لوندوننىڭ مەركىزىدە ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىسى ياڭرىدى
2005.06.21

ئۆتكەن ھەپتىنىڭ شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرى خەلقارالىق پانالانغۇچىلار كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەنگىلىيىنىڭ پايتەختى لوندوندا ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ خاتىرىلەش كۈنى بولۇپ ئۆتتى. ئەنگىلىيىدىكى ئۇيغۇر جەمىيىتى ۋەكىللىرى، ئۇيغۇر سەنەت ئۆمىكى تەكلىپ قىلىپ بۇ پائالىيەتتە تاللانغان ئۇيغۇر ناخشا-ئۇسۇللىرىنى تاماشىبىنلارغا كۆرسەتكەن. شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنى تونۇتقان كىتابچىلارنى تارقاتقان. ئۇيگۇر خەلق ناخشىلىرىدىن گۈلمەرەم، مۇدەنخان، قاپقارا قوي كۆزلۈگۈم، داۋانچىڭ قاتارلىق ناخشىلىرى تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە شەھرىدە تۇرۇشلۇق ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم ئەنگىلىيىنىڭ پايتەختى لوندوندىكى پائالىيەت مەركىزىگە تېلېفون قىلىپ، ئەنگىلىيە ئۇيغۇر جەمىيىتى باشلىقى ئىليار پەخىردىن ئەپەندى ۋە بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەتلەشتى.
بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەلۇماتلارنى، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ ئەنگىلىيە ئۇيغۇر جەمىيىتى باشلىقى ئىليار پەخىردىن ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن ئاڭلاڭ.