تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار مۇھسىن يازىجىئوغلۇ ئۈچۈن ياش تۆكتى

ئايروپىلان قازاسىدا قازا تاپقان بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى باشلىقى مۇھسىن يازىجىئوغلۇ بۈگۈن دۆلەت مۇراسىمى بىلەن دەپنە قىلىندى. مۇراسىمدا 100 مىڭ ئەتراپىدا ئىنسان لىدىرى ئۈچۈن ياش تۆكتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە قولىدا ئاي يۇلتۇزلۇق بايراقلارنى كۆتۈرىۋالغان كۆپ ساندا ئۇيغۇرلارمۇ بار ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2009.03.31
Namaz-Muhsin-Yazicioglu-parlament-305 ﺋﺎﻳﺮﻭﭘﯩﻼﻥ ﻗﺎﺯﺍﺳﯩﺪﺍ ﻗﺎﺯﺍ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺑﯩﺮﻟﯩﻚ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﻣﯘﻫﺴﯩﻦ ﻳﺎﺯﯨﺠﯩﺌﻮﻏﻠﯘﻧﯩﯔ ﺩﻩﭘﻨﻪ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ. ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺋﺎﻱ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻟﯘﻕ ﻛﯚﻙ ﺑﺎﻳﺮﺍﻗﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﯞﺍﻟﻐﺎﻥ ﻛﯚﭖ ﺳﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻣﯘ ﺩﻩﭘﻨﻪ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﯩﺪﺍ.
RFA Photo / Erkin Tarim

ئۇيغۇرلار مۇھسىن يازىجىئوغلۇنىڭ تۇنجى قېتىم تۈرك پارلامېنتىغا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئېلىپ كىرگەن كىشى ئىكەنلىكىنى شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ يېتىم قالغانلىقىنى ئېيتىشتى.
 
تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى باشلىقى مۇھسىن يازىجىئوغلۇ تۈركىيىنىڭ قەھرامان ماراش ۋىلايىتىدىن تىك ئۇچار ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ يوزگات ۋىلايىتىگە كېتىۋاتقاندا ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ غايىپ بولغان ئىدى. تاغقا ئۇرۇلۇپ پارچىلىنىپ كەتكەن تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ يېنىدىن 48 سائەتتىن كېيىن، ئۇنىڭ جەسىتى تېپىلغان ئىدى.

بۈگۈن يەنى 3 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدە دۆلەت مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ مۇراسىمغا تۈركىيە رېئىس جۇمھۇرى ئابدۇللاھ گۈل، رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيە ئارمىيىسى باش شىتابى باشلىقى ئىلكەر باشبۇغ، مىنىستىرلار، پارلامېنت ئەزالىرى، ئۇرۇغ - تۇغقانلىرى ۋەتەنداشلاردىن بولۇپ يۈزمىڭلارچە كىشى
Namaz-Muhsin-Yazicioglu-Uyghurlar-305
ﺋﺎﻳﺮﻭﭘﯩﻼﻥ ﻗﺎﺯﺍﺳﯩﺪﺍ ﻗﺎﺯﺍ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺑﯩﺮﻟﯩﻚ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﻣﯘﻫﺴﯩﻦ ﻳﺎﺯﯨﺠﯩﺌﻮﻏﻠﯘﻧﯩﯔ ﺩﻩﭘﻨﻪ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ. ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺋﺎﻱ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻟﯘﻕ ﻛﯚﻙ ﺑﺎﻳﺮﺍﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﯞﻩ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺳﯧﻴﯩﺖ ﺗﯜﻣﺘﯜﺭﻙ ﯞﻩ ﺧﻪﻳﺮﯗﻟﻼ ﺋﻪﻓﻪﻧﺪﯨﮕﯩﻞ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻠﻪﺭ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺩﻩﭘﻨﻪ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﯩﺪﺍ.
RFA Photo / Erkin Tarim
قاتناشتى.

بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى باشلىقى مۇھسىن يازىجىئوغلىنىڭ جىنازە مۇراسىمىغا قەيسەرى ۋە ئىستانبۇلدىن كەلگەن كۆپ ساندا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى.

ئەنقەرەنىڭ ئەڭ چوڭ جامەسى بولغان قوجاتەپە جامىسىدىكى جىنازە نامىزىغا يۈزمىڭ ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان بولۇپ مۇسىن يازىجىئوغلۇنىڭ تابۇتى ئۈستىگە تۈرك بايرىقى ۋە ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق قويۇلغان. بىز قوجاتەپە مەقسىتىدە بۇ مۇراسىمغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.

بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى باشلىقى مۇھسىن يازىجىئوغلۇ ئەپەندى، 1954 - يىلى تۈركىيىنىڭ سىۋاس ۋىلايىتىنىڭ شارقىشلا يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن مۇھسىن يازىجىئوغلۇ 1987 - يىلى مىللەتچى چالىشما پارتىيىسىدە سىياسەتكە باشلىغان بولۇپ، 1993 - يىلىدا بۇ پارتىيىدىن ئايرىلىپ بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسىنى قۇرغان. 1995 - يىلىدىكى سايلامدا پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان مۇھسىن يازىجىئوغلۇ، ھازىرمۇ تۈركىيە پارلامېنتىدا پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئىدى.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.