ئۇيغۇر ئېلىدە" ئەيدىز " ساراسىمى


2007.10.26

ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەيدىز يۇقۇمدارىغا ئايلانغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن خۇددى ئەزرائىلنىڭ ئۆلۈم خېتىنى تاپشۇرۇۋالغاندەك قورقۇنچ ھەم ساراسىمىگە چۈشۈشى مۇقەررەر. ئەگەردە ئۇ ئانا بولۇش ياكى ئاتا بولۇش ئالدىدىكى ئىنسان بولسىچۇ؟ ئۇ ھالدا ئۇنىڭدىكى ئەندىشە ھەم ئازابلىق مۇرەككەپ ھېسسياتنى تەسەۋۋۇر قىلماق تەس.

يېقىندا ئۈرۈمچىدە ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرغان ئېغىر ئاياغ بىر ئۇيغۇر ئايال ليۇ داۋان دوختۇرخانىسى تەرىپىدىن ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ھەققىدە خاتا دىئاگنوز قويۇلۇپ ، بالىسىنى تېخى دۇنياغا كۆز ئاچماي تۇرۇپلا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرۇشقا مەجبۇر بولغان ھەم مۇشۇ سەۋەبتىن جىسمانىي روھىي جەھەتلەردىن ئېغىر ئازاب ۋە بەختسىزلىككە مۇپتىلا بولغان.

ئەيدىزنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كېلىۋاتقان كۆپ تەرەپلىمە زىيانكەشلىكلىرىدىن باشقا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش خاتا دىئاگنوز ، خاتا داۋالاشلار يەنە قانچىلىغان كىشىلەرنىڭ نابۇت بولۇشىغا ، قانچىلىغان بالىلارنىڭ تۇغۇلماي ئۆلۈشىگە سەۋەب بولۇۋاتقاندۇ؟ ئەيدىز دىئاگنوزىغا يۈزدە ‏- يۈز ئىشىنىش كېرەكمۇ ؟ ئەگەردە ئۆزىڭىزنىڭ ئەيدىزلىقىڭىزدىن دەر گۇماندا بولسىڭىز نېمىلەرنى قىلىشىڭىز كېرەك ؟ بۇلارغا مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە تەييارلىغان پروگراممىدىن جاۋاب ئىزدەيلى.

كېچىكىپ بېسىلغان قەدەم....

ئۈرۈمچى ليۇداۋان دوختۇرخانىسىنىڭ 33 ياشلىق بىر ئۇيغۇر ھامىلدار ئايالغا قويۇلغان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ھەققىدىكى خاتا دىئاگنوزىنىڭ ، بۇ ھامىلدار ئايالنىڭ قورسىقىدىكى بەش ئايلىق بالىنىڭ مەجبۇرىي چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلىنىشىغا ۋە شۇ سەۋەبلىك بۇ ئايالنىڭ جىسمانىي ھەم روھىي جەھەتلەردىن ئېغىر ئازابلارغا دۇچار بولۇشىغا سەۋەب بولغانلىقى ۋە كېيىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ باشقا دوختۇرخانىدا قايتا تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ H I V بىلەن يۇقۇملانمىغانلىقىنى ئىسپاتلىغاندىن كېيىن ، مەزكۇر دوختۇرخانا خاتا دىئاگنوزى تۈپەيلى بۇ ئايال ھەم ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ئېلىپ كەلگەن ئېغىر ئاقىۋەتلىرى ئۈچۈن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا 74 مىڭ 880 يۈەن تۆلەم تۆلىگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەر نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاساسلىق خەۋەر تورلىرىدىن باشقا خىتاينىڭ بەزى مۇھىم ئاخبارات تورلىرىغىمۇ چىقىرىلدى.

25- ئۆكتەبىر كۈنى بۇ ھەقتىكى خەۋەر ھەققىدە يەنىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچى ليۇ داۋان دوختۇرخانىسىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا ، تۇغۇت بۆلۈمىنىڭ بىر سېستراسى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ھەققىدە خاتا دىئاگنوز قۇيۇلۇپ، مەزكۇر دوختۇرخانىنىڭ تۇغۇت بۆلۈمىدە ،ئۇنىڭ بالىسىنىڭ غەيرى تۇغۇلۇش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرىلىقى تۈپەيلىدىن يىگىرمە ھەپتىدىن ئاشقان ھامىلىسى ئېلىۋىتىلگەن بۇ ياش ئايالنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى .

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر سېستىرانىڭ بىلدۈرۈشىچە، زىيانغا ئۇچرىغۇچى ئايال 2006 -يىلى ‏10 ‏- ئايدا ھامىلدار بولۇپ ئائىلىسى زور خوشاللىققا چۆمگەن . كۈتۈلمىگەن يەردىن ئۇ بالا بەش ئايلىق بولغاندا، يەنى بۇ يىل 3- ئايدا ليۇ داۋان دوختۇرخانىسىدا ئېلىپ بېرىلغان قان تەكشۈرۈشتە ئۇنىڭغا H I V ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ھەققىدە دىئاگنوز قويۇلغان ھەمدە دوختۇرلار ئۇنىڭ بالىسىنىڭ بىنورمال تۇغۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ دەرھال بالىنى چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلغان.

2007 - يىلى 4 - ئايدا ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ھەمدە شۇ سەۋەبلىك بالىسىدىنمۇ ئايرىلغان، ئائىلە خوشاللىقىدىن ، يېقىنلىرىنىڭ ئىشەنچىسىدىنمۇ ئايرىلىپ چەكسىز جىسمانىي ھەم روھىي ئازابقا دۇچار بولغان بۇ بەختسىز ئايال، قانداقلارچە ئۆزىگە ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقۇپ قالغانلىقىدىن دەر گۇمان بولۇپ ، ئاخىرى غەيرەتكە كېلىپ شىنجاڭ مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتى بىرىنچى دوختۇرخانىسى ھەمدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى ھەمدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئورۇنلىرىغا بېرىپ قايتا ‏- قايتا قان ئەۋرىشكىسىنى تەكشۈرتكەن . نەتىجىدە بۇ دوختۇرخانا ھەم قان تەكشۈرۈش ئورۇنلىرىنىڭ دىئاگنوزى ئوخشاشلا ئۇنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانمىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان .

شۇندىلا بۇ ئايال ليۇ داۋان دوختۇرخانىسىنىڭ ئۆزىگە ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقتۇرۇۋالغانلىقى ھەققىدە خاتا دىئاگنوز قويغانلىقىنى جەزىملەشتۈرگەن. ئەمما بۇ جەرياندا بالىسىدىن، بەختىدىن، تېنىچ تۇرمۇشىدىنمۇ ئايرىلغان ئىدى.

بەلكىم بۇ ئايال مۇشۇ قەدەمنى بالدۇرراق باسقان بولسا بالىسىنى قۇتقۇزۇپ قالغان بولاتتى . شۇنداقتىمۇ بۇ ئايال قولىدىكى كۈچلۈك ئىسپاتلىرى بىلەن ليۇ داۋان دوختۇرخانىسىنىڭ خاتا دىئاگنوزى تۈپەيلى بېشىغا كەلگەن بەخىتسىزلىكلەرنىڭ بەدىلىنى تۆلىتىش ئۈچۈن مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش ئوپېراتسىيە قىلىش جەريانىدىكى داۋالاش ھەققى، كۈتۈنۈش ، دورا چىقىملىرى ۋە دۇچار بولغان روھىي ئازابلىرى ئۈچۈن -2007 - يىلى 5- ئايدا سوتقا رەسمىي ئەرز سۇنۇپ دوختۇرخانىدىن ئىككى يۈز مىڭ يۈەن تۆلەم تەلەپ قىلغان.

ليۇ داۋان دوختۇرخانىسى مەسئۇلىيەتتىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى

شىمىگۇ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىدە ئېچىلغان سوتتا ليۇ داۋان دوختۇرخانىسى مەسئۇلىيەتنى بوينىغا ئالمىغان . ئۇلار دەسلەپ بۇ دوختۇرخانىنىڭ قان ئەۋرىشكىسى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ھوقۇقى ھەم ئەيدىز دىئاگنوزى قويۇش سەۋىيىسى يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ،مەسئۇلىيەتنى مەزكۇر دوختۇرخانىنى قان ئەۋرىشكىسى ئانالىز نەتىجىسى بىلەن تەمىنلىگەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىگە ئاتقان .

ئەمما بۇ مەركەز ، قان ئەۋرىشكىسى ئۈستىدىن ئانالىزى چىقارغان بىلەن بىمار بىلەن بىۋاستە ئۇچراشمىغانلىقى پەقەت ، ليۇ داۋان دوختۇرخانىسى يوللاپ بەرگەن قان ئەۋرىشكىلىرى ئۈستىدىن تەكشۈرۈپ ئېلىپ بارغانلىقى شۇڭا ئۆزلىرىنىڭ پەقەت قان ئەۋرىشكىسى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىگىلا مەسئۇل ئىكەنلىكى ، بىمارغا مەسئۇل بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دەتالاش جەريانىدا ئاخىرى ليۇ داۋان دوختۇرخانىسىنىڭ مەزكۇر قان تەكشۈرۈش مەركىزىگە بىمارلارنىڭ قان ئەۋرىشكىسى يوللىغاندا خاتا يوللاپ يەنى باشقا بىر بىمار بىلەن ئالماشتۇرۇپ قويغانلىقى سەۋەبلىك ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ بالىسىنى تۇغۇت چەكلەش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرۇشقا مەجبۇر بولغانلىقى ئىسپاتلانغان.

خاتا دىئاگنوز ئارقىلىق زىيانغا ئۇچرىغۇچىنىڭ ئەرزى قوبۇل بولۇپ، ئاخىرى لىيۇ داۋان دوختۇرخانىسى قانۇنىي جاۋابكارلىقتىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان ھەمدە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا مەجبۇر بولغان ۋە زىيانغا ئۇچرىغۇچى بۇ ئۇيغۇر ئايالغا 74 مىڭ 880 يۈەن تۆلەم تۆلىگەن.

دېلو تېخى ئاخىرلاشمىدى...

دېمەك بۇ ۋەقەدىن مۇنداق بىر ئىبرەت ئالىمىز يەنى بىرەر داۋالاش ئورنى بىمارلار ئۈستىدىن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ھەققىدە خاتا دىئاگنوز قويغاندا قانۇن بۇيىچە جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. يۇقىرىقى ۋەقەدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى يەنى ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى يۇقتۇرۇۋالغانلىقى ھەققىدە خاتا دىئاگنوز قۇيۇلغان بۇ ئۇيغۇر ئايالنىڭ قىسمەتلىرى مۇشۇنىڭ بىلەن ئاخىرىلاشتىمۇ دەيلى، ئەمما بۇ ۋەقەدە يەنە بىر گۇمانلىق سوئالغا جاۋاب تېپىلمىدى.

ئەگەر ھامىلدار ئاياللار راسلا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بولسا چوقۇم تۇغۇت چەكلەش ئوپېراتسىيىسى قىلىشى شەرتمۇ؟

ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى چوڭ دوختۇرخانىلاردىن ئېنوۋا دوختۇرخانىسى تۇغۇت بۆلۈمى دوكتورى ئادۇت ئەپەندى بۇ سوئالىمىزغا كەسكىن ھالدا مۇنداق جاۋاب بەردى: ئادەتتە بەش ئايلىق بولغان ھامىلە ئۈستىدىن تۇغۇت چەكلەش ئوپېراتسىيىسى قىلىنمايدۇ، ئانىنىڭ ئەيدىز يۇقۇمدارى ئىكەنلىكىمۇ بالىنى ئۆلتۈرۈشكە سەۋەب بولالمايدۇ. چۈنكى ئەگەر ئانا ئەيدىز يۇقۇمدارى بولسا ۋىرۇسنىڭ بالىسىغا يۇقۇش ئېھتىماللىقى %1، %2 بولىدۇ . ئېغىر بولغان %11 كىچە بولىدۇ . بىز پەقەت ئانىغا مۇۋاپىق دورا بىلەن داۋالاش ئېلىپ بارىمىز ھەمدە بالىنىڭ ھامىلە تۇغۇلۇش ھەمدە ئىمىش باسقۇچلىرىدا ئەيدىز ئانىسى بەدىنىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىمىز . شۇ ئارقىلىق بالىنىڭ نورمال تۇغۇلىشىغا ئاساسەن %99 كىچە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

ئەگەردە ھېچقانداق دورا ئىشلەتمىگەن ھالدا ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئانىدىن بالىغا يۇقۇش ئېھتىماللىقى قانچىلىك يۇقىرى؟

شىنجاڭدا قانداقلىقىنى بىلمىدىم، پۈتۈن دۇنيادا ھازىر بۇ خىل ھامىلدار ئاياللارغا بېرىلىدىغان دورا ھەم داۋالاش شارائىتى بار، بەلكىم ئۇ يەر بەك نامرات بولسا كېرەك، بىراق ، ھېچقانداق داۋالاش ئېلىپ بارمىغاندىمۇ، ئانا ئەيدىز يۇقۇمدارى بولسا بالىنىڭ يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى%25 ئەتراپىدا بولىدۇ. ئېھتىماللىق چوڭ بولغاندىمۇ ، ئۇ بالىنىڭ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئۇنى ئالدۇرۇۋېتىشقا كۈچلۈك سەۋەب بولالمايدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە يىگىرمە ھەپتىلىك بولغان ھامىلىنى ئېلىۋېتىش ئانا ئۈچۈنمۇ بەك خەتەرلىك، جىسمانىي ھەم روھىي جەھەتتىنمۇ ئېغىر يامان تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. ھەتتا قايتا ھامىلدار بولماسلىققا ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن. ئامېرىكىدا ھەر قانداق سەۋەب بولسىمۇ ، بەش ئايلىق بولغان ھامىلىنى چۈشۈرۈش ۋاستىسى قوللانمايمىز.

دېمەك ، ھامىلدار ئانىنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئۇنىڭ بالىسىنى چۈشۈرۈۋېتىشكە ئاساس بولالمايدۇ.

ئەيدىز يۇقۇمدارى بولغان ئانىدىن تۇغۇلغان بالىنىڭ چوقۇم ئەيدىز بولۇش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن تۆۋەن ئىكەن ، ئۇ بالىنىڭ بۇ دۇنياغا كېلىشىنى چەكلەش، يەنى ئانا ئەيدىز بىمارى بولغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ بالىسىنى چۈشۈرۈش مېدىتسىنا ئىلمىغا تايانغان تەدبىر بولمىغاندا ، بۇ بىر پىلانلىق تۇغۇت تەدبىرىمۇ ؟ بۇ نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ ؟ئانىنىڭ تۇغۇش ھوقۇقىنى ، بالىنىڭ تۇغۇلۇش ھوقۇقىنى ئاساسسىز ھالدا تۇغۇت چەكلەش ئوپېراتسىيىسى ئارقىلىق تارتىۋېلىش بىر قاتىللىق خالاس .

ئۇنداقتا ئەيدىز تېز سۈرئەتتە يامراۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ خىل قاتىللىق قايسى ئورۇنلاردا ، قايسى دەرىجىدە داۋام قىلىۋاتىدۇ؟ بۇ خىل پاجىئەلەرنى كىم كەلتۈرۈپ چىقارماقتا؟ ئۇيغۇر كىشىلىرىنىڭ ئەيدىز ھەققىدە ساۋادى تۆۋەن دېگەندىمۇ ، دوختۇرلارنىڭچۇ؟ دوختۇرخانىلارنىڭچۇ؟ بۇ سوئالغا كېيىنكى پروگراممىمىزدا ئۇيغۇر ئېلى ھەمدە خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك سىياسەت ‏- قانۇنلىرىدىن جاۋاب ئىزدەيلى. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.