قار ئاپىتى ئۇيغۇر خەلقىگە بالايى ‏- ئاپەت ئېلىپ كەلدى


2008.01.31

1 ‏- ئاينىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلاردا قار ئاپىتى يۈز بېرىپ، جەنۇبىي ئۇيغۇر ئىلىدىكى 3 ۋىلايەت ۋە ئىككى ئوبلاستتا 300 مىڭ ئادەم قار ئاپىتىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان. بۇ خىل ئاپەت قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدە بىر قەدەر ئېغىر بولغان بولۇپ، 1 ‏- ئاينىڭ 16- كۈنىدىن باشلاپ قار ئۇدا ئون كۈن توختىماي ياققاندىن كېيىن 26 چېسلا پەسكويغا چۈشكەن.

قەشقەر تەۋەسىدە 170 مىڭ ئادەم ئاپەتنىڭ بېۋاستە تەسىرىگە ئۇچىردى

نەتىجىدە، قاتناش ئۈزۈلۈپ قېلىش، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى ئاپەتكە ئۇچراش ۋە ئولتۇراق ئۆيلەر ئۆرۈلۈپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ 10 يىلدىن بۇيان قەشقەر تەۋەسىدە يۈز بەرگەن ئەڭ ئېغىر قار ئاپىتى بولۇپ، قەشقەر ھۆكۈمەت تورىدا بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، قارنىڭ پۈتۈن قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ئوتتۇرىچە قېلىنلىقى 10-15 سانتىمېتىرغىچە بولغان ۋە ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 26 سىلسىيە گرادۇسقا چۈشكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ھازىرغىچە مەزكۇر قار ئاپىتىنىڭ بىۋاستە تەسىرىگە ئۇچرىغان ئادەم 170 مىڭ نەپەر، قاردا ئۆرۈلگەن تۇرالغۇ ئۆي 792 ئېغىز، بۇزۇلغان ئۆي 8405 ئېغىز بولغان، قاردا ئۆلگەن چارۋا 10 مىڭ تۇياقتىن، توخۇ قاتارلىق ئۆي قۇشلىرى40 مىڭدىن ئېشىپ بىۋاستە ئىقتىسادى زىيان 65 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن.

نامىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر قىز قەشقەردە ئۇدا ئون كۈن قار ياغقانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ ئاپەت يەكەن، يېڭىسار، قاغىلىق، تاشقورغان قاتارلىق تۆت ناھىيىدە بىر قەدەر ئېغىر بولغان بولۇپ، بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، يېڭىسار ناھىيىسىدە 3 ئادەم سوغۇقتىن توڭلاپ ئۆلۈپ قالغان.

خىتاي خادىم : "نەدە قار ئاپىتى يۈز بەرسۇن"

بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ ئەھۋال ئىگىلەپ بېقىش ئۈچۈن يېڭىسار ناھىيىسىگە تېلېفۇن ئۇردۇق، ئەمما ناھىيىلىك ھۆكۈمەتتە تېلېفۇن ئالىدىغان ئادەم چىقمىدى، ئاخىرى يېڭىسار ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىگە تېلېفۇن ئۇردۇق. تېلېفوننى قوبۇل قىلغان خىتاي خادىمنىڭ پوزىتسىيىسى ئىنتايىن قوپال بولۇپ، ئۇ يېڭىساردا ئاپەت يۈز بەرگەنلىك ئەھۋالنى رەت قىلىپلا قالماي، باشقا سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى خالىماي تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

- ۋەي - ۋەي ياخشىمۇ سىز؟ - يېڭىسار ناھىيىسىمۇ؟ - نېمە؟ - بۇ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىمۇ؟ - نېمە ئىشىڭ بار؟ - سىلەرنىڭ ناھىيىدە قار ئاپتى يۈز بەرگەن ئەمەسمىدى. شۇ ئەھۋالنى ئىگىلەپ باقاي دېگەن ئىدىم. - نەدە قار ئاپىتى يۈز بەرسۇن! سەن قەيەردىن تېلېفۇن قىلىۋاتىسەن. نېمە ئىش قىلىدىغان نېمە سەن؟ سەن كىم؟ - مەن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى. - سەن ھازىر قەيەردە؟ - مەن ھازىر ئامېرىكىدا. - ئىسمىڭ نېمە؟ - بۇنىڭ سىز بىلەن نېمە ئالاقىسى؟ - تېلېفوننى خاتا ئۇرۇپ قاپسەن.

ئۇيغۇر ياش: " دېھقانلارنىڭ ئىسسىنىش مەسىلىسى ھەل بولمىدى"

ھالبۇكى، ئاپەت رايونىدىكى بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاپەت خېلى ئېغىر بولغان بولۇپ، مەزكۇر ياش پۈتۈن ناھىيە نوپۇسىنىڭ 20 پىرسەنتى قار ئاپىتىنىڭ بىۋاستە زىيىنىغا ئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى تەخمىن قىلدى.

قەشقەر ھۆكۈمىتىنىڭ تور بەتلىرىدە، ھازىر ھۆكۈمەتنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا جىددىي كۆڭۈل بولۇپ، 1- ئاينىڭ 30 - كۈنىگىچە 11 مىليون يۈەندىن ئارتۇق قۇتقۇزۇش مەبلىغى ئاجرىتىپ 440 مىڭ ئادەمگە قۇتقۇزۇش بەرگەنلىكىنى "قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىشلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرغان" لىقى خەۋەر قىلىندى. ئەمما، ئاپەت رايونىدىكى بۇ ئۇيغۇر ياشنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۆكۈمەتنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىشلىرى ئانچە يېتەرلىك بولمىغان بولۇپ، يېڭىسار ناھىيىسىدە يەنە نۇرغۇن دېھقانلارنىڭ ئىسسىنىش مەسىلىسى ھەل بولمىغان.

300 مىڭغا يېقىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاۋازى ئانچە كۆپ داۋراڭ پەيدا قىلالمىدى

بۇ قار ئاپىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەممە جايلىرىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدە يۈز بەرگەن بولۇپ، ئەمما بۇ خىل ئاپەت جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدە تېخىمۇ ئېغىر بولغان بولۇپ، شىنجاڭ گېزىتىدە كۆرسىتىشىچە، جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدە قار ئاپىتى بىۋاستە كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىقتىسادى زىيان 87 مىليون يۈەندىن ئارتۇق، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئادەم 300 مىڭغا يېقىن بولغان.

قارايدىغان بولساق، خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىكى قار ئاپەتلىرىنىڭ داۋرىڭى خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدىكى مەتبۇئاتلاردا خېلى كوپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدە ئاپەتكە ئۇچرىغان 300مىڭغا يېقىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاۋازى مەيلى خىتاي ئىچىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا بولسۇن، ئانچە كۆپ داۋراڭ پەيدا قىلالمىدى.

ئىلشات ئەپەندى: " خىتاي بۇ رايونغا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققەت نەزىرىنى قارىتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ"

ئۇيغۇر سىياسىي كۆزەتچى ئىلشات ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن ئاپەت ئەھۋالىغا قارىتا ئاخبارات كونترول قىلىش سىياسىتىنى قوللىنىپ بۇ ھەقتە كۆپ ئۇچۇر بەرمەسلىكىدىكى سەۋەب ھەققىدە توختىلىپ، ھازىر ئۇيغۇر ئىلى ئەھۋالىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتتە بىر قىزىق نۇقتا ئىكەنلىكىنى، شۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايونغا نىسبەتەن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققەت نەزىرىنى يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ ئاغدۇرۇشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

ئۇ ئاخىرىدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى قار ئاپىتىگە ئانچە ئېرەنسىز مۇئامىلە قىلىشىدىكى سەۋەب ھەققىدە توختىلىپ، بۇنى خىتاينىڭ ئايرىمىچىلىق سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارايدىغانلىقىنى، گەرچە خىتاي ئۇيغۇر ئېلىنى ئۆز زېمىنى دەپ ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما مۇشۇنداق نېگىزلىك مەنپەئەت مەسىلىسىدە داۋاملىق ئۇيغۇر ئىلى خەلقىغە ئايرىم مۇئامىلىدە بولۇپ كەلگەنلىكىنى قوشۇمچە قىلدى. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.