتىقىلەر دۇنياسى ھەققىدىمۇ كۆپلەپ ئۇچۇرلار بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ تور بېتى ئۇيغۇرلار ھەققىدە نەشىردىن چىققان كىتابلار ۋە مۇھىم ئىلمىي ماقالىلار ھەققىدىكى يېڭى خەۋەرلەر بىلەن تولغان.
ئۇيغۇرلار ئىجادىيىتىنىڭ پاكىتى
بۈگۈن گېرمانىيىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئالاھىدە كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمقى مەدەنىيىتىگە ئائىت پروگراممىلار كۆپلەپ ئىشلىنىۋاتىدۇ. مەسىلەن: لەغمەننى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجاد قىلغانلىقى، يېقىندا تارىم ۋادىسىدىن دىئامېتىرى 3 mm ، ئۇزۇنلۇقى cm 50 كېلىدىغان 4 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە لەغمەن تېپىلغانلىقى ھەققىدە ئىشلەنگەن رادىئو خەۋىرى دىققىتىمىزنى تارتىدۇ.
بۇ بالىلار پروگراممىسىدا ماركوپولۇنىڭ 1279 - يىلى لەغمەننى ئۇيغۇرلاردىن ئۆگىنىپ كېلىپ، ياۋروپادا كەسمە چۆپنىڭ بارلىققا كېلىشىگە سەۋەپ بولغانلىقى، كەسمە چۆپنى ئىتاليانلار ياكى ئىسپانلار ئەمەس، ئۇيغۇرلار ئىجاد قىلغانلىقى ئاڭلىتىلغان.
خىتاي يول قويمايدۇ
ئۇيغۇرلار گېرمانىيىلىك تەتقىقاتچى مەرھۇم گابايىن خانىمنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە كۆپلەپ ئەسەرلەر يازغانلىقىنى ئاڭلىغان بولسىمۇ، گېرمانىيىدىكى باشقا ئالىملار، تەتقىقاتچىلارنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا يازغان ئەسەرلىرى بىلەن يېتەرلىك دەرىجىدە تونۇش ئەمەس. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، گېرمانلار تەرىپىدىن يېزىلغان، 1994 - يىلى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، ۋەتەندە نەشىردىن چىققان "قەدىمقى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى" ناملىق كىتابتىن باشقا، ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان كىتاب يوق دىيەرلىك ئىكەن.
ھەتتا شىۋېتسىيىلىك سۋېن ھېدىن (سۋەن ھەدىن)، ئەنگلىيىلىك ئاۋرېل ستەيىن(ئائۇرېل ستەئىن) ۋە گېرمانىيىلىك ۋون لىكوك (ۋون لەكوق) قاتارلىق مەشھۇر ئېكىسپېدىتسىيىچىلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە يازغان قىممەتلىك ئەسەرلىرىنىڭ بىرىمۇ تەرجىمە قىلىنمىغان. د ئۇ ق نەشرىيات - تەشۋىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇجېلىل توران ئەپەندى، ئۇيغۇرلارغا ئائىت بۇنداق ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىشقا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يول قويمايدىغانلىقىنى، چەت`ئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە زىيالىلىرىنىڭ بۇ جەھەتتە ئەجىر قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۇيغۇرلارغا ئائىت مەشھۇر ئەسەرلەر
"يىپەك يولى" تور بېتىدىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئېكىسپېدىتسىيىچى سۋېن ھېدىن تەرىپىدىن يېزىلغان "لوپنۇر ۋە تەكلىماكاننىڭ سىرى" ناملىق كىتاب بىلەن "ئاسىيا چۆلىنى كېسىپ ئۆتۈش" ناملىق ئىككى دانە كىتاب ھېلىھەم يۇقىرى باھالارغا مۇيەسسەر بولۇپ تەشۋىق قىلىنىۋاتقان بولۇپ، سۋېن ھېدىن ئەپەندىنىڭ بۇ كىتابلىرى ئۆزىنىڭ بىۋاستە قوليازمىسى بولغانلىقى ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەينى زاماندىكى رېئالنى ھادىسىلەرنى ئەكىس ئەتتۈرگەنلىكى سەۋەبلىك ئۆز قىممىتىنى يوقاتمىغانلىقى مەلۇم. شۋېتچىدىن گېرمانچىغا تەرجىمە قىلىنىپ بازارغا سېلىنىۋاتقان بۇ كىتابنىڭ خېرىدارى يەنىلا كۆپ ئىكەن. بىز مەزكۇر تور بېتىدە بازارغا سېلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئائىت كىتابلاردىن يەنە بىر قانچىنى مىسالغا ئالىمىز.
مىڭ ئۆي، مازار تاغ، دەندان ئۆيلۈك، قاراغوجا ۋە نۇقتىلىق ھالدا دۇنخۇاڭ قاتارلىق مۇھىم جايلار تونۇشتۇرۇلغان "شەرق سەن`ئەت خەزىنىسى" ناملىق كىتابمۇ دىققەتنى چېكىدىغان بىر ئەسەر ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، يېقىندا نەشىردىن چىققان، س.فىسچەر. ۋەرلاگ ئەپەندى تەرىپىدىن يېزىلغان "گوبى - قەلبىمدىكى چۆل" ناملىق كىتابمۇ مەشھۇر ئەسەرلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن.
بۇ ئەسەردە ئالتايدىن يولغا چىقىپ، گوبى چۆلىنى پىيادە كېسىپ ئۆتۈپ، ئۇلانباتۇردا توختىغان 60 ياشلىق تەۋەككۈلچى رايىنھولد مېسنېر ئەپەندىنىڭ كەچۈرمىشلىرى بايان قىلىنغان. دىققەتنى چېكىدىغىنى شۇكى، رايىنھولد مېسنېر ئەپەندى ياۋرۇپا پارلامېنتىغا بەش يىل ئەزا بولغان مەشھۇر سىياسىي شەخس بولۇپ، ئۇ ياشانغان ۋاقتىدا ھايات - ماماتلىق بىر تەۋەككۇلچىلىك بىلەن ئۆز ئىرادىسىنى نامايەن قىلىشقا بەل باغلىغان.
"يىپەك يولى" تور بېتىدىكى مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، يىپەك يولىغا، ئۇيغۇرلارغا ئائىت يېزىلغان ئەسەرلەر ئىچىدە "ئاسىيانىڭ يۈرىكىدىكى سىرلىق كارۋان يولى" ناملىق كىتاب تېخىمۇ مەشھۇر ئىكەن. بۇ ئەسەرنى گېرمانىيىلىك قەلەمكەش فرەد لان`گە ئەپەندى يازغان. ئەپسۇسكى بۇ كىتاب سېتىلىپ تۈگىگەن.
ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تېخىمۇ قىممەتلىك ئەسەرلەر دۇنياغا كېلىدۇ
ئۇيغۇرلار ھەققىدە يېزىلغان بۇ كىتابلارنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك قەدىمقى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ئائىت يالدامىلارنىڭ سۈرەتلىرى قوشۇپ بېرىلگەن بولۇپ، بۇ مەدەنىي مىراسلارنىڭ تارىخى دەۋرى، سۈپىتى ۋە قىممىتى ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇماتلار بار ئىكەن. بۇ تور بېتىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ئىشتىياق باغلىغان گېرمان ئالىملىرىنىڭ تېخىمۇ قىممەتلىك ئەسەرلىرى دۇنياغا كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا.
ئەلۋەتتە، گېرمانىيىلىك يازغۇچى ئالېكساندىر خانىم تەرىپىدىن يېزىلغان، 2007 - يىلى 5 - ئايدا نەشىردىن چىققان د ئۇ ق نىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھايات كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى تەقدىرى ھەققىدە كۆپلەپ مەلۇماتلار بەرگەن "گۈلدۈرماما" ناملىق كىتابمۇ، گېرمانىيىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تونۇلىشىغا زور ھەسسە قوشقان نادىر ئەسەرلەرنىڭ بىرى. (ئەكرەم)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- `شەرقىي تۈركىستان` ناملىق ئەسەر تۈركىيىدە نەشردىن چىقتى
- رۇسىيە قەدىمكى ئۇيغۇر شەھىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىشلىرىغا ئۇيغۇرلارنى تەكلىپ قىلماقتا
- تۈركىيىنىڭ "ياۋروپا - ئاسىيا بىرلىكى ۋەھپى" دە شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە يىغىن ئېچىلدى
- يازغۇچى "مۇھەممەد روھى ئۇيغۇر" نىڭ ھايات كەچۈرمىشلىرى
- ئاسىيانىڭ يۈرىكىدىكى سىرلىق ماكان (1)
- ئۇيغۇر مەدەنىي يادىكارلىقلىرى بازارغا يۈزلەنگەندە ...
- "يىپەك يولىنىڭ مەنبەسى --- شىنجاڭدىن يېڭى تېپىلغان جاھاننى زىل - زىلگە سالغان ئاسارە - ئەتىقىلەر كاتالوگى"
- تۈركىستان داۋاسىنىڭ پېشىۋالىرىدىن بىرى - مۇستافا چۇقاي
- تاجىكىستانلىق ئالىم شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ھەققىدە كىتاب يازدى
- گېرمانىيىدە خەلقئارالىق مىللەتلەر مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى
- كروران پەقەت ئىنسانلاردىن يىراق بولغاندىلا ساقلىنىپ قالالايدۇ
- تۈركىيىنىڭ رادىكال گېزىتى ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلدى
- يىپەك يولىدىكى زىيارەت خاتىرىسى