ئۇيغۇر ئېلىدە قىزىل كېسەللىكى يەنىمۇ كۆپ جانغا زامىن بولماقتا


2008.02.20

2007 - يىلى1 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا كۆرۈلۈشكە باشلىغان قىزىل كېسەللىك يۇقۇم ئەھۋالى نۆۋەتتە پەۋقۇلئاددە يۇقىرى ساننى كۆرسىتىۋاتقان بولۇپ، گەرچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتى ئۇيغۇر ئېلى بۇيىچە بۇنىڭدىن كېيىن ھەر قايسى سەھىيە تارماقلىرىنىڭ دوختۇرخانىلاردا، قىزىل كېسەللىكىنى ھەقسىز داۋالاش ھەمدە ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنا قىلىش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارىدىغانلىقى ھەققىدە بۈگۈن رەسمىي ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، ھازىرغا قەدەر قىزىل كېسەللىكى بىلەن يۇقۇملىنىپ داۋالىنىۋاتقان بىمارلارنىڭ 4000 دىن ئاشقانلىقىنى، ئۆلگەنلەرنىڭ 10غا يېتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قىزىل تارقىلىش ئەمەلىي ئەھۋالىنى يۇشۇرۇۋاتقانلىقى شۇنداقلا قىزىل كېسەللىكى سەۋەبلىك ئۆلگۈچىلەرنىڭ ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان ساندىن يۇقىرى ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا.

ئۇيغۇر ئېلىدە قىزىل يۇقۇمدارلىرى 4365 كە يەتكەن، 10 كىشى ئۆلگەن

قىش شۇنداقلا ئەتىياز مەزگىلى تۈرلۈك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئەڭ كۆپ تارقىلىش مەزگىلى ھېسابلىنىدۇ، بولۇپمۇ بۇ يىل قىش پەسلى باشلىنىشى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدە جىددىي يۇقۇملۇق نەپەس يولى كېسەللىكلىرى،شۇنداقلا قىزىلنىڭ تارقىلىشى پەۋقۇلئاددە تېز ھەم كەڭ دائىرىدە كۆرۈلمەكتە.

ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆتكەن يىلى 11 - ئايدىن باشلانغان قىزىل كېسەللىكىنىڭ تېز تارقىلىشى ھازىرغا قەدەر مۇۋاپىق كونترول قىلىنمىغان بولۇپ،ئۇيغۇر ئېلى سەھىيە نازارىتىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر ھەر قايسى سەھىيە تارماقلىرى تىزىملىغان قىزىل يۇقۇمدارلىرى 4365 كە يەتكەن بولۇپ، 10 كىشى قىزىل كېسەللىكى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى سەۋەبلىك ئۆلگەن ئىكەن.

سەھىيە نازارىتىنىڭ ستاتىستىكىسىدا كۆرسىتىشىچە، بۇ يىل قىزىل يۇقۇم ئەھۋالى ئۆتكەن يىلى مۇشۇ مەزگىلدىكىدىن 36 ھەسسە كۆپ بولۇپ، ئاسان يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى سەككىز ئايلىق كىچىك بالىلار، 30 ياش ئەتراپىدىكى كىشىلەر توپى بولۇپ،مەلۇم بولغان يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئەڭ كىچىكى ئۈچ ئايلىق بوۋاق ئىكەن شۇنداقلا بەزى جايلاردا ياشانغانلاردىمۇ يۇقۇملىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلمەكتە. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى يەرلىك تور بەتلىرىدە بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەرلەردىن مەلۇمكى، بۇ يىل قىزىل كېسەللىكى بىر قەدەر جىددىي تارقىلىۋاتقان جايلار، ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونى، ئىلى ئوبلاستىنىڭ كۈنەس، تېكەس ناھىيىلىرى، قەشقەر شەھىرى ۋە يېڭىسار ناھىيىسى، خوتەن ناھىيىسى، ئاقسۇ شەھىرى ھەمدە كۇچا ناھىيىسىنىڭ يېزىلىرىدىن ئىبارەت.

خىتاي دائىرىلىرى ئالدىنى ئېلىش ھەم كونترول قىلىشتا تېگىشلىك تەدبىر ئالمىغان

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر قايسى خىتايچە خەۋەر تورلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتى 18 - فېۋرال كۈنى ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا قىزىلنىڭ تارقىلىشىنى جىددىي كونترول قىلىش ھەققىدە ھەر قايسى دەرىجىلىك سەھىيە ئورۇنلىرىغا مەخسۇس ئۇختۇرۇش چۈشۈرگەن.

ئۇقتۇرۇشتا ئېيتىلىشىچە، ھەر قايسى چوڭ - كىچىك دوختۇرخانا ھەمدە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تارماقلىرى قىزىل بىلەن يۇقۇملانغانلارنى ھەقسىز داۋالاش ھەمدە ھەقسىز ۋاكسىنا قىلىشنى يولغا قويىدىكەن.

ئەمما، ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ئىنكاسلارغا قارىغاندا، قىزىلنىڭ تارقىلىشى بىر نەچچە ئاي بۇرۇنلا خېلى ئېغىر بولسىمۇ، ھازىرغىچە خىتاي دائىرىلىرى كېسەللىكنىڭ كەڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەم كونترول قىلىشتا تېگىشلىك تەدبىر ئالمىغان. شۇنداقلا نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى كۆپىنچە دوختۇرخانىلارنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىك بۆلۈملىرى قىزىل يۇقۇمدارلىرى بىلەن توشقان بولۇپ كارۋات يېتىشمىگىدەك جىددىيچىلىك كۆرۈلمەكتە ئىكەن.

قىزىلنىڭ يامرىشىغا ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنىڭ تۆۋەنلىكى، كونترول قىلىشنىڭ ۋاقتىدا بولماسلىقى سەۋەب بولغان

ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى يۇقۇملۇق كېسەللىك بۆلۈمىنىڭ بىر سېستراسى، مەزكۇر بۆلۈمدە داۋالىنىۋاتقان كېسەللەرنىڭ ئاساسەن قىزىل كېسىلى بىلەن كىرگەنلەر ئىكەنلىكىنى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئاساسەن ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى، يۇقۇمدارلارنىڭ كىچىك بالىلاردىن باشقا، چوڭ ئادەملەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قىزىلنىڭ بۇنداق يامرىشىغا، بىرى كىشىلەرنىڭ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنىڭ تۆۋەنلىكى سەۋەب بولغان بولسا، يەنە بىرى كونترول قىلىشنىڭ مۇۋاپىق، ۋاقتىدا بولماسلىقى سەۋەب بولغان ئىكەن. بىز يەنە، قەشقەر خەلق دوختۇرخانىسىغا تېلېفون قىلىپ قىزىلنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىنى سورىغان بولساقمۇ، تېلېفوننى ئالغان خادىم بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە سەزگۈر پوزىتسىيە تۇتتى.

بىز ئىلگىرى كۇچا ناھىيىسىدىمۇ قىزىل يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالاھىدە ئېغىرلىقى، بۇ جايدا ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ شۇ سەۋەبلىك ئۆلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئىدۇق. ئەمما خىتاي دائىرىلىرى بۇ ئەھۋالنى يوشۇرغان. نۆۋەتتە كۇچادا قىزىلنىڭ تارقىلىشىنى كونترول قىلىش ئىشلىرىنىڭ قانداق ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن كۇچا ناھىيىلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدارىسىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، بىر خادىم بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ زىيارىتىمىزنى رەت قىلدى.

بىز يەنە، قىزىل يۇقۇم ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر جايلارنىڭ بىرى بولغان خوتەن ناھىيىسىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن خوتەن ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسى جىددىي كېسەللىكلەر بۆلۈمىگە تېلېفون قىلدۇق، نۆۋەتچىلىكتە تۇرغان بىر سېسترا، يېقىندىن بۇيان قىزىل كېسەللىكى بىلەن يۇقۇملىنىپ دوختۇرغا كېلىۋاتقانلارنىڭ پەۋقۇلئاددە كۆپەيگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئاساسەن كىچىك بالىلار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ يەنە، خوتەندە بولۇپمۇ يېزىلاردا كىشىلەرنىڭ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە ئېڭىنىڭ تۆۋەن بولۇشى سەۋەبلىك ھەمدە ۋاقتىدا دوختۇرغا كېلەلمەسلىكى سەۋەبلىكمۇ يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئېغىر بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە سەھىيە خادىملىرى ئاساسىي قاتلاملارغا چۈشۈپ ۋاكسىنا قىلىش پائالىيىتىنى ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان.

دائىرىلەر بارلىق ئۇچۇر مەنبەلىرىنى قاتتىق قامال قىلىۋالغان

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا قاراتقان تېلېفون زىيارەتلىرىمىزدىن، قىزىل تارقىلىش ئەھۋالىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە خېلى ئېغىرلىقى مەلۇم بولغان بولسىمۇ، ئەمما دائىرىلەرنىڭ بۇ ھەقتە بارلىق ئۇچۇر مەنبەلىرىنى قاتتىق قامال قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

مۇتەخەسسىسلەر، قىزىل كېسەللىكىدىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، كىشىلەر ئادەتتە مۇھىتنىڭ پاكىزە، ھاۋا ئۆتىشىدىغان بولۇشىغا، ئۆزىنى ئىسسىق تۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىشنى، بالا ھەم ياشانغانلار ئادەم كۆپ يىغىلىدىغان ئاممىۋى سورۇنلارغا بارماسلىقنى، قىزىل كېسەللىكى بىلەن يۇقۇملانغانلار ۋە باشقا كېسەللەر ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىشنى، قىزىل ۋاكسىنىسىنى ۋاقتىدا ئوكۇل قىلىشنى، ئۆزىدە قىزىش ۋە ياكى نەپەس يولى ياللۇغلىنىپ ئاغرىشقا ئوخشاش ئالامەتلەر كۆرۈلسە دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.