ئۇيغۇرلار مەسىلىسى گېرمانىيە پارلامېنتىدا
2006.12.21
گېرمانىيە تەشۋىقات ۋاستىلىرىدا11 – ئاينىڭ 24 - 27 – كۈنلىرى ميۇنخېندا چاقىرىلغان 2 – نۆۋەتلىك د ئۇ ق نىڭ خەۋىرى ۋە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ قۇرۇلتاي رەئىسلىكىگە ساقلانغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ تېخى ئايىقى ئۈزۈلمىگەن بىر ۋاقىتتا، د ئۇ ق ۋە رابىيە قادىر خانىمغا ئائىت يەنە بىر خەۋەر مەتبۇئات ساھەسىدە ئېلان قىلىنىپ، كىشىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىگە ئۇلاشتى.
تېخى بىر قانچە كۈن ئىلگىرى ئاشكارە ئېلان قىلىنغان ۋە كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان بۇ خەۋەر، گېرمانىيىدىكى بەش چوڭ پارتىيىنىڭ بىرى بولغان "يېشىللار پارتىيىسى" نىڭ گېرمانىيە پارلامېنتىدىكى باش كاتىپى Volker Beck ئەپەندىنىڭ گېرمانىيە پارلامېنتىدا سۆزلىگەن نۇتقىدىن ئىبارەت.
د ئۇ ق خادىملىرىنىڭ ئېيتىشىچە، Volker Beck ئەپەندىنىڭ بۇ پىكرى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ تۇنجى قېتىم گېرمانىيە پارلامېنتىدا ئاشكارە ئوتتۇرىغا قويۇلىشى ۋە بۇ خەۋەرنىڭ مەتبۇئات ساھەلىرىگە ئاشكارە تارقىتىلىشى بولۇپ ھېساپلىنىدىكەن. ئۇندىن ئىلگىرى گېرمانىيە پارلامېنتىدا كۆرۈشۈلگەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى پارلامېنتتىكى ئايرىم ئورگانلار بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ۋە بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر ئاشكارىلانمىغان ئىدى.
گېرمانىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى جىددى رەۋىشتە ئوتتۇرىغا قويغان يېشىللار پارتىيىسىنىڭ مەسئۇلى Volker Beck ئەپەندى، 2 – نۆۋەتلىك د ئۇ ق ئېچىلىشتىن ئىككى كۈن ئىلگىرى د ئۇ ق نىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن بىۋاستە سۆھبەت ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدىكى پىكىرلىرى قۇرۇلتاي ئاخىرلىشىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن، يەنى 11 – ئاينىڭ 30 – كۈنى، گېرمانىيە فېدېرال جۇمھۇرىيىتى پارلامېنتىنىڭ چوڭ يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
Volker Beck ئەپەندى ئۆز نۇتقىدا گېرمانىيە باش مىنىستېرى Angela Merkel گە ۋە پارلامېنت خادىملىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسى ھەققىدە خىتاب قىلىش بىلەن بىرگە، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى Frank-Walter Steinmeier ئەپەندىگە سوئاللار قويغان.
Volker Beck ئەپەندى ئۆز نۇتقىنى "مەن ئۇنتۇلغان بىر مىللەت ۋە ئۇنىڭ ئۇنتۇلغان ئىنسانىي ھەقلىرى ھەققىدە سۆزلەيمەن. مەن ئالدىنقى ھەپتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئانىسى ۋە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بىلەن كۆرۈشتۈم. مەن "شەرقىي تۈركىستان" دەپ ئاتالغان بۇ ۋەتەن خەلقىنىڭ "ئىسلام تېررورىستلىرى" دېگەن بۆھتان بىلەن ئۇزۇندىن بۇيان خىتاي مەركىزى ھۆكۈمېتى تەرىپىدىن باستۇرۇشقا، ھۇجۇمغا ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يەتتىم، دەپ باشلىغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، يېشىللار پارتىيىسىنىڭ مەسئۇلى Volker Beck ئەپەندىنىڭ پارلامېنت يىغىنىدا، ئالدىنقى ئايدا ئېچىلغان د ئۇ ق ھەققىدە توختىلىپ ئۆتكەنلىكى ۋە رابىيە قادىر خانىمنىڭ گېرمانىيە ھەم ياۋروپا پارلامېنتى مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى، شۇنداقلا Volker Beck ئەپەندىنىڭ نۇقتۇلۇق ھالدا د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ پەرزەنتلىرى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ھەققىدە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئىپادىلىدى.
Volker Beck ئەپەندى گېرمانىيە پارلامېنتىدا 614 ۋەكىلگە سۆزلىگەن نۇتقىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىش بىلەن بىرگە، ئۆزىنىڭ د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن كۆرۈشكەندە ئىگە بولغان ئۇچۇرلىرىنى شەرھىلەپ ئۆتكەن ۋە رابىيە قادىر خانىمنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ قاماققا ئېلىنغانلىقىنى، رابىيە قادىر خانىم د ئۇ ق رەئىسلىكىگە سايلىنىپ ئەتىسىلا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىڭ بىر ئوغلىنى يەتتە يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ ئۆچ ئالغانلىقىنى ھەمدە رابىيە قادىر خانىمنىڭ باشقا پەرزەنتلىرىنىڭ ھاياتىنىڭ خەۋپكە يولۇقىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا گېرمانىيە تاش ئىشلار مىنىستىرىگە مۇراجىئەت قىلىپ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ پەرزەنتلىرىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن جىددىي سۆزلىشىش ئېلىپ بېرىشنى تەكىتلىگەن ۋە خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى، ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرىگە زىيانكەشلىك قىلىش مەسىلىسى ھەققىدە گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنى جىددىي پوزىتسىيە تۇتۇشقا دەۋەت قىلغان.
Volker Beck ئەپەندىنىڭ گېرمانىيە پارلامېنتىدىكى بۇ نۇتقى 12 – ئاينىڭ 15 – 16 – كۈنلىرى ئاشكارە ئېلان قىلىنغاندىن باشلاپ بۈگۈنگە قەدەر، ھەر قايسى مەتبۇئات ۋە تورلاردا كەڭ تارقىتىلماقتا. (ئەكرەم)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- 12 – دېكابىر ھەرىكىتىنىڭ 21 يىللىقى خاتىرىلەندى
- د ئۇ ق نىڭ رەئىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىي ئانىسى رابىيە قادىر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ د ئۇ ق ھەققىدە توختالدى
- رابىيە قادىر خانىم ياۋروپا پارلامېنتىدا
- رابىيە قادىر خانىم باۋارىيىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خادىملىرى بىلەن كۆرۈشتى
- رابىيە خانىم ۋە پائالىيەتچىلەر خىتاينىڭ ئالىم ئابدۇرېھىمنى قولغا ئالغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى
- 2 – نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئاخىرلاشتى