خىتاي، ئۇيغۇر ئېلىدە مائارىپنى خىتايلاشتۇرۇش قەدىمىنى تىزلەتمەكتە

AFP Photo
خەۋەردە دېيىلىشىچە، شىنجاڭ پوچتا ئۇچۇر مەركىزى، شىنجاڭ مائارىپ تەتقىقات مەركىزى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇيغۇر ئىلىدە " باھار گۈلدۈرمامىسى پىلانى" دەپ نام ئالغان تور ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدىغان ئېلېكترونلۇق ئوقۇش پائالىيىتى ئېلىپ بارىدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2006 - يىلى 8 - ئاينىڭ 23 - كۈنى " ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قوش تىللىق مائارىپ خىزمىتىنى كۈچەيتىش" قارارىنى ئېلان قىلغاندىن بۇيان، دەسلەپكى قەدەمدە يەسلى مائارىپىنى قوش تىللاشتۇرۇشنى خىتاينىڭ 11 - بەش يىللىق پىلانىغا كىرگۈزگەن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى 2010 - يىلىغا قەدەر، قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىنى ئاساس قىلىپ يەتتە ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە 56 ناھىيىدە 258 مىڭ ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنىڭ ئاڭ تەربىيىسىنى قوش تىل مائارىپىدا يەنى خىتاي تىلىدا ئېلىپ بېرىشنى پىلان قىلغان ئىدى.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور قاھار بارات ئەپەندى، بۇ مەسىلىگە قارىتا ئۆز قارىشىنى بايان قىلىپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان " باھار گۈلدۈرمامىسى " دەپ نام ئالغان، يىراق مۇساپىلىق ئىنتېرنېت تورى ئارقىلىق ئوقۇتۇش پائالىيىتىنى، خىتاينىڭ 11 - بەش يىللىق پىلانىدىكى ئۇيغۇر ئىلىدە مائارىپنى خىتايلاشتۇرۇش پىلانىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى دېيىش مۇمكىن" دەپ كۆرسەتتى.
دوكتۇر قاھار بارات ئەپەندى، خىتاينىڭ " قوش تىللىق مائارىپ " نامىدىكى، مائارىپنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئۇيغۇر ئىلىدە تېزلەشتۈرۈش، خىتاينىڭ ئۇيغۇر تىلىنى مائارىپ ساھەسىدىن سىقىپ چىقىرىش ئۇچۇن قوللىنىۋاتقان ۋاسىتىسى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
دوكتۇر قاھار بارات ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدە كۈچەپ يۈرگۈزۈۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنى ئانا تىل مائارىپىدىن ئايرىۋېتىش، ھەم ئاخىرقى ھېسابتا ئۇيغۇر تىلىنى مائارىپ ساھەسىدىن سىقىپ چىقىرىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.