مۇندىن يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى مىسىرنىڭ قاھىرە شەھىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىردىنبىر نەشرىيات مەركىزى بولغان ئىكەن. شۇ ۋاقىتتا قاھىرەدە نەشىر قىلىنغان ئۇيغۇرچە ئەسەرلەرمۇ ئاز ئەمەس. "تۈركىستان ئەدەبىياتىدىن پارچىلار" ناملىق ئەسەرمۇ شۇلارنىڭ بىرىدۇر.
بۇ ئەسەر بۈيۈك ئىنقىلابچى ئالىم مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامىي تەرىپىدىن توپلىنىپ، 1960 - يىلى قاھىرەدىكى "تۈركىستان جەمئىيىتى" نىڭ رىياسەتچىلىكى ئاستىدا نەشىر قىلىنغان ئىكەن. " تۈركىستان ئەدەبىياتىدىن پارچىلار"ناملىق ئەسەردە ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆتكەن مەشھۇر شائىرلار ۋە ئەدىبلەرنىڭ ئەسەرلىرى تاللاپ ئېلىنغان بولۇپ، بۇ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىنى، تارىخىنى ۋە ئەدەبىياتىنى، خۇسۇسەن ياشلارنىڭ ئۆز تىلىنى ئۇنۇتماسلىقى ئۈچۈن ھازىرلانغان ئىكەن. سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ياش ئالىم مۇھەممەد نىياز ھاجىم بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.
مۇھەممەد نىياز ھاجىم بىلەن سۆھبەت
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ياش ئالىم مۇھەممەد نىياز ھاجىم "تۈركىستان ئەدەبىياتىدىن پارچىلار" ناملىق ئەسەر ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: " تۈركىستان ئەدەبىياتىدىن پارچىلار" ناملىق ئەسەردە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەشھۇر شائىر ۋە ئەدىبلىرىدىن ئەھمەد زىيائى، موللانىياز ئاخۇنۇم، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئابدۇللابەك داموللا ۋە باشقىلارنىڭ شېئىرىي ۋە نەسرىي ئەسەرلىرى توپلانغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى چاغاتاي يېزىقى بىلەن بېسىلغان. ئۆز ۋاقتى بۇ ئەسەر مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا كۆپ تارقىتىلغان بولۇپ، ھەر بىر ئۆيدە بىر نۇسخىدىن تېپىلىدىغان دەرىجىدە كەڭ تارقالغان ئىكەن."
نەشىرگە تەييارلىغۇچىنىڭ بېغىشلىمىسى
مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامىي كىتابىنىڭ مۇقەددىمىسىدە مۇنداق دەپ يازغان: "ئەدەبىيات ھەر قانداق بىر تىلنىڭ ئاساسىدۇر. ھەر قانداق بىر تىلنىڭ ئورنى، ھاياتى ۋە قىممىتى ئۇنىڭ ئەدەبىياتىغا تايىنىدۇ. ئەدەبىياتىدىن ئايرىلىپ قالغان تىل ئۆلۈك تىلدۇر. شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ تىلىدىن ئايرىلىپ قالغان مىللەت مۇنقەرىزلىككە يول تۇتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قانداق مىللەت ئۆز ئەدەبىياتىغا زور ئەھمىيەت بېرىدۇ ۋە ئۇنى ساقلاپ قېلىش يولىدا ھەر نەرسىسىنى پىدا قىلالايدۇ. "
ئاپتور يەنە سۆزىنى داۋام قىلىپ، خىتاي زۇلۇمىنىڭ ھالاكىتىدىن مەدەنىي مىراسلىرىمىزنىڭ ئېغىر دەرىجىدە يوقىتىشقا ئۇچرىغانلىقىنى قىسقىچە بايان قىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:" مۇستەملىكىچىلەر مىللىي مەۋجۇدىيىتىمىزنى، تىلىمىزنى، دىنىمىزنى ۋە مەدەنىي مىراسلىرىمىزنى يوق قىلىش ئۈچۈن ئىنسان قېلىپىدىن چىققان تۈرلۈك رەزىل ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ كەلدى. بىرقانچە قېتىم كۆپ تۈركۈمدە مەدەنىي مىراسلىرىمىزنى ۋە مىسلى تېپىلمايدىغان نادىر قوليازمىلارنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋەتتى."
مۇھەممەد نىياز ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئاپتور مىللىي ئەدەبىياتقا ئەھمىيەت بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ئۈستىدە توختىلىپ يەنە مۇنداق دەپ يازغان:" دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان تۈركىستانلىقلار، خۇسۇسەن ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئۆز تىلىدىن ۋە ئۆز ئەدەبىياتىدىن يىراقلىشىپ بارماقتا. مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئۆز تىلىدا نەشىر قىلىنىدىغان بېرەر ئىلمىي ماتېرىيالنىڭ بولمىغانلىقى ئىشنىڭ بۇ قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان. بىزنىڭ ئۆز ئەدەبىياتىمىزنى باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىپ، دۇنيا خەلقىگە ئۆزىمىزنىڭ مەدەنىي مىراسلىرىمىزنى تونۇشتۇرىشىمىز، ئەۋلادلىرىمىزغا ئۆز تىلىمىزنى ۋە ئۆز مەدىنىيىتىمىزنى ئۆگىتىپ تەربىيىلىشىمىز زۆرۈردۇر. بۇ ۋەزىپىنى ئورۇندىيالماسلىقتا زۇلۇم ئاستىدىكى خەلقىمىزنىڭ ھۆزۈرىسى قوبۇل قىلىنسىمۇ، چەت' ئەللەردە ھۆر دۇنيادا ياشاۋاتقان تۈركىستانلىق مۇھاجىرلار ئۈچۈن ھۆزۈر يوق!؟."
مەلۇم بولۇشىچە، " تۈركىستان ئەدەبىياتىدىن پارچىلار" ناملىق ئەسەر ئەينى ۋاقتىدا مىسىر، تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، پاكىستان، ھىندىستان، گېرمانىيە ۋە باشقا ئەللەردە ئۇيغۇرلارغا تارقىتىلغان ئىكەن.(ئۆمەرجان)