قازاقىستاندا نەشىر قىلىنىۋاتقان "ياش ئالاش" گېزىتىنىڭ 100 – سانىدا "خىتايدىكى قازاقلارنىڭ كۆڭلىدە گۇمان كۆپ" ماۋزۇسىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىلى، ئالتاي ۋە تارباغاتاي رايونىدىكى ياشاۋاتقان قازاقلار نامىدىن 30 ئادەم قول قويغان خەت بېسىلغان.
خەتتە كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ ئەلدە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىگە قارشى نارازىلىقىنى بىلدۈرۈۋاتقان قازاقلار ئۆز ۋەتىنىگە – قازاقىستانغا بېرىشنى، ئىشلەشنى، بىر يولىلا كۆچۈپ كېتىشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان قازاقلارنىڭ پاسپورت ئېلىشى قاتارلىق ئىشلىرىنىڭ تەس بولىۋاتقانلىقى، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ قازاقلار چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان يەرلەرنى ئىگىلىۋاتقانلىقى، قازاق مائارىپىنىڭ قوش تىللىق مائارىپ باھانىسى بىلەن يوقىتىلىۋاتقانلىقى يېزىلغان.
بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، قازاقىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللادىن ئاڭلاڭ.