د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن بىۋاستە ئالغان مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى يەنە بىر بالداق كۈچەيتكەن بولۇپ، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش شۇئارى ئاستىدا يولغا قويۇلغان بۇ ھەرىكەتتە نۇرغۇنلىغان بىگۇناھ ياشلار قولغا ئېلىنغان. چاغاننىڭ ئالدىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ ھەرىكەت قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ ۋىلايەتلىرىدە ۋە ئاتۇشتا تېخىمۇ كەڭ ئەۋج ئالغان. مۇتلەق كۆپ قىسمى تېررورچىلار، مىللىي بۆلگۈنچىلەر ۋە رادىكال دىنىي كۈچلەر بىلەن ئالاقىسى بار، دېگەن گۇمان بىلەن قولغا ئېلىنغان بۇ ياشلارنىڭ ھېچ بىرىنىڭ تۇتامغا چىققۇدەك جىنايى ھەرىكەتلىرى يوق بولۇپ، ھەممىسىلا خىتاي قانۇن ئورگانلىرىنىڭ قارا تىزىملىكىگە كىرىپ قالغان شەخسلەر ئىكەن.
دىلشات رېشىت ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر يىلى بايرام ياكى چاغاندىن ئىلگىرى، ئۇيغۇر ۋەتىنىدە مۇشۇنداق كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ساراسىمە پەيدا قىلىدىغانلىقىنى، قارشىلىق ئىدىيىسىدىكى كىشىلەرگە ۋەھىمە سالىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
نوقۇل ئۇيغۇرلارغىلا قارىتىلىدىغان بۇ خىل قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكىتىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ " مۇقىملىقنى قوغداش" دېگەن نىقاپ ئاستىدا ئېلىپ بېرىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بويايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن دىلشات رېشىت ئەپەندى، قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچ بىرىنىڭ ھېچقاچان " ئۈچ خىل كۈچلەر" بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر يىلى مۇشۇنداق باھانىلەر بىلەن مىللىي ھېسسىياتى سەل يۇقىرى ياشلارنى تۆھمەت بىلەن قولغا ئالىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
دىلشات رېشىت ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، قولغا ئېلىنغان بۇ ياشلارنىڭ بىر قىسمى قاماق جازالىرىغا مەھكۇم قىلىنسا، يەنە بىر قىسمى قاتتىق تەھدىتلەرنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ئېغىر جەرىمانىلەر تۆلەپ تۈرمىدىن چىقىدىكەن ۋە جەمئىيەتكە چىققاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ نېمە سەۋەبتىن قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېيتىشى قەتئىي مەنىي قىلىنىدىكەن. بەزىلىرى ئۇزۇن بىر مۇددەت رېجىم ئاستىدا ياشاشقا مەجبۇر بولىدىكەن.
دىلشات رېشىت ئەپەندىنىڭ پىكرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر ۋەتىنىدە مۇقىملىققا ھەقىقىي تەسىر يەتكۈزۈۋاتقان كۈچلەر خىتاي ئاققۇنلىرى بولۇپ، ئۇلار ھەر خىل قەبىھ جىنايى ھەرىكەتلەر بىلەن جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزۇپ، خەلق ئىچىدە ئېغىر ئەنسىزچىلىك پەيدا قىلسىمۇ، ئۇلار ئۇيغۇر بولمىغانلىقى ئۈچۈن خىتاي قانۇن ئورگانلىرىنىڭ زەربە نىشانى بولمايدىكەن. ئەكسىچە، ھەر قانداق بىر كىچىك خاتالىقنى سادىر قىلغان ئۇيغۇر قاتتىق باستۇرۇش نىشانىغا ئايلىنىپ، تۇتقۇن قىلىشلارغا ئۇچراپ تۇرىدىكەن.
د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئەپەندى يەنە، بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ يىل 8 - ئايدىن ئىلگىرى، ئۇيغۇر دىيارىدا يەنە بىر قېتىم كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بېرىشى مۇمكىنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە، ئىلگىرى سىياسىي جەھەتتىن قارىلىنىپ تۇرمىدا ياتقانلار، قانۇن ئورگانلىرىنىڭ قارا تىزىملىكىگە چۈشۈپ قالغان مىللىي ھېسسىياتى يۇقىرى ياشلار ۋە ھەر قانداق ئۆكتىچى كۈچلەرنىڭ بۇ قېتىمقى تۇتقۇنغا يەم بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى ھەمدە ئىچكىرى خىتايدا تىجارەت قىلىۋاتقان بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بۇ زەربىدىن خالى بولالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
دىلشات رېشىت ئەپەندىنىڭ پىكرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ يىللاردىن بۇيان يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىنى مەغلۇپ بولدى، دەپ قاراشقا بولىدىكەن. باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ قانچە ئون يىل داۋاملىشىپمۇ ئاخىرلاشمىغانلىقى، قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كېلىۋاتقانلىقى ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى خەلقئارالىق بىر مەسىلىگە ئايلانغان بۈگۈنكى كۈندە، قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يەنىمۇ بىر بالداق يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ " ئۈچ خىل كۈچلەر" گە قارشى تۇرۇشتا غەلىبىگە ئېرىشەلمىگەنلىكىنىڭ ئىسپاتى ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىرتقا قارىتا " شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتى مۇقىم، مىللەتلەر تېنچ، ئىتتىپاق" دېگەن سەپسەتىسىنى، ئىچكى جەھەتتە يولغا قويۇۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى ئىنكار قىلىپ تۇرىدىكەن. ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئۈزلۈكسىز ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئۆلۈم جازالىرى رەت قىلىدىكەن. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىغا ئوخشاش ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ دەلىللىك بايانلىرى بۇ ساختىپەزلىكلەرنى جاھانغا جاكارلاپ تۇرىدىكەن. (ئەكرەم)