خوتەن دائىرىلىرى قار ئاپىتىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى يوشۇرماقتا
2008.02.11
1 - ئاينىڭ 17 - كۈنىدىن باشلاپ داۋاملاشقان شىددەتلىك سوغاق ئېقىم ۋە قار ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن، قەشقەر، قىزىلسۇ، ئاقسۇ ۋە بايىنغۇلىننىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا ئېغىر ئاپەت پەيدا قىلدى. گەرچە ئۇيغۇر ئېلى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدا ئاز ئۇچرايدىغان بۇ قېتىملىق سوغاق ھاۋا ھەم قار ئاپىتىگە ئۇچرىغان خەلقنى ئاپەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇپ قالغانلىقىنى خەۋەر قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خوتەندىكى ئاپەت رايونلىرىدىن ھەم مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، دائىرىلەر بۇ ئاپەتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى يوشۇرماقتا. ئەمەلىيەتتە قار ئاپىتىنىڭ تەسىرى ھازىرغا قەدەر داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ئادەم ئۆلۈش ئەھۋاللىرىنىڭمۇ ئېغىر بولغانلىقى ئاشكارىلاندى.
چاغاندا ئاپەتتە قالغان ئامما ئۇنۇتۇلدى
يانۋار ئېيىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلانغان قاتتىق سوغاق ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئاپەت كەلتۈرۈپ چىقاردى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدا داۋام ئېتىۋاتقان قار ھەم شىددەتلىك سوغاق ھاۋا كېلىماتى ئۇيغۇر ئېلى تارىخىدا 33 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىكەن.شۇنداقلا بۇنىڭ ئېغىر ئاپەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقى مەلۇم.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە،بۇ جايلاردا ھازىرغىچە 300 مىڭ ئادەمنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغانلىقى، 44 مىڭ 550 مىڭ تۇياق چارۋا مالنىڭ ئۆلگەنلىكى، بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئىقتىسادى زىياننىڭ 87 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتكەنلىكى مەلۇم قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئادەم ئۆلۈش ھادىسىلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن ئىدى.
ئۆتكەن بىر ھەپتە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بارلىق مەمۇرىي ئورگانلىرى خىتاينىڭ چاغان بايرىمىلىق بىر ھەپتىلىك دەم ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، خوتەندە ھەتتا ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا مەسئۇل ئورۇنلارمۇ پۈتۈنلەي ئىش توختىتىپ دەم ئالغان.ئەمما ئادەتتىن تاشقىرى سوغاق ھاۋادا، ئىسسىنىش، سۇ، يېمەك ھەم داۋالىنىش بۇيۇملىرىغا جىددىي مۇھتاج ئامما بولسا، ياردەمسىز قېلىپ تېخىمۇ ئېغىر پاجىئەلەر كۆرۈلمەكتە ئىكەن.
بىز ئاپەتتە قالغان بىر قىسىم ئاممىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسەن، ئاپەتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ھەمدە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىشلىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن خوتەن ۋىلايەتلىك مەھكىمە بىلەن ئالاقىلاشتۇق، ئىشخانىدا نۆۋەتچىلىكتە تۇرۇۋاتقان بىر ياش كاتىپ، ئاپەتنىڭ ھەقىقەتەن ئېغىر بولغانلىقىنى، ئادەم ئۆلۈش ۋەقەلىرىنىڭ خېلى كۆپ يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.
ھاۋا رايى - مەخپى ئۇچۇر ؟
بۇ سوغۇق ھاۋا ھەم قار ئاپىتى داۋاملىق ئاممىغا تەھدىت قىلماقتا. ئادەم ئۆلۈشتەك ئېغىر پاجىئەلەرنىڭ يۈز بېرىشىگە خەلقنىڭ تۇيۇقسىز سوغاق ئېقىم كىرىدىغانلىقىدىن ئالدىن خەۋەرسىز قېلىشى، نامراتلىقتىن ئىسسىنىش ھەم ئوزۇقلۇق تەييارلىيالمىغانلىقى سەۋەب بولغاندىن باشقا، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىشلىرىنى جىددىي ھەم ۋاقتىدا ئېلىپ بارمىغانلىقىمۇ مۇھىم بىر سەۋەبتۇر.
بىز خوتەندىكى ئاممىنىڭ بۇ ئاپەتتە ھەتتا ھاياتى تەھدىتلەرگە ئۇچراپ ئاز بولمىغان زىيانلارنى تارتىۋاتقانلىقى، تېخىچە ئاپەتتىن قۇتۇلالمايۋاتقانلىقىدا مۇھىم مەسئۇلىيىتى بولغان خوتەن ۋىلايەتلىك مېترولوگىيە ئىدارىسىغا تېلېفون قىلدۇق.
ئاغرىقنى يوشۇرساڭ ئۆلۈمۈڭ ئاشكارا
خوتەندە ئاپەت بىر قەدەر ئېغىر بولغان جايلارنىڭ بىرى ھېسابلانغان گۇما ناھىيىسىگە تېلېفون قىلغىنىمىزدا، ئاپەت يۈز بېرىپ ئۈچ ھەپتىگە قەدەر گۇمىدا ئاپەتكە قالغان ئاممىنىڭ تېخىچە ياردەم ۋە قۇتقۇزۇشقا ئېرىشەلمىگەنلىكى،شۇ سەۋەبتىن ھەتتا گۇمىدا بىر ئانا ۋە بالىنىڭ سوغۇقتا ئۈششۈپ ئۆلگەنلىكىدەك ئېچىنىشلىق پاجىئەلەر يۈز بەرگەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى. ئەمما خوتەندىكى مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر بۇ قار ئاپىتىنىڭ بۇنچە چوڭ زىيان ھەم پاجىئەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىمىغاندىن سىرت، يۇقىرىقى تېلېفون زىيارەتلىرىدىن، ھەتتا ئاممىغا يەتكۈزۈشكە تېگىشلىك بولغان ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەم مېترولوگىيە ئۇچۇرلىرىنىمۇ ۋاقتىدا يەتكۈزمىگەنلىكى مەلۇم.
ئاپەتتە قالغان ئامما، ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ زىيانلىرىنىڭ داۋاملىق ئېغىر بولۇشىدا، دائىرىلەرنىڭ خەلقنى تۈرلۈك ئاپەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ۋاقتىدا ئاگاھلاندۇرماسلىقى ھەمدە قۇتقۇزۇش ئىشلىرىنىڭ مۇۋاپىق ئېلىپ بېرىلماسلىقىنىڭ ئاساسلىق ئامىل بولۇۋاتقانلىقىنى شۇنداقلا داۋاملىق تۈردە ئاپەتلەر ھەققىدە يالغان مەلۇمات ھەم ساختا خەۋەرلەرنى ئېلان قىلىپ ئەمەلىي ئەھۋاللارنى يوشۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ( گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تەبىئىي ئاپەت زىيىنىنىڭ سۈنئىي سەۋەبلىرى
- قار ئاپىتى ئۇيغۇر خەلقىگە بالايى - ئاپەت ئېلىپ كەلدى
- ئوت يالقۇنى كۆتۈرۈپ چىققان مەسىلىلەر
- ئۇچ تۇرپان ناھىيىسى ياركۆۋرۈك يېزىسىدىكى ئاپەتتە كۆپلىگەن دېھقانلار ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى
- ئۇيغۇر ئېلىدە كەلكۈن ئاپىتى داۋاملاشماقتا
- يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلەر قۇرۇلۇشىدا مەسىلە كۆپ
- ئۇلۇغچاتتا يەر تەۋرىدى
- ئىلى دەريا ۋادىسىدا كەلكۈن ئاپىتى ئېغىرلاشماقتا
- ئالتاي رايونىدا قار ئاپىتى داۋام قىلماقتا
- جياڭشىدا قاتتىق يەر تەۋرىدى
- "رىتا" چاپقۇنى سالغان زىيان مۆلچەرلىگەندىن تۆۋەن بولدى
- مېكسىكا قولتۇقىغا "كاترىنا" چاپقۇنىدىن كېيىن "رىتا" كېلىۋاتىدۇ
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرى ئېيتقاندەك تەبىئىي ئەپەتلەردىكى ئۆلۈم – يېتىم سانىنى ئېلان قىلامدۇ؟
- ئۇيغۇر ئېلىدە 230 مىڭ ئادەم كەلكۈن ئاپىتىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىدى
- تۇرپان تەۋەسىدىكى خەلق كەلكۈن ئاپىتىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىدى