تۈرك خەلقى ئۇيغۇرلار بىلەن قېرىنداش مىللەت بولغانلىقى ئۈچۈن تۈركىيىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ھېسداشلىق قىلىدىغانلار، ئۇيغۇر داۋاسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى ئۆزىنىڭ بۇرچى دەپ بىلىدىغان كىشىلەر ئىنتايىن كۆپ.
بارماق بىلەن ساناپ بولغىلى بولمايدىغان ئەنە شۇ پىداكار تۈركلەرنىڭ بىرى بولغان ئىرفان ئاتاگۈن ئەپەندىم 27-ئىيۇن كۈنى ۋاپات بولدى. ئۇ، تۈركىيىدىكى مۇھىم پىكىر ئىنسانلىرىنىڭ بىرى، تونۇلغان ژۇرنالىست شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى ئىدى.
مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن تۈركىيىگە كەلگەن ۋاقتىدا ئايروپىلان ئىستانسىسىدا مەمەت ئىمىن ئارسلان، ئىرفان ئاتاگۈنگە ئوخشاش تۈرك دۇنياسىغا قىزىقىدىغان كىشىلەر تەرىپىدىن كۈتۈۋېلىنغان ئىدى. بۇ كىشىلەر ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئېلىپ بارغان مۇجادىلىسىگە ياردەم بەردى.
ئىرفان ئاتاگۈن ئەپەندى قانۇن فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن تەجرىبىلىك بىر ژۇرنالىست. ئۇ, ژۇرنالىستلىق ھاياتىدىمۇ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە نۇرغۇن ماقالىلەرنى يازغان، بۇ دەۋانىڭ تۈركىيىدە تونۇلۇشى ئۈچۈن چوڭ تۆھپىلەرنى قوشقان زاتتۇر. رەھمەتلىك ئىرفان ئاتاگۈن ئەپەندى رەھمەتلىك ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئەپەندىنى باشلاپ تۈركىيىنىڭ پۈتۈن ۋىلايەتلىرىدە لېكسىيە بەرگەن ئىدى.(ئەركىن تارىم)