ئەيدىز ئۇيغۇر خەلقىگە چاڭگال سالماقتا


2007.10.19

نۆۋەتتە" ئەيدىز" دىن ۋەھىمىلىك ئاتالغۇنى بىلىدىغان ئۇيغۇر بولمىسا كېرەك ، گەرچە ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ نىجىس كېسەللىكنىڭ تارىلىشى يىلدىن ‏- يىلغا كېڭىيىپ ھەتتا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېزا قىشلاقلىرىغىچە يېتىپ بارغان بولسىمۇ ، ئەمما بۇنىڭدىن ۋەھىمە ھېس قىلىۋاتقان شۇنداقلا ئۇنىڭ زىيانكەشلىكى سەۋەبلىك ئېغىر بەدەل تۆلەۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەيدىز ھەققىدە ھەمدە ئۇنىڭدىن ساقلىنىش ھەققىدىكى بىلىمى ئىنتايىن ئاجىز. دەرۋەقە ، بۇ ئاجىزلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بارغانچە ئەيدىزنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىشىنى تېزلىتىۋاتقان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى. دەسلەپ ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تارقىلىشىدا زەھەرلىك چېكىملىكنى ئورتاق ئىشپرىس بىلەن ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇش ئالدىنقى ۋاستە ھېسابلانغان بولسا ، نۆۋەتتە قالايمىقان جىنسى ئالاقە ۋە باشقىلارمۇ ئاساسلىق ئامىلغا ئايلاندى. بۇ، ئەيدىزنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مەلۇم دائىرە ئىچىدە تارىلىشتىن بارغانچە تېز ھەم كەڭ دائىرىدە كۆپ خىل ۋاستىلەر بىلەن تارىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ئەيدىز ۋىرۇسى ياش-ئوتتۇرا ياشلارغا قاراپ شىددەت بىلەن ھۇجۇم قىلماقتا

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەيدىز ئەھۋالى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى يىغىنچاقلىغاندا مۇنداق يەكۈننى چىقىرىشقا بولىدۇ . يەنى ئەيدىزنىڭ يۇقۇش نىسبىتى يۇقىرى، كېسەلنىڭ قوزغىلىشى تېز ، يۇقۇمنىڭ كېڭىيىش خەۋپى بىر قەدەر زور.

ئەيدىز ئۇيغۇر ئېلىدە بايقىلىپ ئون يىلغىچە بولغان مەزگىلدە تومۇرغا زەھەرنى ئوكۇل ئارقىلىق ئۇرۇش، شىپرىسنى ئورتاق ئىشلىتىشتىن يۇقۇش، ئەيدىزنىڭ ئاساسلىق يۇقۇش يولى بولۇپ كەلگەن بولسا ،يېقىنقى بىر- ئىككى يىلدا قالايمىقان جىنسىي ئالاقە ئارقىلىق يۇقۇشمۇ ئاساسلىق تارقىلىش يولىغا ئايلاندى، شۇنداقلا يۇقۇمدارلار نىسبىتى جەھهەتتە ئاياللار تېز كۆپەيمەكتە. ئىلگىرى يۇقۇمدارلار ئاساسەن شەھهەرلەرنى ئاساس قىلغان بولسا ، نۆۋەتتە كىچىك شەھەر ، بازار ھەم يېزىلاردا تارقىلىشى تېز بولماقتا.

ئۇيغۇر ئېلىدە تۇنجى ئەيدىز بايقالغاندىن بۇيان....

1995- ئۇيغۇر ئېلىدە تۇنجى AIDS ۋىرۇسى يەنى HIV بىلەن يۇقۇملانغۇچى بايقالغاندىن ھازىرغا قەدەر بولغان قىسقىغىنا 10 يىل ئىچىدە، AIDS ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى ئادەمنى چۆچۈتكىدەك سۈرئەت بىلەن ئېشىپ بارماقتا.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەلۇم ئۇيغۇرچە تىببىي تور بېتىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىزگە مۇناسىۋەتلىك بېرىلگەن سانلىق ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا : 2002 - يىلى 9 - ئايدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى AIDS ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ تىزىملىكتىكى سانى 6833 گە يىتىپ،خىتايدىكىAIDS بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ ئومۇمى سانىنىڭ %20 ىنى ئىگىلىگەن، شۇنداقلا يۇقۇملانغانلارنىڭ كۆپلىكى جەھەتتە يۈننەندىن قالسا 2-ئورۇندا تۇرغان.

2003 - يىلى 9 - ئاينىڭ ئاخىرغىچە ئۈرۈمچىدىكى AIDS بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ تىزىملىكتىكى ئومۇمى سانى 3165 گە يەتكەن، مۆلچەردىكى سان 30 مىڭدىن ئاشقان. شۇ يىلى 12-ئايغىچە، پۈتۈن خىتايدا AIDS كېسىلى ۋىرۇسى يەنى HIV بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ مۆلچەردىكى سانى 840 مىڭغا يەتكەن.

ئۇيغۇر ئېلىدە AIDS يەنى HIV بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ تىزىملىكتىكى سانى 8150 كە يېتىپ، يۇقۇملانغانلارنىڭ كۆپلىكى جەھەتتە يۈننەندىن قالسا 2-ئورۇندا تۇرغان. -2004 يىلى -5 ئاينىڭ ئاخىرغىچە، پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ تىزىملىكتىكى سانى 8773 يەتكەن، مۆلچەردىكى سان 60 مىڭدىن ئاشقان،AIDS بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ كۆپلىكى جەھەتتە جۇڭگودا 4-ئورۇندا تۇرغان. شۇ يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرغىچە، پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدە AIDS كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ تىزىملىكتىكى سانى 9346 گە يىتىپ، AIDS كېسىلىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى جۇڭگو بۇيىچە ئەڭ ئېغىر بولغان رايونلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

2005 - يىلىغا بارغاندا ئۈرۈمچىدىكى AIDS كېسىلى ۋىرۇسى يەنى HIV بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ تىزىملىكتىكى سانى 4386 گە يىتىپ، مۆلچەردىكى سان 20 مىڭدىن ئاشقان. پۈتۈن شىنجاڭدىكى AIDS كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ تىزىملىكتىكى سانى بولسا 10906 گە يەتكەن. تەڭرىتاغ تور بېتىنىڭ 2005-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى خەۋىرىدە بايان قىلىشىچە ، ئۈرۈمچىدىكى AIDS بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ مۆلچەردىكى سان 30000 دىن ئېشىپ، AIDS كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ كۆپىيىش تېزلىكى پۈتۈن جۇڭگو بۇيىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان. شۇ يىلى 9 ‏-ئاينىڭ ئاخىرغىچە، پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدە AIDS كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ تىزىملىكتىكى سانى 11303 گە، مۆلچەردىكى سان 60000 گە يىتىپ، AIDS كېسىلىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى جۇڭگو بۇيىچە 4 - ئورۇندا تۇرغان.

شىنجاڭ خەۋەر تورىنىڭ 2006 - يىلى 10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى خەۋەر تارقىتىشىچە، 2006 - يىلى 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا، پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدە 4732 كىشى يېڭىدىن ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى (HIV) بىلەن يۇقۇملانغان، يەنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كۈنى 17 ئادەم ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى (HIV) بىلەن يۇقۇملانغان بولۇپ، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ تىزىملىكتىكى ئومۇمى سانى 16035 گە يەتكەن. ئىلى رايونىدا بولسا ھەر 100 ئايالنىڭ ئىچىدە بىرى ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئىكەن.

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ 2007 - يىلى 3 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 9 ئايدا يېڭىدىن 4732 ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچى كۆپىيىپ، پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدا رەسمىي ئەنگە ئېلىنغان AIDS ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 17 مىڭ 209 گە يەتكەن. يۇقۇرقى سانلىق مەلۇماتلار 2002 - يىلدىن بۇيان ھۆكۈمەت تور بەتلىرىدە ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردىن قىسقارتىلىپ تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، بىز بۇ سانلىق مەلۇماتلاردىن ئۇيغۇرلاردا AIDS مەسىلىنىڭ سەل قارىغىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە ئېغىر ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.

ياشلاردا جىنسىيەت ئەركىنلىكى ئەيدىزگە يول ئاچتى

ئۇيغۇر ئېلى قىزىل كرېست جەمئىيىتى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىدىن ئىگىلىنىشىچە،ھازىر ئاپتونوم رايون بۇيىچە دوكلات قىلىنغان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار ئىچىدە20 ياشتىن 40 ياشقىچە بولغانلار ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ %90 ىنى ئىگىلەيدىكەن.

پۈتۈن خىتاينىڭ ئەيدىز ۋەزىيىتىنى نەزەردە تۇتقاندىمۇ نۆۋەتتە، خىتاي جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت شۇكى، ئەيدىز كېسەللىكى ئاللىقاچان تېز سۈرئەتتە ئېشىش باسقۇچىغا كىردى. بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ئىچىدىكى 30 - 22 پىرسەنت ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ جىنسىي كەچۈرمىشى بار ئىكەن. گەرچە ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈستىدىن بۇ ھەقتە ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشلەر بىزگە مەلۇم بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدىكى جىنسىي كەچۈرمىشى بار بولغان ئوقۇغۇچىلار نىسبىتىنىڭمۇ تۆۋەن ئەمەسلىكى قىياس قىلىنماقتا.

ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئەيدىز كېسەللىكىنى يۇقتۇرۇۋېلىش خەۋپى يۇقىرى بولغان كىشىلەر توپىغا ئايلىنىپ قېلىشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب جىنسىيەت كۆز قارىشىنىڭ زىيادە ئېچىۋېتىلىشى دەپ قارالماقتا شۇنداقلا بۇ ئەيدىزنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا تارقىلىشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق ۋە ئەڭ خەتەرلىك ئامىل.

ئۇيغۇر زىيالىيلىرى "ئىنسانىيەتنىڭ ئەيدىز ئاتلىق بو يالماۋۇزدىن غالىپ كېلىشىدىكى ئەڭ ئاداققى ئۈمىد قانداقتۇر ئالاھىدە ئىقتىدارلىق دورا ياكى ۋاكىسنىدا ئەمەس، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقىدا تېخىمۇ ئەمەس ، بەلكى پەقەت پۈتكۈل ئىنسانىيەت مەدەنىي ھاياتىنىڭ گۆھىرى بولغان ئېسىل ئەنئەنىۋىي ئەخلاقتا. قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەتنى چەكلەشتە "دېگەن ئورتاق قاراشتا بولماقتا.

ئەيدىز قارىغۇلىرى - ئەيدىزنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلانماقتا

مەلۇماتلارغا قارىغاندا ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدىكى ھەرقايسى شەھەرلەردە ، زەھەر چېكىدىغانلارنىڭ سانىمۇ خېلى سالماقنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ ، بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ ئوقەت قىلىدىغانلار ئىكەن ... ئۇلار بۇ يولدا بەزى يامان نىيەتلىك ئادەملەرنىڭ ئازدۇرۇش قۇربانىغا ئايلانغان . ئاق تاماكىنى تومۇرىغا ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇش جەريانىدا بىر ‏- بىرىگە يۇقتۇرغان ..

ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئەڭ ئاۋال ئۇنىڭ نېمىلىكىنى ، ئۇنىڭدىن ساقلىنىشنى بىلىش كېرەك ،ئەمما پاجىئەلىك يېرى يەنىلا يېزا نوپۇسى %80 تىن ئارتۇقنى تەشكىل قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمى، ئەيدىز ھەققىدە ھېچقانداق چۈشەنچىگە ئىگە ئەمەس. شۇ سەۋەبلىك ئەيدىزنىڭ دﯤهھقانلار ئارىسىدا تارقىلىشىنى كونترول قىلىش تېخىمۇ تەس.

خوتەننىڭ قارىقاش ناھىيىسىدىكى ئەيدىز ئەھهۋالى ھەققىدە ئاشكارا بولغان سانلىق مەلۇماتلاردىنلا ئەيدىزنىڭ ئۇيغۇرلارغا قانچىلىك تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى قىياس قىلىش تەس ئەمەس يەنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتى قارىقاش ناھىيىسى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئورنىنىڭ 2006 ‏- يىلى ئەيدىز يۇقتۇرۇۋېلىش خەتىرى يۇقىرى دەپ گۇمان قىلغان زەهھەر چەككۈچىلەر، پاھىشە قىلغۇچىلار ۋە بەزى ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتىكى جەمئىي 920 نەپەر كىشى ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان قان ئەۋرىشكىسى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن 17 نەپەر كىشىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۇۋالغانلىقى مەلۇم بولغان. بۇلارنىڭ 13ى ئەر تۆت نەپىرى ئايال بولۇپ ، 23 ياشتىن 39 ياشقىچە بولغان قاراقاشلىق كىشىلەر ئىكەن.

قارىقاش ناھىيىسىدىن ئىبارەت بىر ناھىيىدىلا شۇ يىلى تەكشۈرۈپ مەلۇم بولغان زەھهەر چەككۈچى 487 نەپەرگە يەتكەن.

ئەيدىز كېسىلى تۈپەيلى25 يىلدا 25 مىليون ئادەم ئۆلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى تېمىسىدىكى ،‏ 126 دۆلەتنىڭ ئەيدىز كېسىلىنى تەكشۈرۈش، ئېنىقلاش دوكلاتىغا قارىغاندا ، ئەيدىزنىڭ تارقىلىش سۈرئىتى تېز ئېشىۋاتقانلىقى بىلىندى. ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىدا تۇنجى ئەيدىز كېىسلى ھادىسىسىنىڭ بايقىلىشىدىن ھازىرغىچە 25 يىل ئۆتتى. ھازىر دۇنيادا 38 مىليون 600 مىڭ كىشى كېسەلگە سەۋەب بولىدىغان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان . بۇ ساننىڭ يېرىمىنى ئاياللار ئىگىلەيدۇ. 2005 ‏- يىل ئىچىدە ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى 4 مىليوندىن ئارتۇق كىشىگە يۇققان ،ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقۇشى بىلەن كۆرۈلىدىغان ئەگەشمە كېسەللەر بولسا 2 مىليون 800 مىڭ كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە يول ئاچتى.

پاھىشىۋازلىق ، زەھەرلىك چېكىملىك ۋە ئەيدىز كېسىلى ئىنسانىيەتنى ھالاكەتنىڭ قاراڭغۇ ئۆڭكۈرلىرىگە ئېلىپ بارىدىغانلىقى ئېنىق، ئەيدىزنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تارقىلىش دائىرىسى ھەم سۈرئىتىدىن قارىغاندا ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كېلىدىغان تراگېدىيىسى تەسەۋۇرىدىنمۇ دەھشەتلىك. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.