ئامېرىكا خەلقئارا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى دوكلاتىدا ئۇيغۇر ئىلىنى تىلغا ئالدى

0:00 / 0:00

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ "خەلقئارا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىنى تىزگىنلەش ئىستىراتېگىيىسى" ھەققىدىكى دوكلاتىدا خىتاينى ئاسىيادىكى خىتايغا قوشنا ئەللەر ۋە خەلقئارا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىنىڭ ئۆتكۈنچى دۆلىتى بولۇپلا قالماي، زەھەرلىك چېكىملىك ئىستېمالى ئۈزلۈكسىز مەسىلە بولۇپ كېلىۋاتقان دۆلەت، دەپ كۆرسەتتى. دوكلاتتا ئەسكەرتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك جىددىي مەسىلە، دەپ قارايدىغان ۋە زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىگە قارشى بەزى تەدبىرلەرنى ئالغان بولسىمۇ، لېكىن خىيانەتچىلىك ئەدلىيە دائىرىلىرىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىگە زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى چەكلىمىگە ئۇچراتماقتا.

" خىتاي زەھەرلىك چېكىملىك ئىستىمال قىلىدىغان چوڭ دۆلەت بولۇپ قالدى "

ئامېرىكا نيۇ يورك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي ئىشلار مۇتەخەسسىسى شيا مىڭ، " بۇ يەردىكى مەسىلە مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇش ئىرادىسىنىڭ قەتئىي ئەمەسلىكىدە ئەمەس، بەلكى يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ خىيانەتچىلىكىدە " دەپ قارايدىغان كىشىلەرنىڭ بىرى. رادىئومىزغا بەرگەن بۇ ھەقتىكى ئانالىزىدا "خىتاي دائىرىلىرىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك مەسىلىسىدىكى مەيدانى ئۈزلۈكسىز ناھايىتى قەتئىي " بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن شيا مىڭ، " بۇ قەتئىي تەدبىرلەرنى خەلقئارا ئۆلچەمگە سالغاندا نۇرغۇن يەرلەردە ناھايىتى ئېغىر بولۇپ كەتتى دېيىشكە بولىدۇ.

لېكىن جۇڭگودىكى ھازىرقى مەسىلە مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ئىرادىسى يوقلۇقىدىكى مەسىلە ئەمەس، بۇ يەردىكى مەسىلە يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ خىيانەتچىلىك مەسىلىسىدۇر " دەيدۇ. ئۇ، خىتاي بۇرۇن زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىنىڭ ئۆتكۈنچى بېكىتى بولغان بولسا، ئەمدى زەھەرلىك چېكىملىك ئىستىمال قىلىدىغان چوڭ دۆلەت بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

شيا مىڭ، بۇرۇن خىتاي ئالتۇن ئۈچ بۇرجەك رايونىنىڭ ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە خوڭكوڭغا زەھەرلىك چېكىملىك توشۇيدىغان ئۆتكۈنچى بېكىتى بولغان بولسا، ھازىر زەھەرلىك چېكىملىكىنىڭ %50 ى خىتاينىڭ ئۆزىدە ئىستىمال قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، "جۇڭگو ئالتۇن ئۈچ بۇرجەك ۋە ئالتۇن ھىلالئاي رايونلىرىنىڭ قورشاۋىدا قېلىپلا قالماي، جۇڭگونىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى لاتىن ئامېرىكىسىدىكى كوكائىن سودىسىغا قەدەر كېڭەيدى " دەپ كۆرسەتتى.

" ئالتۇن ھىلالئاي رايونى بىلەن ئۇيغۇر ئىلى ئارىسىدىكى ئەتكەسچىلىك تورى پۈتۈنلەي بىر رىۋايەت "

خىتاي ھۆكۈمىتى كېيىنكى يىللاردا ئالتۇن ھىلالئاي رايونى ئۇيغۇر ئىلى ۋە خىتايدىكى زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىنىڭ مەنبەسى بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى پات - پات تەكىتلەپلا قالماي، بۇ تۈردىكى ئەتكەسچىلىك ھەرىكەتلىرىنى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىغا باغلىماقتا ئىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دوكلاتىدا ئالتۇن ھىلالئاي رايونى ئۈستىدە توختىلىپ، "خىتاي ئەمەلدارلىرى ئالتۇن ھىلالئاي رايونى خىتاينىڭ غەربىدىكى بولۇپمۇ شىنجاڭدىكى خېروئىن ئەتكەسچىلىكىنىڭ مەنبەسى بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە " دەپ يازدى. لېكىن چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ نەزىرىدە ئالتۇن ھىلالئاي رايونى بىلەن ئۇيغۇر ئىلى ئارىسىدىكى ئەتكەسچىلىك تورى پۈتۈنلەي بىر رىۋايەت بولۇپ، بۇنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت،"خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىغا قارشى ئويۇنى " دەيدۇ.

" زەھەر ئەتكەسچىلىكىدە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قولى بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان پاكىتلار بار "

ئامېرىكىنىڭ دوكلاتىدا خىتاينىڭ زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى ئۈزلۈكسىز جىددىي تەدبىر قوللىنىۋاتقانلىقىنى،2006 ‏- يىلى زەھەرلىك چېكىملىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك 46300 دېلونىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى، 56200 ئادەمنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى، لېكىن شۇ يىلى ئالتۇن ھېلالئاي رايونى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەتكەسچىلىك دىلوسى 58، قولغا ئېلىنغانلارنىڭ سانى 110 ئادەم ئىكەنلىكىنى ۋە 4. 106 كىلوگرام خىروئىننىڭ قولغا چۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

دوكلاتتا ئەسكەرتىشىچە، 2007 ‏- يىلى ئالتۇن ھىلالئاي رايونى بىلەن مۇناسىۋەتلىك زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى بىر ئاز كۆپەيگەن بولۇپ، خىتاي تاموژنا ئىدارىسىنىڭ ئەتكەسچىلىككە قارشى تۇرۇش ئىدارىسى شۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 6 ئېيىدا ئافغانىستان بىلەن مۇناسىۋەتلىك 180 ئەتكەسچىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى، 229 كىلوگرام خېروئىن مۇسادىرە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ج خ نازارىتى 2006 ‏- يىلى مەركىزى غۇلجا شەھىرىدىكى ئالتۇن ھېلالئاي رايونى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئالماتا - غۇلجا - بېيجىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىك گۇرۇھىنىڭ پاش قىلغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، بۇ گۇرۇھنىڭ كاتتا بېشى، دەپ قارالغان بەزى شەخسلەرگە ئۆلۈم جازاسى بەرگەن. لېكىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىكى دىلشات رىشىت، "رايوندىكى زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىك پائالىيەتلىرىدە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قولى بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان پاكىتلار بار " دەپ كۆرسىتىدۇ.

خىتاي تېررورچى ئېنىقلىمىسىنى خەلقئارا ئۆلچەملەرگە ئاساسەن تەكرار چۈشەندۈرۈشى كېرەك

ئامېرىكىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتى 2 قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، 1 ‏- قىسىم زەھەرلىك چېكىملىك ۋە خىمىيىۋى ماددىلارنى تىزگىنلەشكە دائىر، 2 ‏- قىسىمى قانۇنسىز پۇل يۇيۇش ۋە پۇل - مۇئامىلە جىنايەتلىرىگە ئائىتتۇر.

دوكلاتنىڭ بۇ قىسىمىدا خىتاي ئامېرىكىدىكى 11 ‏- سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، ئامېرىكا ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورچى تەشكىلاتلارنىڭ مالىيە مەنبەسىنى قۇرۇتۇش ھەرىكىتىگە قاتناشقان ۋە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بۇ ھەقتىكى قارارلىرىغا قوشۇلغانلىقىنى، لېكىن خىتاي يەنىلا خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 1267 ‏- ۋە 1373 ‏- قارارلىرىدىكى بەزى كونكرېت ماددىلارنى تولۇقى بىلەن ئىجرا قىلمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، "خىتاي ئاساسىي دىققەت نەزىرىنى ئىچكى قىسىمدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى تېررورچى ھەرىكەتلەرنىڭ مالىيە مەنبەسىگە قاراتتى... لېكىن ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى قانۇنىدا نۇرغۇن ئېنىقسىزلىقلار مەۋجۈت... خىتاي تېررورچى ھەرىكەتلەرگە بەرگەن ئېنىقلىمىسىنى خەلقئارا ئۆلچەملەرگە ئاساسەن تەكرار چۈشەندۈرۈشى كېرەك " دەپ يازىدۇ. (ئەركىن)