ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيتنى ئەندىشە ئىچىدە ئۆتكۈزمەكتە

ھېيتنىڭ ئەڭ مۇھىم دىنىي شەرتلىرىنىڭ بىرى ھېيت نامىزى ئوقۇش ھېسابلىنىدۇ، يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان قۇربان ھېيتىتا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلار مەسچىتلەرگە بېرىپ ھېيت نامىزىنى ئەركىن ئوقۇپ ئىبادەت قىلالىدىمۇ؟ توپلىشىپ ھېيتلىشالىدىمۇ ؟ ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتايلارنىڭ بۇ دىنىي بايرامغا نىسبەتەن ھۆرمەت تۇيغۇسى بارمۇ ؟ كوچىلاردا قوراللىق ئەسكەرلەرنىڭ چارلاش ۋە كۆزىتىشى ئاستىدا بايراملىق كەيپىياتنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى مۇمكىنمۇ؟
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2010.11.17
Urumqi-xitay-piqaq-esker-qatil-305 ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، 14 - ﺋﯩﻴﯘﻝ، ﺩﯙﯓ ﻛﯚﯞﺭﯛﻙ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ، ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯚﺗﻜﯜﺭ ﺗﯩﻐﻼﺭﻧﻰ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﭗ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﭘﻮﺳﺘﺘﺎ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
AFP Photo

رادىئومىزغا بۇ ھەقتە كەلگەن ئىنكاسلار مۇناسىۋىتى بىلەن، بىز ئۇيغۇر ئېلى ئاھالىسىنى تېلېفۇن ئارقىلىق زىيارەت قىلدۇق.

ئۇيغۇر ئېلىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بۇ يىل قۇربان ھېيتنى قانداق ئۆتكۈزدى؟ رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، قۇربان ھېيت كۈنى كوچىلاردا قوراللىق خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ چارلاش ‏- نازارەت قىلىش ھەرىكەتلىرى ئالاھىدە كۈچەيتىلگەن بولۇپ، ھەتتا ئۇيغۇرلار مەسچىتلەرگە بېرىپ، ھېيت نامىزىنى ئەركىن ئوقۇشتىن مەھرۇم قالدۇرۇلغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەتقىقات مەركىزى قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن، ئۇيغۇر ئىلىنىڭ ۋەزىيىتىنى كۆزىتىش ئۈچۈن مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ھېيت جەريانىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلغان بىر قاتار سىياسەتلەر تۈپەيلى ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيتنى ھېيتتتەك ئۆتكۈزەلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

بىز ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندىنىڭ ئېيتقانلىرىغا ئاساسەن، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەرددىكى ھېيتكار مەسچىتىگە تېلېفۇن ئۇردۇق. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ھېيتكار مەسچىتىنىڭ خىزمەتچىسى، ئەركىن ئاىسيا رادىئوسىدىن تېلېفۇن ئۇرغانلىقىمىزدىن خەۋەردار بولغاندىن كېيىن، سوئاللىرىمىزغا كۆپ ئېھتىيات بىلەن جاۋاب بەردى.

بىز ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيتنى قانداق ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، ئىككى ئائىلىگە تېلېفۇن ئۇردۇق.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەتقىقات مەركىزىنىڭ رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى، 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن كىشىلەرنىڭ سۈز قىلىش ئەركىنلىكىنىڭ ئىلگىرىكىدىن نەچچە ھەسسە ئېغىر دەرىجىدە چەكلەنگەنلىكىنى، بولۇپمۇ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا ھېچكىمنىڭ جۈرئەتلىك ھالدا مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز يەنە ئۈرۈمچىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بىر قانچە ئۇيغۇر بىلەن بىرگە ئوقۇپ يېقىن دوست بولۇپ ئۆتكەن، ئالىي مەكتەپنى يېڭى پۈتۈرگەن بىر خىتاي ئوقۇغۇچىنى زىيارەت قىلدۇق. زىيارەت داۋامىدا بۇ خىتاي ئوقۇغۇچى، " مەن يەرلىك شىنجاڭلىق، شۇڭا مەن ئىچكىرىلىك خەنزۇلارغا قارىغاندا ئۇيغۇرلارنى ياخشى چۈشىنىمەن، ئۇلارنى ئۆزەمگە يېقىن دەپ بىلىمەن،" دېدى.

ئەمما، ئۆزىنى ئۇيغۇرلارغا يېقىن دەپ تونۇيدىغان بۇ خىتاي ئوقۇغۇچى بىزنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قۇربان ھېيت بايراملىرىغا ئوخشاش دىنىي ئۆرپ ‏- ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلامسەن ؟ دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، "مېنىڭچە، ئۇيغۇر، خەنزۇ دەپ ئايرىپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق. بىز ھەممىىمىز ئۆزىمىزنى بىر جۇڭگولۇق دەپ ھېس قىلساق، "5 ‏- ئىيۇل" توقۇنۇشىغا ئوخشاش زىددىيەتلەر سادىر بولمىغان بولاتتى. شۇڭا تەجرىبە ‏- ساۋاقنى يەكۈنلەپ، مىللەت ئايرىمىسىنى يوقىتىپ بىر جۇڭگولۇق بولۇپ ياشىساق، قىسقىسى بىر مىللەتكە ئايلىنىپ كەتسەك شۇ ئەڭ توغرا بولىدۇ" دېدى.

ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋە ھەر بىر خىتاي پۇقراسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەۋجۇتلىقىغا قىلچە ھۆرمەت قىلمايدىغانلىقى ھەققىدە توختالدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.