بېيجىڭدا، يۈزلىگەن ئۇيغۇر ئەرزدارلار قاماپ قويۇلغان

0:00 / 0:00

" 4 ‏- ئىيۇن تور بېتى " نىڭ 30 ‏- ماي كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭ ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەرزدارلارنى قوبۇل قىلىش پونكىتىغا بىر قانچە كۈن ئىلگىرى، بېيجىڭغا ئەرز سۇنغىلى كەلگەن 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئەرزدار قاماپ قويۇلغان بولۇپ، ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەرزدارلار خىتاي تىلىدا سۆزلىيەلمىگەنلىك تۈپەيلى، ئۇلارنىڭ مەقسىدىنى چۈشىنەلمەسلىكتەك قېيىنچىلىقلار مەيدانغا كەلگەن ئىكەن.

ۋەقەنى كۆرگۈچىلەرنىڭ ئەيتقانلىرى

ئۇزۇندىن بۇيان ئەرزدارلارنىڭ مەسىلىسىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ئادۋوكات رېن خۇئا، ئىستانسىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ئەرزدارلار ئىچىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قاتتىق تاياق يىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: " ئۇلارنىڭ تاياق يىگەنلىكىنى، باشقا ئەرزدارلار ماڭا ئېيتىپ بەردى، باشقىلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار كېچىدە تۇتۇپ كېلىنىپ قاماپ قويۇلغان . يەنە ئۇلارنىڭ ئىچىدە خېلى كۆپ ئادەم ، تاياق زەربىسىدىن يارىلانغانكەن."

ياڭ زېلىيەن ئىسىملىك يەنە بىر ئەرزدار مۇنداق دەيدۇ ":ئۇيغۇرلار سوت مەھكىمىسىنىڭ قوبۇل قىلىش پونكىتىغا سولاپ قويۇلغاندىن كېيىن، ئۇلار ئۆز ئۆرپ ‏- ئادىتى بۇيىچە ئوزۇقلىنىشنى تەلەپ قىلغان ، ئۇلارنىڭ تەلىپى ھەل قىلىنمىغاندىن كېيىن، ئۇلار دەرىزىلەرنى چىقىۋەتتى. مەن ھۆكۈمەتنىڭ ماشىنىسىنى كۆردۈم، ھۆكۈمەت ئادەملىرى ئۇلار بىلەن بىرلىككە كېلەلمەي، شۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرىدا توقۇنۇش يۈز بەردى."

ئۇيغۇر ئەرزدارلارنىڭ ئەرز ئىشىنى ئاڭلاشقا، خىتاي "رەھبەرلىرى" ئالى سوتقا كەلگەنمىش

سەيشەنبە كۈنى، خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسىگە يېقىن يەرگە ئەرزدارلار توپلىشىپلا قالماي، يەنە زور كۆلەمدە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تەرتىپنى قوغداش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئەرزدارلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەركىزى ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئالىي سوت مەھكىمىسىگە كەلمەكچى ئىكەن. شۇڭا ئەتراپ ساقچىلار بىلەن توشۇپ كەتكەن.

ئەرزدار ياڭ زېليەن يەنە مۇنداق دەيدۇ": مەن مۇنداق دەپ ئاڭلىدىم، ۋېن جياباۋ بىلەن شاۋ ياڭ بىۋاستە سوتقا كېلىپ، مەسىلىنى ھەل قىلماقچى ئىكەن. سوتنىڭ ئادەملىرى ئۇيغۇرلارنى يارىلاندۇرغان. ساقچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇرلار قالايمىقانچىلىق چىقارغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار بۇ يەرگە كېلىپ، ئامانلىقنى قوغداش ئىشلىرى ئېلىپ بېرىپتۇ. يەنە بىر قانچە قېرى مومايلار ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسى سەۋەبىدىن قاتتىق ۋاقىراپ جار سېلىشتى. ئۆزىنى يەرگە ئۇرۇپ يىغلاشتى . شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ساقچىلارنىڭ قورشاۋىغا ئېلىندى. ئالىي سوت مەھكىمىسى بىلەن ئەرزدارلارنى قوبۇل قىلىش پونكىتىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئادەملەر توپى ئىنتايىن كۆپ ئىدى.

يەنە ۋۇ ئىسىملىك ئەرزدارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەرزدارلار ئارىسىدا چوڭ باشلىقلاردىن لو گەن، ۋېن جياباۋ ھەتتا خۇ جىنتاۋلار كېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان بوپتۇ دېگەن سۆز تارقىلىپ كەتكەچكە، خىتاي ئەرزدارلارمۇ ئەتراپقا توشۇپ كەتكەن ئىكەن.

ئۇيغۇر ئەرزدارلارنى تۇتۇشقا 20 دىن ئارتۇق ساقچى ماشىنىسى كەلگەن

ۋۇ ئىسىملىك ئەرزدار تېلېفۇن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى ": بۇ يەرگە 20 دىن ئارتۇق ساقچى ماشىنىسى كەلدى. ئۇيغۇرلارنى ماشىنىغا سېلىپ ئېلىپ كېتىشتى. ئۇلارنى قەيەرگە ئېلىپ كەتتى بىلمىدۇق. ئۇيغۇرلارنى 3 ماشىنىغا سالدى. يەنە بىر ماشىنىدىمۇ لىق ئۇيغۇر بار، ئەمما ئۇلارنى تېخى ئېلىپ كەتمىدى. ئەتراپتا ناھايىتى كۆپ ئادەم بار. "

ئادۋوكات رېن خۇئا، نۆۋەتتە ئەرزدارلارنىڭ چاقماق تېزلىكتە توپلۇشۇپ بولىدىغانلىقىنى، سەيشەنبە كۈنى مەركىزى ھۆكۈمەتتىن باشلىق كېلىدىكەن دېگەن سۆز تارالغاندىن كېيىن، تەرەپ - تەرەپتىن كەلگەن ئەرزدارلارنىڭ نەچچە يۈزدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

17 ‏- نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي ۋە ئولىمپىك مۇراسىمىنىڭ ھارپىسىدا، خىتاينىڭ يۈرگۈزىۋاتقان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى

ئادۋوكات رېن خۇئانىڭ بىلدۈرۈشىچە، 17‏- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا، ئەرزدارلارنى كونترول قىلىش ئۈچۈن، مەركىزى ھۆكۈمەت بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ھەر قايسى جايلارنىڭ ئامال بار بېيجىڭغا كېلىدىغان ئادەم سانىنى ئازايتىشىنى تەلەپ قىلدى. شۇڭا يېقىندىن بۇيان ھەرقايسى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئۈگىنىشلەرنى تەسىس قىلدى.

ھۆكۈمەت 17 ‏- نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي بىلەن ئولىمپىك مۇراسىمىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئەرزدارلارنىڭ ئۆگىنىش كۇرسى ۋە قارا تۈرمىلەرنى تەسىس قىلىپ، كىشىلەرنىڭ ئەركىنلىكىنى بوغماقتا. بۇ كۇرسلار ئولىمپىك يىغىنى ئاخىرلاشقانغا قەدەر داۋاملىشىدىغان بولۇپ، بۇ ھەقتە ئىچكى ھۆججەتلەر تارقىتىلغان. بەزى كىشىلەر بۇ ھۆججەتلەرنى بېيجىڭغا ئېلىپ كەلگەن.

ئادۋوكات رېن خۇئا يەنە مۇنداق دېدى ": ئەرزدارلارنىڭ مەسىلىسى ئەسلىدە ھەل قىلىنىشى كېرەك، ھازىرقىدەك باستۇرۇلسا بۇ تولىمۇ ھاماقەتلىك ھېسابلىنىدۇ. خەلقنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشى، ئېلاستىك پۇرجۇنغا ئوخشايدۇ، سىز قانچە قاتتىق باسسىڭىز، شۇنچە ئىگىز كۆتۈرۈلىدۇ. دېھقانلار يەرلىرىدىن ئايرىلسا، ئاچ قېلىپ ئۆلىدۇ. ھۆكۈمەت ئوچۇق ‏- ئاشكارا بۇلاڭچىلىق قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا بۇنىڭغا ئوخشاش ئەرزلەر ھەل قىلىنمىسا، بۇ مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش نىيىتىنىڭ قەتئىي يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ."

ئۇيغۇر ئەرزدارلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولغان كىشىلەر ، ئاساسەن خىتاي ئەرزدارلار بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇرلار بىلەن پىكىرلىشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ نېمە سەۋەبتىن بېيجىڭغا ئەرز سۇنغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇماتقا ئېرىشەلمىدۇق . ئەمما 100دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئەرزدارنىڭ ئىچىدە ، بىر قىسىملىرىنىڭ تاياقتىن يارىلانغانلىقىنى، بىر قانچە قېرى مومايلارنىڭ ئۆزىنى يەرگە ئۇرۇپ قاتتىق يىغلاپ جار سالغانلىقىنى، ئارقىدىن ماشىنىلاردا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى .

بىز رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا بۇ ھەقتە ئىچكىرىلەپ مەلۇمات بېرىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز. (ئەقىدە)