ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ چوڭ تارىخىي مەسچىت

كېرىيە ھېيتگاھ جامەسى 800 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ چوڭ جامە بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدە ئەڭ چوڭ جامە دەپ ھېسابلانغان قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىدىنمۇ چوڭدۇر.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ ﺗﻮﺧﺘﻰ
2008.12.02
Heytgah-305 ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ھېتگاھ جامەسىدىن بىر كۆرۈنۈش.
AFP Photo

چۈنكى قەشقەر جامەسىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 1099 كۋادرات مېتىر بولسا، كېرىيە جامەسىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 13 مىڭ 449 كۋادرات مېتىر كېلىدۇ. ئادەتتە جۈمە نامىزىغا 4مىڭدىن 6 مىڭغىچە، ھېيت نامازلىرىدا 10 مىڭدىن 12 مىڭغىچە مۇسۇلمان كېلىپ ئازادە ناماز ئوقۇيدۇ. بۇ جامە بۈگۈنگە قەدەر يەتتە قېتىم چوڭ رېمونت قىلىنغان. سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ياش ئالىم ئابدۇللا ھاجىم بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.

ئابدۇللا ھاجىم بىلەن سۆھبەت

ئابدۇللا ھاجىم كېرىيە جامەسىنىڭ تارىخىي باسقۇچلىرى ھەققىدە توختۇلۇپ مۇنداق دېدى: " كېرىيە جامەسى 1200 - يىلى كىچىك بىر مەسچىد شەكلىدە بىنا قىلىنغان بولۇپ، ھەمىشە كېڭەيتىلىش جەريانىدا جامە تۈسىنى ئالغان. 1665 - يىلى كېرىيىدىكى مۆتىۋەر دىنىي زاتلاردىن موللا تىيىپ ئاخۇنۇم، موللا غۇجىلاق ئاخۇنۇم ئەيساق ئاخۇنۇم قاتارلىق كىشىلەر كېرىيە ھېيتكار جامەسىنى كېڭەيتىپ رېمونت قىلىش توغرىسىدا يەكەندىكى سەئىدىيە خانلىقىنىڭ خانى ئابدۇللاخانغا بىر پارچە تەكلىپ سۇنىدۇ. بۇ تەكلىپ خان تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ، يەركەندىن مەخسۇس ئۇستىلار ئەۋەتىلىدۇ ھەم جامە ئەتراپىدىكى ئاھالىلار كۆچۈرۈپ يەرلىك مۇسۇلمانلارنىڭ ئىقتىسادىغا تايىنىپ جامەنى ئىككىنچى قېتىم كېڭەيتىپ رېمونت قىلىپ چىققان. يەركەندىن 10 تۈپ چىنار دەرىخىنى يۆتكەپ كېلىپ جامەنىڭ سەيناسىغا سالغان. شۇڭا كىشىلەر بۇ جامەنى بىر مەزگىل " چىنارباغ" جامەسى دەپمۇ ئاتاشقان. ئاشۇ چىنار دەرەخلىرىدىن بىر قانچە تۈپى تېخى يېقىنقى يىللارغا قەدەر مەۋجۇد بولۇپ، كېيىنچە جامەنى كېڭەيتىشتە قۇرۇلۇشقا تاقىشىپ قالغانلىقتىن كېسىۋېتىلگەن ئىكەن. 1947 - يىلى كېرىيە ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى ئىسمايىلخان كېرىيە تەۋەسىدىكى مۇنەۋۋەر دىنىي زاتلار ۋە ھەر قايسى يېزا بەگلىرىنى يىغىپ كېرىيە جامەسىنى كېڭەيتىپ ياساش ھەققىدە كېڭەش قىلىپ ھەممىنىڭ مۇۋاپىقەتچىلىكىنى ئالىدۇ. شۇنداق قىلىپ كېرىيە جامەسىنىڭ قۇرۇلۇشى 1947 - يىلى 10 - ئايدا باشلىنىپ 1949 - يىلى قىزىل خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا تاپىنى بېسىلىشتىن بىر قانچە كۈنلا بۇرۇن پۈتكۈزۈپ بولىدۇ. كېيىن 1985 - يىلىدىن 1988 - يىلىغىچە يەنە رېمونت قىلىنغان بولۇپ، ئاخىرقى 7 - قېتىملىق چوڭ رېمونت 1997 - يىلى باشلىنىپ 1998 - يىلى پۈتكەن بولدى.

خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ قارشىلىقى

ئابدۇللا ھاجىم كېرىيە ھېيتكار جامەسىنىڭ مۇنارىسى توغرۇلۇق خىتايلارنىڭ قارشىلىقى ھەققىدە توختۇلۇپ مۇنداق دىدى:" كېرىيە ھېيتكار جامەسىنىڭ 7 - قېتىملىق رېمونت قىلىنىپ ياسىلىشىدا ئۇنىڭ شىمالىي مۇنارىسىنىڭ ئىگىزلىكى 30 مېتىرغا يېتىدىغان بولۇپ چىققاندىن كېيىن، كېرىيە ناھىيىسىدىكى خىتاي ئەمەلدارلارنىڭ ئوغىسى قايناپ " بۇ جامەنىڭ مۇنارىسى خەلق ھۆكۈمىتى بىناسىدىنمۇ ئىگىز بولۇپ قالغان. بۇنى پەسلەش كېرەك"دەپ قارار قىلىپ، مۇنارىنى ياسىغان ئاتۇشلۇق ئۇستىنى مۇنارىنى پەسلىتىشكە زورلىغاندا، ئۇستا قەتئىي ياناشمايدۇ ۋە " جامەنىڭ مۇنارىسى ئىگىزلەيدۇ، پەسلىمەيدۇ" دەپ ئەمەلدار خىتايلارنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلمايدۇ ۋە يۇرتىغا كېتىپ قالىدۇ. ئاخىرىدا كېرىيە ناھىيىسىنىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرى كېرىيە ھېيتكار جامەسىنىڭ مۇنارىسىنى باشقا ئۇستىلارنىڭ قولى بىلەن پەسلىتىپ 24 مېتىرغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ".

ئابدۇللا ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، كېرىيە ھېيتكار جامەسىنىڭ شىمالى دەرۋازىسىدىكى تاقىنىڭ ئۈستىدىكى گۈمبەز قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇسلۇبى ئاتۇشتىكى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مەقبەرىسىنىڭ بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئاجايىپ نەپىس ھەم چىرايلىق ئىشلەنگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.